ئۈرۈمچى ئايرودروم ساقچىلىرى ئايرودرومدا ۋەقە چىققانلىقىنى رەت قىلمىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.08.17
xoten-ayrodrom-305.jpg خوتەن ئايرودرومى. 2011-يىلى ئۆكتەبىر.
RFA

تۈنۈگۈن شىۋېتسىيەدىكى شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى ئۆتكەن ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا ۋەقە چىققانلىقى، ۋەقەدە ئۇيغۇر پىدائىيلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ توقۇنۇشقانلىقى ھەققىدە بىر خەۋەر بەردى. خەۋەردە دېيىلىشىچە بۇ ۋەقە ئاخباراتتىن يوشۇرۇلغان، ھەتتا بۇ ھەقتە جامائەت سورۇنلىرىدا گەپ قىلىشمۇ چەكلەنگەن. مۇخبىرىمىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن بۈگۈن ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا تېلېفون قىلىپ ساقچى خادىملىرىدىن مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات سورىدى. بىر نەپەر خادىم ۋەقە ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئۇچۇر بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئېيتسا؛ يەنە بىر نەپىرى بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار ھەرقانداق ئۇچۇرنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئەمما ھەر ئىككىسى ئۆتكەن ھەپتە ئايرودرومدا ۋەقە چىققانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

بىز يۇقىرىقى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئۈرۈمچى ئايرودرومىنىڭ ساقچىخاننىسىغا تېلېفون قىلدۇق.

مەزكۇر خادىم بۇ ۋەقەنى ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى نازارىتىدىن سورىشىمىز كېرەكلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز ۋەقەدە ئېتىۋېتىلگەن كىشىلەرنىڭ سانىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ سوئالغا تېلېفوندا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ۋە بىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلەش ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا بېرىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى. مەزكۇر ساقچىخانىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر خادىم بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ سىر تۇتۇلىدىغانلىقى ۋە ئۆزىگە بىلدۈرۈلمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بىز ئاندىن ساقچى ئىدارىسىنىڭ يەنە بىر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق. بۆلۈمدىكى خادىممۇ ئايرودرومدا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى. بىز ئۇنىڭدىن ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇننى سورىدۇق، ئۇ بۇ سوئالغا تېلېفوندا جاۋاب بېرىشنىڭ قۇلايسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئارقىدىن بىز ۋەقە يۈز بەرگەن كۈن ۋە ۋاقىتنى سورىدۇق، ئۇ بۆ سوئالىمىزغىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز يەنە ئارقىدىن، ئۆزىنىڭ ۋەقەنى بىلمەيدىغانلىقى ياكى جاۋاب بېرىشكە ھوقۇقى يوقلۇقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ مەخپىي ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، بىز ئۇنىڭدىن ۋەقەدە بىگۇناھ ئاممىدىن ئۆلگەن يارىلانغانلار بولۇپ-بولمىغانلىقىنى سورىدۇق؛ ئۇ بۇ سوئالىمىزغىمۇ، بۇ ئۇچۇرنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەر ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى بولساق پەقەت ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا بېرىپ خىزمەت كىنىشكىمىز ۋە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ رۇخسەت خېتىنى كۆرسىتىشىمىز كېرەكلىكىنى ئاندىن جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ۋەقەنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئىكەنلىكىنى تەكرارلىدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى 2008-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى گۈزەلنۇر تۇردى ئىسىملىك 18 ياشلىق بىر قىزنىڭ ئايروپىلانغا ئوت قويۇشقا ئۇرۇنغاندا تۇتۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان؛ بۇلتۇر يەنە 6 نەپەر ئۇيغۇر پىدائىينىڭ خوتەندىن ئۇچقان خىتاي ئايروپىلانىنى ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇنغاندا بويسۇندۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئايرودرومدا ۋەقە چىققانلىقىغا ئائىت غەيرىي رەسمىي ئۇچۇرلار پات-پات تارقىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ رەسمىي ئاخباراتلىرىدا بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىلمىگەن. يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا راستىنىلا بىر ۋەقە چىققانلىقى ئاشكارىلانماقتا، ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى يەنىلا سىرلىقلىقىنى ساقلىماقتا. بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي تەرەپنىڭ جەمئىيەتتە ۋەھىمە ۋە پات-پاراقچىلىق پەيدا بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىپ ئايرودروم قاتارلىق نازۇك جايلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.