ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر ساھەسىدە «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2017-06-07
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئاتاقلىق شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئىمىن ئەخمىدى. 2015-يىلى، قەشقەر
ئاتاقلىق شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئىمىن ئەخمىدى. 2015-يىلى، قەشقەر
RFA

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىمۇ كەڭ كۆلەملىك ھالدا قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىرلاردىن «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە بولغان قاراشلىرىنى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەشنى شۇنداقلا كومپارتىيىگە بولغان سادىقلىقىنى بىلدۈرۈپ ۋەدىنامە ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى، شائىر ئىمىن ئەخمىدى ئۇيغۇر رايونىدا تونۇلغان پېشقەدەم شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمانلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى مەزكۇر ھەرىكەتكە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى، شائىر ئىمىن ئەخمىدى بۈگۈن تېلېفون زىيارىتىمىزنى ئوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە توختالدى.

شائىر ئىمىن ئەخمىدى،ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ خەيلۈننىڭ يېتەكچىلىكىدە چاقىرىلغان ئەدەبىيات سەنئەت ساھەسىدىكىلەر يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىرلىرىغا ئالاھىدە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچلەر»گە قارشى تۇرۇش ھەققىدە سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا شائىر ئىمىن ئەخمىدى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر قىسىم نوپۇزلۇق ژۇرنال باش تەھرىرلىرىنىڭ ماقالە ئېلان قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ، «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە بولغان مەيدانىنى بىلدۈرگەنلىكىنى شۇنداقلا «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئۈچ خىل كۈچلەر»گە قارشى بىر قىسىم شېئىر ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.

بىز شائىر ئىمىن ئەخمىدىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن، «تارىم»ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ياسىن زىلالغا تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭ «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى ئېلان قىلغان ماقالىسى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، بىراق تېلېفونىمىز ئېلىنمىدى.

زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا شائىر ئىمىن ئەخمىدى،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر قانچە يىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىن چىقىدىغان «خىتايغا نەزەر»ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى،مانجۇ يازغۇچى مېڭشا خانىم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدەبىي-سەنئەتچىلەر ساھەسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل سىياسىي ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى، يەنى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەرنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ مەقسىتى بولسا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە زور تازىلاش ئېلىپ بېرىش، باستۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىگە تىنچ مۇھىت يارىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىرلىرىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىل سىياسىي بېسىملارنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان «مېڭە يۇيۇش» ھەرىكىتى دەپ ئەيىبلىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت