قاراقاشنىڭ ياۋا يېزىسىدا ئاز دېگەندە 10 پىرسەنت ئاھالە قاماق ۋە تۈرمىدە

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.10.16
turme-uyghur-siyasiy-mehbus.jpg تۈرمىگە ئېلىپ كىرىلىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار.
Social Media

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ياۋا يېزىسىدا 700-800 چە كىشىنىڭ كېسىلگەنلىكى، 3000 غا يېقىن كىشىنىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» دە قاماقتا ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم بىناسىغا ماشىنىلىق ھۇجۇم قىلغان 4 گۇماندار مانا مۇشۇ ياۋا يېزىسىدىن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ياۋا يېزىسىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن 3000 غا يېقىن كىشى نۆۋەتتە قاراقاش ناھىيىسىدىكى بوستانكۆل «تەربىيەلەش مەركىزى» قاتارلىق 3 مەركەزدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

«يېپىق تەربىيەلەش» ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمىدە، بولۇپمۇ تۇتقۇنلار سانىدا يەنىلا ئوخشىمىغان پەرقلەر مەۋجۇت. ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا قاراقاشنىڭ ئاقاساراي يېزىسىدا 2000 دىن ئارتۇق، پۇرچاقچى يېزىسىدا بولسا 4000 ئەتراپىدا كىشىنىڭ «تەربىيەلەش» تە ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان. بۇ ھەپتىدىكى ئېنىقلىشىمزىدا قاراقاشنىڭ ياۋا يېزىسىدىكى تۇتقۇنلار ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. يېزىلىق ئەدلىيە پونكىتىدا ئىشلەيدىغان بىر خادىم، يېزىدا «تەربىيەلەش» كە ئاپىرىلغانلار سانىنىڭ 3000 غا، كېسىۋېتىلگەنلەرنىڭ بولسا 700-800 گە يېقىنلاشقانلىقىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ياۋا يېزىسىدىن تۇتۇلغان بۇ 3 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ كۆپىنچىسى قاراقاش ناھىيىسىدىكى بوستانكۆل، پويىز ئىستانسىسى، 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە پېداگوگىكا مەكتىپى قاتارلىق 4 ئورۇندىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» گە قامالغان.

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياۋا يېزىسى جەمئىي 22 كەنت، 30586 نوپۇستىن تەشكىللەنگەن. يېزا نوپۇسىنىڭ 99. 86 پىرسەنتى ئۇيغۇر. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئاھالىلەر نوپۇسىنىڭ ئاز دېگەندە 10 پىرسەنتىنىڭ قاماق ۋە تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەرنىڭ بۇ نىسبەتنى زادى قانچىگە يەتكۈزىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

كەنت سېكرېتارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كەنتلەردە يەنە كۈنىگە نەچچىلىگەن كىشى تۇتۇلماقتا.

قاراقاشنىڭ ناھىيىسىنىڭ ياۋا يېزىسىدا بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا چېن چۈەنگە ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قاراقاش پارتكوم بىناىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەنى توختىمەمەت تۇرسۇننىياز، نۇرمەمەت تۇرسۇننىياز ۋە ئابدۇلېتىپ مەتتۇرسۇن قاتارلىق 4 كىشى ئېلىپ بارغان. ۋەقە چېن چۈەنگە دەۋرىدىكى تۇنجى ۋەقە سۈپىتىدە خىتاي ۋە خەلقائارا مەتبۇئاتلاردا كەڭ ئورۇن ئالغان ئىدى. خىتاي ئاخباراتى بۇ ۋەقەنىمۇ تېررورلۇق بىلەن ئەيپلىگەن، ئەمما بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر، ھۇجۇم خىتاينىڭ بىر ھاكىمىيەت ئورگىنىغا، بولۇپمۇ پارتكوم بىناسىنى مۇداپىئە قىلىۋاتقان خىتاي قوراللىق كۈچلىرىگە قارىتىلغانلىقى ئۈچۈن ۋەقەنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەشكە بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.