«ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرنى تەيجى گۇمپىسى ئويناشقا مەجبۇرلاش ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ ئوچۇق ئىپادىلىنىشى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-08-23
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
«دۆلەت ناخشىسى ئېيتىپ، تەيجى گۇمپىسى مەشىق قىلىش» دەپ ئىسىم قويۇلغان، خىتايچە يوسۇندا كىيىندۈرۈلگەن ئون مىڭلىغان كىشى «ئون ئىككى مۇقام مەيدانى» دا تەيجى گۇمپىسى ئويناش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 18-ئاۋغۇست، يەكەن ناھىيەسى.
«دۆلەت ناخشىسى ئېيتىپ، تەيجى گۇمپىسى مەشىق قىلىش» دەپ ئىسىم قويۇلغان، خىتايچە يوسۇندا كىيىندۈرۈلگەن ئون مىڭلىغان كىشى «ئون ئىككى مۇقام مەيدانى» دا تەيجى گۇمپىسى ئويناش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 18-ئاۋغۇست، يەكەن ناھىيەسى.
ts.cn

سىلەر ئاڭلاۋاتقان بۇ ئاۋاز 18-ئاۋغۇست كۈنى يەكەن ناھىيىسىدىكى «ئون ئىككى مۇقام مەيدانى» دا ياڭرىغان خىتايچە مۇزىكا ئاۋازىدۇر. شۇ كۈنى مەيداندا تەكشى ھالدا خىتايچە يوسۇندا كىيىندۈرۈلگەن ئون مىڭلىغان كىشى تەيجى گۇمپىسى ئويناش پائالىيىتىگە سېلىندى. تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىگە قارىغاندا، «دۆلەت ناخشىسى ئېيتىپ، تەيجى گۇمپىسى مەشىق قىلىش» دەپ ئىسىم قويۇلغان بۇ پائالىيەتكە يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئاۋات بازىرى، بەشكەنت بازىرى ۋە مىشا يېزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 يېزا، بازاردىن تەشكىللەپ ئېلىپ كېلىنگەن كىشىلەر قاتناشقان. مەزكۇر خەۋەر خىتايدىكى بارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ناھايىتى كەڭ خەۋەر قىلىندى. ئۇلار ئۆز خەۋەرلىرىدە، تۈمەن كىشىلىك «دۆلەت ناخشىسى ئېيتىپ، تەيجى گۇمپىسى مەشىق قىلىش» پائالىيىتى «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش» نى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز، بۇ پائالىيەتكە قانداق كىشىلەرنىڭ قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن يەكەن ناھىيىلىك تەشۋىقات ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. بىراق، تېلېفونىمىزغا چىققان خىتاي خادىم بىزنىڭ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. بۇ خادىم بىزگە «گېزىت -ژۇرناللاردا ھەممە تەپسىلاتلار ئېنىق بېرىلگەنغۇ، مەن ھېچنېمە دەپ بېرەلمەيمەن. ئەڭ ياخشىسى شۇ يەردىن كۆرۈۋال» دېدى.

بىز يەنە يەرلىكتىكى كىشىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەپ بېقىشقا تىرىشتۇق. تېلېفونىمىزغا چىققان يەكەنلىك بىر قىز بولسا، بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ پائالىيەتكە ئاساسلىق ئۆيىدە بىكار ئولتۇرىدىغانلارنىڭ ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى ئىشچى -خىزمەتچى، ئوقۇغۇچى -ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق بۇ ئايال، بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى باشقا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلىسە ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تەڭرىتاغ تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا، بازارلىرىدىكى تەشۋىقات كادىرلىرى بىلەن ئاياللار بىرلەشمىسى مۇدىرلىرىنىڭ سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، يېزا، كەنتلەردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلارنىڭ تەيجى گۇمپىسىغا ھەۋەس قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. يەكەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ يۇڭجى: «بۇ قېتىملىق تۈمەن كىشىلىك ‹دۆلەت ناخشىسى ئېيتىپ، تەيجى گۇمپىسى مەشىق قىلىش› پائالىيىتى يەكەندىكى ئاممىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلدى» دېگەن.

بىراق، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى يەكەن دائىرىلىرى ئېلىپ بارغان بۇ ھەرىكەتنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇلار، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى ھېسابلىنىدىغان يەكەندىكى خەلقنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى بىلەن قىلچىلىكمۇ ئالاقىسى بولمىغان تەيجى گۇمپىسى ئويناشقا سېلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتىنىڭ ئوچۇق -ئاشكارا ھالدا ئىپادىلىنىشى، دېدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

يەكەندە ئۆتكۈزۈلگەن تۈمەن كىشىلىك «تەيجى ئۇسۇلى ئويناش» قا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر پائالىيەت ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. قەشقەر دائىرىلىرى خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان شۇ قېتىملىق چوڭ تىپتىكى پائالىيەتتە يەنە 10 مىڭ نەپەر كىشى ھېيتگاھ مەسچىتى ئالدىدا خىتايچە كىيىندۈرۈلۈپ «كىچىك ئالما» ئۇسۇلىغا سېلىنغان. بۇ پائالىيەتتە ھەتتا مەسچىت ئىماملىرىمۇ ئۇسۇلچىغا، قىزىل تەشۋىقاتچىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. 10 مىڭ نەپەر خىتايچە كىيىندۈرۈلگەن ئۇيغۇر بالىلىرى، ساقاللىق ئىماملار، ئەر-ئايال، قېرى-ياش، ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ قوللىرىدا خىتاينىڭ قىزىل بايراقلىرىنى تۇتۇپ ئوخشاش مۇزىكىغا ئۇسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى بولسا ئەينى چاغدا خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ كەڭ خەۋەر قىلىنىپ كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت