ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسى قىزىل تەشۋىقاتقا يۈزلەندۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.11.06
qizil-senet-chen-chuengo.jpg ئۇيغۇر سەنئەتكارلار قىزىل ئارمىيەنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى مەدھىيىلىمەكتە. 2017-يىلى كۈز. (ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Social Media

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىنقى خەۋەرلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارا بولۇۋاتقان ئۈن-سىن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىنى جىددىي رەۋىشتە قىزىل تەشۋىقاتقا يۈزلەندۈرمەكتىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 9-ئاينىڭ 29-كۈنى خەلق سارىيىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن «پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرى تەڭرىتاغدا چاقنىدى» ناملىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن. بۇ كېچىلىكتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ۋە تەدبىرلىرىگە مەدھىيە ئوقۇلغان.

مەزكۇر كېچىلىك «كومپارتىيە بولمىغان بولسا يېڭى جۇڭگو بولمىغان بولاتتى» دېگەن خور بىلەن ئاياغلاشقان.

بۇنىڭ ئالدىدا، يەنى 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا ئۆمىكى تەييارلىغان «مۇزتاغقا كەلگەن مېھمان» ناملىق قىزىل ئوپېرا قاتناشتۇرۇلغان ئىدى.

خەۋەرلەردە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى داڭلىق ئارتىسلارنىڭ يېقىنقى ئايلاردا ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»، «ئىككى يۈزلىمىلىككە قارشى تۇرۇش» نى تېما قىلغان شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان نۆۋەتتىكى سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە ماسلىشىدىغان تەشۋىقات ئويۇنلىرىنى ئورۇنداۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

يېقىندا يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي قىزىل ئارمىيىسىنىڭ بۇرۇنقى كىيىمىنى كىيگەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ، قىزىل ئارمىيىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى ھەققىدىكى ئۈن-سىن كۆرۈنۈشلىرى تارقالدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇنىڭغا قايتۇرۇلغان ئىنكاسلاردا «قىزىل ئارمىيىنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغانلار ئارىسىدا داڭلىق ناخشىچى مۆمىنجان ئابدۇرېھىمدىن باشقا، تۇنجى تور سودىسى پەنلىرى دوكتور ئابدۇراخمان، گرافىك لايىھەلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى شىرئەلى، بىلگىيار شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەد ئېلى، ساخاۋەتچى ئەترەت ۋەكىللىرىدىن تۇرسۇنئاي، ياۋرو-ئاسىيا سودا يەرمەنكىسىنىڭ پىلانلىغۇچىسى دىلئارام قاتارلىقلارمۇ بار...» دەپ يېزىلغان.

بۇ ھەقتىكى قىسقا سىن كۆرۈنۈشلىرىدە، بىر توپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي تايانچ بازىسى» دا خىتاي قىزىل ئارمىيەسىنىڭ فورمىسىنى كىيىپ پىيادە يول يۈرۈۋاتقان، چىغ چورۇق توقۇۋاتقان، قىزىل ناخشا ئېيتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى تەسۋىرلەنگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى يېقىندا ھەر قايسى ساھەلەردىكى داڭدار ئۇيغۇر ياشلىرىدىن «قىزىل ئارمىيىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى» تەشكىللىگەن ئىكەن. بۇ گۇرۇپپا جىڭگاڭشەن تېغىنى زىيارەت قىلدۇرۇلۇپ، خىتاي قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئەينى چاغدىكى تۇرمۇشىنى ئۆگىنىش، شۇ ئارقىلىق قىزىل ئارمىيىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى «ئازاد قىلىش جەرياندىكى جاپا-مۇشەققەتلىرىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش» نى، مەقسەت قىلغان ئىكەن.

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان قىزىل ئارمىيە كىيىمىنى كىيىۋالغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ كۆرۈنۈشىنى كۆرگەندىن كېيىن، رادىئومىزدا مەخسۇس بۇ تېمىدا ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ، «خىتاينىڭ 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپىرىگە تەقلىد قىلىپ تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ كۆرۈنۈشلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن،» دەپ كۆرسەتتى.

قەشقەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل-تىياتىر ئۆمىكى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ قەشقەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان خىتاي ئۆلكە (شەھەر) لىرىدە «مىننەتدارلىق ئويۇنى» قويغان.

رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردا، دائىرىلەرنىڭ بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنى بىر ئايلىقتىن ھەربىي مەشىققە تەشكىللىگەنلىكى مەلۇم. رايوندا 6-ئايدىن باشلاپ «ئەسەبىيلىككە قارشى سىياسىي ئۆگىنىش» داۋام قىلىۋاتقان ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىن يېقىندا ئامېرىكىغا كېلىپ يەرلەشكەن، شائىر ۋە رېژىسسور تاھىر ھامۇت ئۇيغۇر سەنئەت ساھەسىنىڭ قىزىللاشتۇرۇلىشىغا ئىنكاس قايتۇردى.

ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىڭ تەشۋىقاتلىرىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كەچتۈرۈپ، ئاتالمىش «جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكى» گە يېتەكلەشنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى. تاھىر ھامۇت، ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ قولغا ئېلىنىشى قاتارلىق ئۆزى بىلگەن مىساللارنى كەلتۈرۈپ، ئىجادىيەتلىرىدە ۋە ئەمگەكلىرىدە خىتاينىڭ سىياسىي ئېقىمىغا ماسلاشمىغان ياكى ئۇنىڭغا قارشى بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنىڭ زەربە بېرىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.