«خىتايدا ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە دېموكراتىيە ئۇپۇقى» خەلقئارالىق يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.10.04
ilshat-hesen-nyu-york-yighin.jpg «خىتايدا ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە دېموكراتىيە ئۇپۇقى» خەلقئارالىق يىغىنىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلماقتا. 2016-يىلى 3-ئۆكتەبىر، نيۇ يورك.
Photo: RFA

نيۇ يورك شەھىرىدە ئېچىلغان «خىتايدا ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە دېموكراتىيە ئۇپۇقى» تېمىسىدىكى ئۈچ كۈنلۈك خەلقئارالىق يىغىندا خىتايدىكى دىكتاتورىلىق ئاساسىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ھاكىممۇتلەق سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئاخىرلىشىش ئېھتىماللىقى ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن بولغان مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى. شۇ قاتاردا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغالى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارى ۋە تىبەت رايونىنىڭ ئەھۋالىمۇ مۇھاكىمە قىلىندى.

نيۇ يورك شەھىرىدىكى شېراتون مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا 2- ئۆكتەبىردىن 4- ئۆكتەبىرگىچە «خىتايدا ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە دېموكراتىيە ئۇپۇقى» خەلقئارالىق يىغىنى چاقىرىلدى. «ئادالەت ۋە رەزىللىكنىڭ كۈرىشى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى ھەمدە تاللىشى» دەپ قوشۇمچە ماۋزۇ قويۇلغان مەزكۇر يىغىننى «خىتاي دېموكراتىيە مۇنبىرى» ۋە نيو يورك ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا ئامېرىكا، تەيۋەن، كانادا ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپا قىتئەسىدىن بولۇپ ئەللىك نەچچە ۋەكىل ئىشتىراك قىلدى.

يىغىندىكى مەركىزى نۇقتا خىتاي دۆلىتىنىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيانقى سىياسىي ۋەزىيەت ھەمدە يېقىن كەلگۈسىدە خىتايدا كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر بولدى. يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئىنگلىز ۋە خىتاي تىللىرى ساھەسىدىكى ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلىرىنى بىر سەھنىگە توپلاپ خىتايدا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بەرگۈسى دېموكراتىك ئىنقىلابقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىش بولۇپ، مۇشۇ مەقسەتتە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ۋە «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ تەشكىللىگۈچىسى ئەنۋەرجان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئورتاق قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ھازىر ئىنتايىن قۇدرەت تاپقان بىر سىياسىي ۋە ھەربىي كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇ «تېشى پال- پال، ئىچى غال- غال» شەكىلدە مەۋجۇت بولماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاۋام پۇقرالارنىڭ ھاكىمىيەتكە بولغان نارازىلىقى، خىتايدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، شۇنىڭدەك دېموكراتىيە دولقۇنلىرىنىڭ دىكتاتورىلىق ئاساسىدىكى ھاكىمىيەتكە ئۈزلۈكسىز خىرىس قىلىشى بۇ خىل يۈزلىنىشنى جەزمەن ۋۇجۇدقا چىقىرىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشكە قانداق تەييارلىقتا بولۇش خىتايدىكى زىيالىيلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى ھېسابلىنىدىكەن.

مەزكۇر يىغىنغا ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەنۋەرجان ياۋروپادا تەشكىللەنگەن «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ يىغىننىڭ تۇنجى كۈنىدە يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بولغان خىتاي دېموكراتلىرىغا ئىلھام توختى مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەھۋالىنى تېخىمۇ تەپسىلىي ئاڭلاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىرتەرەپلىمە قاراشلارنى تۈگىتىش ھەققىدە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا چۈشەنچە بېرىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ يىغىندا سۆزلىگەن سۆزىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ:

يىغىندا قىزغىن مۇزاكىرە قىلىنغان يەنە بىر مەسىلە تىبەتلەرنىڭ دالاي لاما باشچىلىقىدا «ئوتتۇرا يول» ئىدىيىسىنى يولغا قويۇشى ھەمدە بۇنىڭ پايدا زىيىنى ھەققىدە بولدى.

دالاي لامانىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى كۇنگا تاشى «ئوتتۇرا يول» ئىدىيىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەمدە ئۇنىڭ كېيىنكى نەتىجىسى ھەققىدە دوكلات بەردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، گەرچە مەزكۇر يېتەكچى ئىدىيە يولغا قويۇلغاندىن بېرى كۆزگە چېلىقارلىق زور بىر نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولسىمۇ، تىبەتلەرنىڭ ۋە خىتايلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغاندا بۇ يېتەكچى ئىدىيە يەنىلا رېئال ئەھمىيەتكە ئېگە ئىكەن.

يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان ئېلشات ھەسەن بۇ جەھەتتە باشقىچە كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ «شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيەتچىلىك سىياسىتى ھەمدە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى» سەرلەۋھىلىك نۇتقىدا خۇ جىنتاۋ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان مەزگىلدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن نوپۇس كۆچۈرۈش، بىڭتۇەنگە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق سىياسىي تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇقىملىقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ بۇ خىل سىياسەتلەرنى « ۋاڭ لېچۇەنگە ئوخشاش تېررورلۇقنى ۋاسىتە قىلىپ دۆلەت مەبلىغىنى تالان تاراج قىلغان بىر تۈركۈم يەرلىك زومىگەرلەرنى يېتىلدۈردى» دېدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن كۆرۈنۈشتە يۇمشاق سىياسەتلەرنى يولغا قويغان، بۇنىڭغا ماس ھالدا جاڭ چۈنشيەن ۋاڭ لېچۇەننىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ باش سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئەمما رېئاللىق ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي تەدبىرلەرنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ كۈچەيگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ھەربىي ۋە ساقچىلارنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇنتىزىملاشقانلىقىنى نامايان قىلغان. شۇڭا ئۇنىڭ پىكرىچە ھازىرقى رېئاللىق، بولۇپمۇ ئىلھام توختىدەك بىر «ئوتتۇرا يول» ئىدىيىسىگە ئىگە بىر زىيالىينىڭ مەڭگۈلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تەدبىرلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تىنچ شەكىلدە ھەل بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقىرىدۇ.

ئىلشات ھەسەن مۇشۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى ھازىر تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ ئەھۋاللارنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئاز تولا ياخشىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە بىرەر ئۇچۇر يوقلۇقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي دېموكراتلىرى ئوتتۇرىغا قويغان «خىتاي دېموكراتىيىلەشكەن» مەزگىلدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىشتا يەنىلا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى قارار چىقىرىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىنغا مۇتەخەسسىسلەردىن باشقا ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار، ھەر ساھە كىشىلىرى قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلغۇچىلاردىن ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدىكى سوئاللار سورىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.