2017-يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر (4)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017-12-05
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئۇيغۇر رايونىدا، تېررورىزمغا قارشى قەسەمياد بەرگەن ساقچى ۋە ھەربىيلەردىن تەركىب تاپقان 10 مىڭ خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىر قىسمى. 2017-يىلى 17-فېۋرال، قەشقەر.
ئۇيغۇر رايونىدا، تېررورىزمغا قارشى قەسەمياد بەرگەن ساقچى ۋە ھەربىيلەردىن تەركىب تاپقان 10 مىڭ خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىر قىسمى. 2017-يىلى 17-فېۋرال، قەشقەر.
Imaginechina

مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى

2017-يىلى يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ۋەقەلەر قاتارىدا مىسىر ۋە باشقا بىر قىسىم ئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشقا مەجبۇرلىشى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇچرىغان ئەھۋاللارمۇ ئورۇن ئالدى.

2017-يىلى 7-ئاينىڭ بېشىغا كەلگەندە مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىسىر دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىدى.

2017-يىلى خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قوزغىغان ۋەقەلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ مىسىر، تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ مەجبۇرى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى ۋە ئاتا-ئانىلىرىنى تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە سولاش ۋە 7-ئايدا مىسىردا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى بولدى.

4-ئاينىڭ ئاخىرى ئاشكارىلانغان «چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ھۆججىتى» ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە سولىۋېلىنىش دولقۇنى

رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلارنى بېسىم قىلىش ئارقىلىق چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مەجبۇرى قايتۇرۇپ كېلىش ئىشلىرىنىڭ 4-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇپ-شىمالىدا بىرلا ۋاقىتتا باشلانغانلىقى ۋە بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس ھۆججەت تارقاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

28-ئاپرېل رادىيومىز پەيزىۋاتنىڭ بارىن يېزىسىدىن ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا كەنتتىكى ئىككى نەپەر كادىر «چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش» ھەققىدە ئاپتونوم رايوندىن چۈشكەن مەخسۇس ھۆججەت بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.

پەيزىۋاتنىڭ بارىن يېزىسىدىكى ئىككى نەپەر كەنت سېكرېتارى بىلەن بىر نەپەر ساقچى خادىمىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بارىن يېزا 1-كەنتتىكى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان 5 ئوقۇغۇچىدىن ئىككى نەپىرى قايتىپ كەلگەن. ئۇلار، ئاۋسترالىيە ۋە فىرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن 5-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر مۆھلەت بەلگىلەپ بەرگەن.

5-ئاي مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى چەتئەللەردىن قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئىلگىرى چەتئەللەردە ساياھەتتە بولغانلار، تارقاق ھەج قىلغۇچىلارنى «سىياسىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە يىغىۋالغان.

چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان ياكى ساياھەتكە بارغانلارنىڭ «ئۈچ خىل ئۆگىنىش» كە ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر 2017-يىل 5-ئاي مەزگىلىدە ئەڭ دەسلەپ رادىيويىمىزنىڭ تۇرپان ساقچى دائىرىلىرىنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا ئاشكارىلاندى.

2017-يىلى ياز مەزگىلىدە سانجى قاتارلىق جايلاردا تارقاق ھەج قىلغان ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەرگە قامالغان.

سانجىدا تۇرۇشلۇق بىر ئادۋوكاتنىڭ رادىيومىزنىڭ خوڭكوڭدىكى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، «قانۇنسىز ھەج قىلغان» دېگەن باھانە بىلەن نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر سانجىدىكى بىر قاماقخانىغا سولانغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت سانجىدا قامالغانلار ئارىسىدا ئاز ساندا تۇڭگانلار بار بولسىمۇ، لېكىن مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

رادىيومىز 9-ئاينىڭ ئاخىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن دائىرىلەرنىڭ جايلاردىكى تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە قامالغان چەتئەلگە چىقىپ-كىرگەنلەرنى پۇشايمان باياناتى يېزىشقا مەجبۇر قىلغانلىقى ۋە ئىپادىسىگە قاراپ تېگىشلىك چارە كۆرگەنلىرى، پۇشايمان باياناتى يازغانلارنىڭ بىر قىسمى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، يەنە بىر قىسمىنىڭ داۋاملىق تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى ھەتتا سوتنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى مەلۇم بولدى.


بۇ ھەقتە پىكىر قىلغان يەرلىك ئەمەلدارلار ھازىر چەتئەلگە چىققانلاردىن تاشقىرى پاسپورتقا ئىلتىماس سۇنغان ياكى ۋىزا ئالغانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭمۇ «تەربىيە» ئېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مىسىر ۋە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار 5-ئاي مەزگىلىدە رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ ئۆزلىرى ۋە يۇرتلىرىدىكى ئاتا-ئانىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بېسىم-تەقىپلەرنى ئاڭلاتتى.

رادىيومىزنىڭ ئىلگىرىلەپ ھالدا ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، 5-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دائىرىلەرنىڭ چەتئەلدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئوقۇغۇچىلار، قايتىپ كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ئىلگىرى چەتئەللەردە ساياھەتتە بولغانلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدا ئېچىلغان ئوخشىمىغان ناملاردىكى «سىياسىي ئۆگىنىش» مەركەزلىرىگە سولىۋېلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

5-6-ئاي مەزگىلىدە تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن سودا ئالاقىسى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان ياكى مەجبۇرى ھالدا يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ كېتىلگەندىن كېيىن تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە يوللانغان.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، چەتئەللەردە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارغا مال سېلىشى ياكى پۇل ئەۋەتىشى توسۇۋېتىلگەن.
ئىستانبۇلدىكى بىر ئۇيغۇر ئايال سودىگەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۈركىيەدە «شىنجاڭ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى» نى قۇرغان سابىر بۇغرادىن باشقا ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا مال سېلىشى كاشىلىغا ئۇچرىغان.

مىسىر قاتارلىق ئەللەردىن مەجبۇرى قايتىپ بارغانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلىنىش ئەھۋاللىرى ئاشكارىلاندى.

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن 2017-يىلى 5-ئاي مەزگىلىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ۋە مەجبۇرلىشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا قايتىپ بارغان ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن دوكتور ھەبىبۇللا توختى ۋە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى زەينەپگۈل قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى ئاشكارىلاندى.

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن 2015‏-يىلى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن دوكتور ھەبىبۇللا توختىنىڭ خىتاي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زەرەر يەتكۈزۈش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئىگىلىنىشىچە، دوكتور ھەبىبۇللا توختى شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ خىزمەت تەكلىپىگە بىنائەن 2016‏-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئائىلىسىنى ئېلىپ مىسىردىن ئۈرۈمچىگە قايتقان.

4-ئىيۇل مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاختۇرۇلۇپ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى

مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ2017-يىل 7-ئايدا قاھىرەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى خىتايغا قايتۇرغانلىقى مەلۇم بولدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن ئېتىبارەن مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مىسىر ساقچىلىرىنىڭ ئۆيمۇ-ئۆي باستۇرۇپ كىرىپ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان. رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن 7-ئايدا مىسىردا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 200 دىن ئاشقان.

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مىسىردا دەسلەپكى تۈركۈمدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن 73 نەپىرىنىڭ مىسىر باش ئىستىخبارات ئىدارىسى-ئەل مۇخاراباتنىڭ قاماقخانىسىغا يىغىۋېلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە بۇ ئوقۇغۇچىلار مىسىر ئىستىخبارات ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنىپ، دەرىجىلەرگە ئايرىلغان.

7-ئاينىڭ ئاخىرى رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن قاھىرەنىڭ تۇرا تۈرمىسىگە قامالغان 100 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى 7-ئاينىڭ بېشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە مەخپىي قايتۇرۇلغان.

رادىيومىزغا كەلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۇرا تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ، خىتاي تەرىپىدىن مىسىرغا ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ سوراق قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان.
مىسىردا قېچىپ يۈرگەن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 23-ئىيۇل كۈنى 4 نەپەر خىتاي ئامانلىق خادىمى ئۇنىڭ قاھىرەدىكى ئىجارە ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنى تۇتماقچى بولغان. ئەمما ئۇ ئەھۋالنى سېزىپ قېلىپ ئۆيىدىن قېچىپ كەتكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 4 نەپەر خىتاي ساقچىسى ئىككى نەپەر مىسىر ئىستىخبارات خادىمىنىڭ ھەمراھلىقىدا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بىناغا بېسىپ كىرمەكچى بولغاندا دەرۋازىۋەن تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان.

مىسىردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىدىن كېيىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى نارازىلىق باياناتلىرى ئېلان قىلىندى. ھەرقايسى دۆلەتلەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سوفىيە رىچاردسون خانىم بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي بىلەن مىسىر ھۆكۈمىتىنى ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرى پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىشقا ئۈندىدى.

13-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى مىسىرنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى ۋە مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە قارشى قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

7-ئاي مەزگىلىدە يەنە مىسىردىكى تۇتقۇندىن قېچىپ باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مىسىردىكى ئايرودروم ۋە چېگرا پونكىتلىرىدا داۋاملىق تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

9-ئايدا ئاشكارىلانغان ئەھۋاللاردىن، بۇ يىل 7-ئاينىڭ باشلىرىدا مىسىرنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە قولغا ئېلىنغان ئىككى يۈزگە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر قىسمى خىتايغا قايتۇرۇلغان بولسا، يەنە بىر قىسمى قويۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولدى. ئەمما بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن قالغانلىرىنىڭ كېيىنكى ئىز-دېرىكى ئېنىق ئەمەس.

مىسىردا غايىپ بولغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلاردىن مۇختەر روزى ھەققىدە ئۇنىڭ ئايالى مەريەم خانىم 9-ئايدا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ 26-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىر دائىرىلىرىنى غايىب بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە چاقىردى.

مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە بىر قىسىم تۇڭگان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ تۇتۇلغان.

مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە مىسىردا ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم قازاق ۋە تۇڭگان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغان. ئامېرىكادا ئولتۇرۇشلۇق تۇڭگان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن سۇلايمان يى گۇنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئەل-ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان 60 تىن ئارتۇق تۇڭگان ئوقۇغۇچى تۇتقۇن قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى پاراكەندە قىلماقتا

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قايتىپ كېلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنماستىن چەتئەلدىكى شەخسىي پائالىيىتىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە ئېلىپ كېتىلگەن، بەزىلەرنىڭ تۇغقانلىرىنى خىتاي دائىرىلىرى مەجبۇرىي «گۆرۈ» شەكلىدە تۇتۇپ تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالغان خىتاي پاسپورتىنى يېڭىلاش ئىلتىماسلىرى چەتئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى مەجبۇرى قايتۇرۇپ كېلىپ تۈرمىلەرگە تاشلاش، ۋە چەتئەللەردە ساياھەتتە بولغان ئۇيغۇرلارنى يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە سولىۋېلىش قىلمىشلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى»، دەپ كۆرسەتتى.

تولۇق بەت