ئۇيغۇرلارنىڭ قايغۇسى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە ناخشا-ئۇسۇل بىلەن تونۇتۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.10.25
qayghu-ussul-rehime-tara-1.jpg

گېرمانىيەدە تونۇلغان ئۇسسۇلچى تارا كاتېرىنە پاندېيا خانىم كۆرسەتكەن «قايغۇ» ناملىق ئۇسسۇلدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 20-ئۆكتەبىر، گېرمانىيە. RFA/Erkin Tarim

qayghu-ussul-rehime-tara-2.jpg

لوندون ئانسامبىلىنىڭ ناخشىچىسى رەھىمە خانىم سازەندىلەر بىلەن نومۇر كۆرسەتمەكتە. 2017-يىلى 20-ئۆكتەبىر، گېرمانىيە. RFA/Erkin Tarim

qayghu-ussul-rehime-tara-3.jpg

گېرمانىيەدە تونۇلغان ئۇسسۇلچى تارا كاتېرىنە پاندېيا خانىم ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينىماقتا. 2017-يىلى 20-ئۆكتەبىر، گېرمانىيە. RFA/Erkin Tarim

qayghu-ussul-rehime-tara-4.jpg

گېرمانىيەدە تونۇلغان ئۇسسۇلچى تارا كاتېرىنە پاندېيا خانىم تەييارلاپ كەلگەن ئۇسۇللىرىنى تاماشىبىنلارغا تەقدىم قىلماقتا. 2017-يىلى 20-ئۆكتەبىر، گېرمانىيە. RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى خىرىسقا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندىكى دۇنيا مەدەنىيەت ئۆيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى «قايغۇ» ناملىق ئۇسۇل بىلەن تونۇتۇلدى. 20-21-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە لوندوندا ياشاۋاتقان سەنئەتكار رەھىمە مەخمۇت خانىم سازەندىلەر بىلەن بىرگە بېرلىنغا بېرىپ، ئۇيغۇر ناخشىلىرىدىن ئۆرنەكلەر سۇنغان بولۇپ، تونۇلغان نېمىس ئۇسسۇلچى تارا كاتېرىنە پاندېيا خانىم بۇ ناخشىلارغا ئۇسۇل ئوينىغان.

ئۇيغۇر سەنئەتكار رەھىمە مەخمۇت خانىم بۇ پائالىيەتنىڭ يېڭىلىق ياراتقان سەنئەتچىلەرنىڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن بىر سەنئەت كۆرۈكى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تارا خانىم گېرمانىيەدە تونۇلغان بىر ئۇسسۇلچى بولۇپ، ئۇ رەھىمە مەخمۇت خانىم بىلەن 4 ئايدىن بېرى ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرچە ناخشىلارغا ئۇسۇل ئويناش ئارقىلىق، 4 خىل ھېسسىياتنى ئىپادىلەش پىلانى بىلەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئىدى.

رەھىمە مەخمۇت خانىم ئۆزلىرىنىڭ ئىككى كېچە ئويۇن قويغانلىقىنى، بۇ ئويۇنغا گېرمان مۇزىكا تەتقىقاتچىلىرى، سەنئەتچىلەر ۋە ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرچە ناخشىلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.

رەھىمە مەخمۇت خانىم تارا كاتېرىنە پاندېيا خانىم ئوينىغان «قايغۇ» ناملىق ئۇسسۇلىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى قايغۇلۇق ۋەزىيىتىگە ئاتاپ ئورۇندالغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم بىر پائالىيەت بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندىكى دۇنيا مەدەنىيەت ئۆيىدە مەزكۇر ئويۇننى كۆرگەن بېرلىندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى بۇ سەنئەت كېچىلىكىدە رەھىمە مەخمۇت خانىم ئېيتقان ئۇيغۇرچە ناخشا بىلەن تارا كاتېرىنە پاندېيا خانىم ئورۇندىغان ئۇسسۇلنىڭ، تاماشىبىنلارنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى گېرمانىيەلىك ئۇسسۇلچى تارا خانىم بىلەن رەھىمە مەخمۇت باشچىلىقىدىكى سەنئەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ ناخشا-ئۇسۇل بۇ قېتىمقى كۆرەكتە تاللانسا 4-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.