د ئۇ ق 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاخىرلاشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017-11-07
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
د ئۇ ق 5-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا خاتىرە سۈرەت. 2016-يىلى 13-ئىيۇل، پارىژ.
د ئۇ ق 5-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا خاتىرە سۈرەت. 2016-يىلى 13-ئىيۇل، پارىژ.
RFA

6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتى تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ نەتىجىلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

5-نويابىر كۈنى 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتىنىڭ ئاخىرقى تېلېفون يىغىنى چاقىرىلىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تولۇق خۇلاسىلىگەن. 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 130 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشماقچى بولغان 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى.

بۈگۈن بۇ خۇسۇستا بىزنى مەلۇمات بىلەن تەمىنلىگەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى، 6-قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتى ئەزاسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ توغرۇلۇق توختالغاندا، 6-قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇكەممەل تاماملانغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق باش كاتىپى، 6-قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتى مەسئۇلى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە كونكرېت ئۇچۇر بەردى. پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى سۆزىدە، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينى ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەپلەردىن قىزغىن قوللىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى، ميۇنخېندىكى چوڭلار مەشرىپىنىڭ قازىسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بولسا، 5-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپتە 6-قۇرۇلتاينىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن مەشرەپ ئەھلىگە كونكرېت ۋەزىپىلەر تاپشۇرغان ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا، ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا قەدەم تەشرىپ قىلغان مېھمانلارنى ياخشى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى سۆزىدە، د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىدىغانلىقىنىمۇ قەيت قىلدى.

د ئۇ ق خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 6-قۇرۇلتايغا قاتناشماقچى بولغان ۋەكىللەرنىڭ بىرقىسمى گېرمانىيەگە كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئومۇمىي ۋەكىللەر 9-نويابىر ميۇنخېن شەھىرىگە تولۇق جەم بولىدىكەن.

د ئۇ ق نىڭ 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە چاقىرىلغان بولۇپ، د ئۇ ق دا ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان قۇرۇلتاي، بۇ قېتىم تەشكىلات ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىچكى كرىزىسلارنى ھەل قىلىش زۆرۈرىيىتى ۋە كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى سەۋەبلىك مۇددەتتىن بۇرۇن چاقىرىلماقچى بولغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت