22-ماي سەھەر سائەت 6 گە يېقىن ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى باغچە شىمالىي كوچىسىدىكى ئەتىگەنلىك بازاردا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرىنى خىتاي بۈگۈن «بىر قېتىملىق خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ بولغان ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئېلان قىلدى.
ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇننىڭ يېقىن ئەتراپىغا خەلق باغچىسى، ئۈرۈمچى ھۆكۈمەت مەمۇرىي بىناسى، سايباغ رايونلۇق ھۆكۈمەت، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت سارىيى، بىڭتۇەن كۈندىلىك گېزىتى، ئاپتونوم رايونلۇق باسما زاۋۇتى، ئورمانچىلىق نازارىتى، سۇچىلىق نازارەتلىرى ۋە 5-ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىقلار جايلاشقان بولۇپ، بۇ جاي ئۈرۈمچىدىكى ئىدارە-ئورگانلارنىڭ ئائىلىلىكلەر بىنا ۋە رايونلىرى ئىنتايىن زىچ ئورۇننىڭ بىرى.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى دائىرىلىرى دەرھال زور، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ مۇقىملىقنى ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قاتتىق كونترول قىلىش، ۋەقە ھەققىدە جامائەت پىكرىنىڭ يېيىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئالغان بولۇپ، ۋەقەدە يارىلانغانلار توشۇلغان دوختۇرخانا، دېلوغا مەسئۇل ساقچىخانا ۋە ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇننىڭ مەلۇم دائىرىسىدە تېلېفون ئۇلىنىشنىمۇ قاتتىق كونترول قىلغان. بىر قانچە سائەتلىك تىرىشچانلىقلاردىن كېيىن ئاخىرى ۋەقە يۈز بەرگەن باغچە شىمالىي كوچىسىدىكى بىر قىسىم دۇكان ۋە ئەتراپتا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر بىلەن ئالاقە باغلىدۇق.
ئالدى بىلەن باغچە شىمالىي كوچىسىغا ئەڭ يېقىندىكى ساقچىخانا بولغان ياڭزىجاڭ يولى ساقچىخانىسىغا تېلېفون ئۇلىدۇق، جاۋاب بەرگەن خىتاي ساقچى، گەرچە ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولسىمۇ، ۋەقە ھەققىدە بىزنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئېيتىپ، بىزنىڭ دائىرىلەر تارقاتقان ئاخباراتقا ئاساسلىنىشىمىزنى ۋە باشقا سوئاللار بولسا، ساقچى باش ئىدارىسى تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ ساقچى يەنە ئۈرۈمچى ۋە ۋەقە يۈز بەرگەن بازارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋابەن ھەممە ئىشلار جايىدا نورمال، دۇكانلارمۇ نورمال ئېچىلىۋاتىدۇ دېدى.
ئەمما دەل پارتلاش يۈز بەرگەن كوچىغا جايلاشقان بىر قازاق ئاشخانىسىنىڭ خوجايىنى دۇكانلارنىڭ ساقچىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بۈگۈن سودا قىلماي تاقالغانلىقىنى ئېيتتى.
باغچە شىمالىي كوچىسىدىكى تيەنگۇڭ مېھمانسارىيىنىڭ خوجايىنى، مېھمانساراينىڭ پارتلاش يۈز بەرگەن جايغا ئىنتايىن يېقىنقلىقىنى، پارتلاش بولغاندىن كېيىن ھەممە يەرنىڭ تاقالغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ساراينى داۋاملىق ئېچىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئەمدى بۇ جايدا ئەتىگەنلىك بازارغا يول قويمايدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ خىتاي يەنە، بۇ خىل ۋەقەلەر كۆپ يۈز بەرگەچكە ئۆزىنىڭ ئانچە قورقۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «بىز كۆنۈپ قالدۇق» دېدى.
يارىدارلار ئېلىپ بېرىلغان ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىن بىر خىتاي سېسترا ۋەقە ھەققىدە ھېچقانداق جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى.
ۋەقە يۈز بەرگەن كوچىغا يېقىن جايدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىن بىرىمۇ ئوخشاشلا سەزگۈرلۈك ئىپادىلىدى.
بۇ كوچىدا كىچىك شەخسى ئامبۇلاتورىيە ئاچقان بىر دوختۇرمۇ دۇكىنىنى تاقىغانلىقىنى، ئادەتتە ئەتىگەنلىك بازارغا بېرىپ تۇرسىمۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە ئۆزىنىڭ مەيداندا يوقلۇقىنى ئېيتتى ۋە كوچىدا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بولغاچقا قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغىمۇ قاتناشتۇرمىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ جايدىكى ئەتىگەنلىك بازارنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ دائىم ئادەم جىق كېلىدىغان بازا ئىكەن ۋە دۇكانلارمۇ كۆپ بولۇپ ۋەقەنىڭ تەسىرىمۇ ئېغىر بولغان.
ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچى دائىرىلىرى سايباغ رايونى ۋە تەڭرىتاغ رايونىدىكى 8 چوڭ ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك بازارلارنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى، گەرچە دائىرىلەر بۇنىڭغا بازاردىن پەيدا بولغان شاۋقۇن ۋە تازىلىق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، كۆزەتكۈچىلەردە دائىرىلەرنىڭ ئۈرۈمچى جەنۇب ۋوگزال ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ خىل ئادەم ئېقىمى كۆپ بازارلارنى تاقىشىدا بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن دېگەن گۇمانلارنى پەيدا قىلغان ئىدى، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي پۇقرالىرى كۆپ توپلىنىدىغان باغچە شىمالىي كوچىسىدىكى ئەتىگەنلىك بازاردا پەيشەنبە كۈنى يەنە بىر زور پارتلاش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى بۇ خىل گۇمانلارنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى ئىپادىلىمەكتە.