2017-يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر (3)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017-12-04
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
كوچا چارلاۋاتقان قوراللىق ئەسكەرلەر. 2014-يىلى 31-ئىيۇل، قەشقەر.
كوچا چارلاۋاتقان قوراللىق ئەسكەرلەر. 2014-يىلى 31-ئىيۇل، قەشقەر.
AFP

خەلقئارا تاراتقۇلاردا چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كەلگەندىن بۇيان يولغا قويغان بىر قاتار باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى بىر «ساقچى دۆلىتى» ۋە «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلاندۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بولۇپمۇ بۇ يىل ئەتىيازدا باشلانغان خىتاي كومپارتىيىسىگە ساداقىتىنى ئىپادىلەش، كۈرەش يىغىنلىرىدا ئۆزىنى تەكشۈرۈش ھەرىكەتلىرى شۇنداقلا ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ياكى چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان بالىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى سەۋەبلىك «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولانغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى نۆۋەتتە خەلقئارا تاراتقۇلاردا مۇھىم سۆز تېمىسىغا ئايلاندى. تۆۋەندە 2017-يىلى 3-4 ئاي مەزگىللىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە رادىيومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارنى ئەسلىتىپ ئۆتىمىز.

1. «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولانغان ئۇيغۇرلار ۋە جازالانغان يېزا كادىرلىرى

3-ئايدىن باشلاپ جاي-جايلاردا ئاتالمىش «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» قۇرۇلۇپ، كۈرەش يىغىنلىرىدا ئۆزىنى تەكشۈرگەن ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئامما تۈركۈم-تۈركۈملەپ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە ئەۋەتىلدى.

3-ئاي مەزگىلىدە خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە 14-فېۋرال يۈز بەرگەن «گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمى» سەۋەبلىك بىر مەھەللە كىشىلىرى 3 كۈن سولاپ قويۇلغان

3-ئاينىڭ 8-كۈنى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۇما بازىرىدىكى بىر ئاكتىپ كومپارتىيە ئەزاسى گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن كۈنى ھۇجۇمچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرلىكتە قولۇم-قوشنىلىرىمۇ قېتىلىپ، بىر مەھەللە كىشىلىرىنىڭ كەنت ۋە ساقچىخانىغا يىغىۋېلىنغانلىقى، 3 كۈنگىچە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى ۋە تۇتۇلغانلارنىڭ ئارىسىدا ئايال ۋە بالىلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.

3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن گۇمىدا ئاھالىلەر كۈندۈزى نورۇز ئۆتكۈزۈپ، كېچىسى مەسىلە تاپشۇرغان. 150 كىشى مەسىلىسىنى چالا تاپشۇرغانلىقى ئۈچۈن قاماققا ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلىشىچە، گۇمىنىڭ چودا، پىيالما يېزىلىرىدا 21-مارت كۈنى كۈندۈزى نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن، ئەمما پىيالما يېزىسىدا شۇ كۈنى كەچتە مەسىلە تاپشۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، كىشىلەر ئاتالمىش «خاتالىق» لىرىنى پاش قىلىشقا قىستالغان. مەلۇم بولۇشىچە، نورۇز كاتتا ئۆتكۈزۈلگەن پىيالىما يېزىسىدا ئۆزىنى تەكشۈرۈشتىن كېيىن 150 چە كىشى مەسىلىسىنى چالا تاپشۇرغانلىقى ئۈچۈن قاماقتا ئېلىنغان.

يەكەن تومئۆستەڭدىكى 140 ئائىلىلىك بىر مەھەللىدە 53 كىشى قامالغان. رادىيومىزنىڭ 24-ئاپرېل ئىگىلىگەن ئەھۋالدا يەكەنننىڭ تومئۆستەڭ يېزىسىنىڭ 2-كەنت 4-مەھەللىسىدىكى 140 ئائىلىلىك ئاھالە ئىچىدە 53 نەپەر كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

2‏-كەنت سېكرېتارىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۆز كەنتىدە 35 كىشى قانۇنسىز تەبلىغ ئاڭلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماقتا ئېلىنغان. بۇلاردىن 12 سىگە سوت ھۆكۈمى چىققان. ھۆكۈمدە بۇلارنىڭ ئالدىغا 10 يىل، كەينىگە 2 يېرىم يىل قاماق جازاسى بېرىلگەن. يۇقىرىقى 35 كىشىدىن باشقا، يەنە ۋەزىپىسىز دىنىي زاتلاردىن 4 كىشى ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزىگە ئەۋەتىلگەن.

بۇ كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇندا بەزى ئائىلىلەردىن ئاكا-ئۇكىلار، بەزىلىرىدىن ئەر-ئايال تۈرمىگە تاشلانغان، تۇتقۇنلارنىڭ چوڭى 62 ياش، كىچىكى 20 ياش. بۇ ئەھۋال بەزى ئائىلىلەرنى پۈتۈنلەي ئەمگەك كۈچىدىن ئايرىپ تاشلىغان. ئاتا-ئانىسىز قالغان بالىلار مەزكۇر ئائىلىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بۆلۈپ بېرىلگەن.

خۆتەندە 97 نەپەر يېزا كادىرىنىڭ جازالىنىشىغا ئاللىقاچان ئادەتكە ئايلىنىپ بولغان مىللىي ئەنئەنىلەرنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىپادىلىگەنلىكى سەۋەب بولۇشى تاراتقۇلاردا تەنقىد ئوبيېكتى بولدى.

«خوتەن گېزىتى» 10-ئاپرېل كۈنى مەخسۇس تەپسىلىي خەۋەر بېرىپ، 3-ئاينىڭ ئاخىرى خوتەندە ئېچىلغان كەنتلەردە نۇقتىدا تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان كادىرلار خىزمىتى ھەققىدىكى خۇلاسە يىغىنىدا 97 نەپەر ھۆكۈمەت كادىرىنىڭ خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلىرى سەۋەبلىك جازالانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە 97 كادىرنىڭ جازالىنىشىغا بەزى ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ئاللىقاچان ئادەتكە ئايلىنىپ بولغان مىللىي ئەنئەنىلەرنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىپادىلىگەنلىكى سەۋەب بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئۇلاردىن ئابدۇجېلىل ئىسىملىك كەنت سېكرېتارى دىنىي زاتلار ۋە مويسىپىتلار ئالدىدا تاماكا چەكمىگەنلىكى ئۈچۈن «مەيدانى ئېنىق ئەمەس» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ، كەنت سېكرېتارلىق ۋە كەنت باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

ئەينى چاغدا جازاغا تارتىلغان سالامەت مەمتىمىن تۇرۇشلۇق چاقا يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي كادىر سالامەت مەمتىمىننىڭ جازالىنىشىغا 2016-يىلى كۈزدىن باشلاپ خوتەندە يولغا قويۇلغان نىكاھ-توي مۇراسىملىرى ۋە نەزىر چىراغ پائالىيەتلىرىنى بىردەك كەنت مەدەنىيەت مەركىزىدە يېزا كادىرلىرىنىڭ نازارىتىدە ئۆتكۈزۈش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ خىتاي كادىر بايانىدا «بۇلتۇردىن باشلاپ پۈتكۈل خوتەن ۋىلايىتىدە نىكاھ مۇراسىمى يېزىلىق ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن مۇلازىمەت مەركىزىدە ئاۋام ئالدىدا مىللىي كادىرلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. دىنىي-ئادەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار نىكاھ، نەزىر قاتارلىق مۇراسىملارغا ئادەتتە خىزمەت گۇرۇپپىمىزدىكى مىللىي كادىرلار قاتنىشىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ. سالامەت مەمتىمىنگە ئوخشاش خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئەلۋەتتە جازالانماقتا،» دېگەن ئىدى.

ئەينى چاغدا تاراتقۇلارنىڭ 97 نەپەر كادىرنىڭ جازالىنىش سەۋەبى ھەققىدىكى تەنقىدلەردە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارغانچە رادىكاللاشقان سىياسىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھالقىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ»، دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدى.

ئۇيغۇر دىيارىدا جازالانغان ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلارمۇ مەلۇم سالماقنى ئىگىلەيدىن بولۇپ، 4-ئايدا ئېنىقلىغان ئەھۋاللاردىن 18-ئاپرېل غۇلجا شەھىرىدە تۆت نەپەر ئوقۇتقۇچى «سىياسىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى،» دېگەن جىنايەت بىلەن خىزمىتىدىن ھەيدىلىپ، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئۇلار غۇلجا شەھەرلىك دادامتۇ يېزىسى «خۇادا» مەكتىپىنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرېشىت مۇتەللىپ، غۇلجا شەھەرلىك 12-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى كېرەمجان ئەخمەت، غۇلجا شەھىرى بايانداي بازىرى تيېچاڭگۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەۋلان مەمەت، غۇلجا شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى زەينۇرە مەمەتقۇربانلار بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى دادامتۇ يېزىسىدىن تۇتۇلغان ئابدۇرېشىت مۇتەللىپنى«مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماقالە ئېلان قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە ئۇنى بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

قالغان ئوقۇتقۇچىلارنى «تېررورلۇق تەشكىلات پائالىيەتلىرىگە قاتناشماقچى بولغان، قانۇنسىز دىنى ماتېرىياللارنى تارقاتقان ۋە ساقلىغان،» دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئايرىم -ئايرىم ھالدا ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

2. ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ «ئوچۇق خېتى» ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈش دولقۇنى

ئوچۇق خەت» ئېلان قىلىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا قەدەر كېڭەيگەن

4-ئاينىڭ 1-كۈنى كېرىيە ناھىيە جاي يېزىسىنىڭ باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا چاقىرىق» ناملىق ئوچۇق خېتى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىندى. شۇندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئاساسىي قاتلاملاردىن تارتىپ ئاپتونوم رايوندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلارغا قەدەر ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ساداقىتىنى بىلدۈرۈش دولقۇنى داۋاملاشتى.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى»، «خەلق تورى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىقلارنىڭ ئاپرېل ئېيىدىن باشلانغان ھەر كۈنلۈك سەھىپىسىدە «بايرىقىم روشەن ھالدا ‹ئۈچ خىل كۈچ› كە قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىمەن» سەرلەۋھەسى ئاستىدا ئوچۇق خەتلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.

3. چەتەللەرلەردە ئوقۇۋاتقان بالىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن 3-ئايدىن باشلاپ چەتەللەرلەردە ئوقۇۋاتقان بالىلىرى ۋەئۇرۇق-تۇققانلىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارلارنىڭ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولانغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار كۆپلەپ ئاشكارىلاندى.

3-ئاينىڭ 10-كۈنى يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازاردا 17 نەپەر مۇھاجىر ئائىلىسى تۇتقۇن قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، يوپۇرغا دائىرىلىرى ئۆزلىرى ئىش-ئىزلىرىنى گۇمانلىق دەپ قارىغان 17 مۇھاجىرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن 20 نەچچە كىشىنى تۇتۇپ سولىۋالغان. دائىرىلەر يەنە بۇ 17 نەپەر مۇھاجىر ھەققىدە «ئەيىبنامە» تارقىتىپ، يېزىدىكى ئاھالىلەرنى ئىبرەت ئېلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

ئەينى چاغدا مۇخبىرىمىزنىڭ يەرلىككە قارىتا تېلېفون زىيارىتى داۋامىدا 17 نەپەر مۇھاجىر ھەققىدە قارا تىزىملىك تۇرغۇزۇلغانلىقى، بۇ مۇھاجىرلاردىن بىر نەپىرىنىڭ دادىسى ۋە ئاكىسىنىڭ 40 كۈندىن بېرى يوپۇرغا ناھىيىلىك قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.

4. مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرى قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى

4-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مەجبۇرى قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتىنى باشلىدى.

28-ئاپرېل كۈنى قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يېزا كادىرلىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنى قايتۇرۇپ ئەكېلىشتە مەخسۇس ھۆججىتى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى

پەيزىۋاتنىڭ بارىن يېزىسىدىكى ئىككى كەنت سېكرېتارى ۋە بىر نەپەر ساقچى خادىمى نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ ئەكېلىش ئۈچۈن ئائىلە زىيارىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بارىن يېزا 1-كەنتتىكى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان 5 ئوقۇغۇچىدىن ئامېرىكا ۋە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئىككىسىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكى، ئاۋسترالىيە ۋە فىرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۈچىنىڭ قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن 5 ‏-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر مۆھلەت بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇلار يەنە «فەن خۇيليۇ» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ خىزمەت ھەققىدە ئاپتونوم رايوندىن چۈشكەن مەخسۇس ھۆججەت بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

رادىيومىز 4-ئاي مەزگىلىدە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ مەجبۇرى قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكى مەلۇم بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2014-يىلدىن بۇيان مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانى 5-6 مىڭغا يەتكەن. ئۇلارنىڭ ئاساسەن قەشقەر، ئاتۇش، خوتەن ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جەنۇبتىكى يۇرتلاردىن كېلىپ ئەل-ئەزھەر قاتارلىق دىنىي ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن 4-ئاي مەزگىلىدە مىسىر ئەل-ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن 5000 غا يېقىن ئوقۇغۇچى مەجبۇرى ھالدا ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ بولغان ۋە كەتكەنلىرىنىڭ خەۋىرى كەلمىگەن. مىسىردا قېپ قالغان 200 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىمۇ يۇرتىغا قايتىپ كېتىش ھەققىدە يۇرتلىرىدىن كەلگەن ھەر خىل تەھدىت ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە يۇرتىغا قايتىپ كېلىشى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرغان. 5-ئايدىن باشلاپ مىسىردا قېپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا مەجبۇرى قايتۇرۇش ھەرىكىتى يۈز بەردى. بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى كېيىنكى پىروگراممىلىرىمىزدا مەلۇمات ئاڭلايسىلەر.

تولۇق بەت