ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر مۇھاجىرلار مەسىلىسىگە ئائىت يىغىن ئېچىلدى

ئارسلان
2017-11-30
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر مۇھاجىرلار توغرىسىدا ئېچىلغان يىغىندىن بىر خاتىرە. 2017-يىلى 30-نويابىر.
ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر مۇھاجىرلار توغرىسىدا ئېچىلغان يىغىندىن بىر خاتىرە. 2017-يىلى 30-نويابىر.
RFA/Arslan

28-نويابىر كۈنى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللا ئاياز ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تۈركمەن، سۈرىيە ۋە ئىراق تۈركلىرىنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىنغا تۈركىي مىللەتلەر جەمئىيەتلىرىنىڭ رەئىسلىرى ۋە ياكى ۋەكىللىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. ئىستانبۇل كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھۈسەيىن ئەلگۆرمۇش ئەپەندىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئېچىلغان يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل چىنگىز قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

يىغىندا ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىن مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىپ پاناھلانغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار، سۈرىيە ۋە ئىراق تۈركمەنلىرى، كەركۆك ۋە مۇۋسۇلدىن قېچىپ كەلگەن تۈركمەنلەر، ئافغانىستاندىن كەلگەن ئۆزبېكلەر قاتارلىق مۇساپىرلارنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

بىز بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانداق مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل چىنگىز بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل چىنگىز بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىغىن بولدى. چۈنكى تۇنجى قېتىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن دۆلەتنىڭ رەسمىي ئەربابلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، تۈركىيەدىكى كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. يىغىندا كۆچمەن مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ۋە مەسئۇللارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى تەكىتلەندى. يىغىن مۇزاكىرىسىدىكى يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، تۈركىيەدىن پاناھلىق تەلەپ قىلغان ۋە ياكى خەلقئارالىق ئورگانلاردىن پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل بولغان ھەر قانداق بىر قېرىنداش مىللەت كىشىلىرى، خۇسۇسەن ھېچ بىر ئۇيغۇر، ھېچ بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىغا كاپالەت بېرىلىش تەلەپ قىلىندى.»

بۇ يىغىندا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامەت ئېلىشى، ئىقامەت ئالغانلارنىڭ خىزمەت قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلىشى، دوختۇرخانىدا ھەقسىز داۋالىنىشى، ئىقامىتى يوق ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭمۇ مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىشى، خۇسۇسەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جەمئىي 12 تۈرلۈك مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشى تەلەپ قىلىندى.

ئىسمائىل چىنگىز ۋە ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا يەنە ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلغۇچى ئۇيغۇرلاردىن تۈرك پۇقرالىقىدىكى بىر كىشىنىڭ كېپىل بولۇش شەرتىنى بىكار قىلىش، ئۆسمۈرلەر ئىقامەت ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغاندا ئاتا-ئانىسىنىڭ تەستىقىنى تەلەپ قىلماسلىق، ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسى تېز سۈرئەتتە تەستىقلىنىپ چىقىش، ئىنسانپەرۋەرلىك تۈردىكى مۇددىتى 1 يىللىق ئىقامەتلەرنىڭ ئورنىغا ئومۇميۈزلۈك ئۇزۇن مۇددەتلىك ياكى مۇددەتسىز ئىقامەت بېرىش قاتارلىق تەلەپلەر مۇزاكىرىگە قويۇلغان.

يىغىندا يەنە تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ پاسپورت ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش كىملىك بەلگىلىرى بولمىغان ۋە ياكى يوقاپ كەتكەنلەرگىمۇ ئىقامەت بېرىش تەلەپ قىلىنغان. بۇ ھەقتە ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان مۇنداق دېدى: «تايلاند ۋە ياكى مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كىرىشتە ئايرودرومدا ئالغان ساياھەت پاسپورتى يوقاپ كەتكەنلەرنىڭمۇ ئىقامەت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش، ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن تەستىقلانغان تۇغۇت ئىسپاتىنى تەلەپ قىلىش شەرتىنى بىكار قىلىش، قولىدا ھېچ قانداق كىملىك ياكى قانۇنىي ھۆججىتى بولمىغانلارنىڭمۇ ئىقامەت ئىلتىماسى قوبۇل بولۇش، كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن توختىتىپ قويۇلغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش، جىنايى پاكىتى ئېنىق بولمىغان ئۇيغۇرلارنى قالايمىقان تۇتقۇن قىلماسلىق، 2017-يىلى 1-يانۋاردىن بۇرۇن ۋە ياكى كېيىن تۈركىيەگە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىقامەت بېرىش تەلەپ قىلىندى.»

ئىسمائىل چىنگىز ئەپەندى بۇ يىغىننى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: «نەتىجە ئېتىبارى بىلەن بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم مەسىلىلەردىن شۇكى ئىپادىلەيمەنكى، شەرقىي تۈركىستان، ئافغانىستان، سۈرىيە ۋە ئىراقتىن تۈركىيەگە كېلىپ پاناھلانغان قانداش مىللەتلەر، تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى، زۇلۇم، بېسىم ۋە ئىچكى ئۇرۇشقا دۇچ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىپ تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاتتۇق بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ياشاش مۇھىتىغا ماسلىشىشى، خۇسۇسەن ياشلارنى تەربىيىلەپ جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈش، كەسپىي ساھەلەردە كۇرسلاردا ئوقۇتۇپ كەسىپلىشىشى ئۈچۈن ئىجرا قىلىدىغان پىلان-لايىھەلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-ئورگانلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردۇق.»

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇ مەسىلىلەرگە جىددىي قارايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى، بەزى مەسىلىلەرنى يۇقىرىغا تەلەپ شەكىلدە سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىسمائىل چىنگىز ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئەنقەرەدە تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ، كۆچمەن-مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن بۇ قېتىم ئىستانبۇلدا مەخسۇس كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ يىغىننىڭ ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت