كورلادىكى ساقچى خادىمى: كورلىدا جىلباپ ۋە ياغلىق چەكلىنىدۇ

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.05.23
yaghliq-cheklesh-uqturush.jpg كورلا نەشپۈت چېچىكى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئىمزا ۋە تامغىسى بېرىلگەن «غەيرىي يوسۇندا ياغلىق ۋە شارپا ئارتقان» ئاياللارنى تەكشۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئۇقتۇرۇشى. 2016-يىلى 19-ماي.
Social Media

ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە، كورلا نەشپۈت چېچىكى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئىمزا ۋە تامغىسى بىلەن بېرىلگەن جىلباپ شەكلىدىكى كىيىملەر كىيگەن ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن ياغلىق چەككەن ئاياللارنى تەكشۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئۇقتۇرۇشى تارقالدى.

بۇ ئۇقتۇرۇش كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان بولۇپ، بۇ، ئىسلامى كىيىنىشنى ۋە كىيىنىش ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇش دەپ قارالدى. رادىئومىز بۈگۈن كورلىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، بىرنەچچە يىلدىن بۇيان كورلا شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ كىيىنىشىگە قويۇلغان چەكلىمىلەر كۈچەيگەچكە، نۆۋەتتە كورلا شەھىرىدىكى كوچىلاردا جىلباپ كىيگەن، ياغلىق ئارتقان ئاياللار ئۇچرىمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. بۇ ھەقتە توختالغان ساقچى خادىمى باشقا يۇرتلاردىن مەزكۇر شەھەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەرگىمۇ بۇنداق تەلەپ قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «كورلادا جىلباپ ۋە ياغلىق چەكلىنىدۇ» دېگەن جاۋابنى بەردى.

2016-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى كورلادا چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىنغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا ئاياللارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق بايانلار بېرىلگەن:«يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كورلا شەھىرى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ھالدا شەكلى ئۆزگەرگەن ياغلىق چەككەن (ياغلىق ئاستىغا كىچىك قىسقۇچ ئىلغانلار، ياغلىق ئىچىگە پوسما كىيگەنلەر)، جىلباب شەكلىدىكى كىيىم كىيگەنلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم كىيىش ئادىتىگە ماس كەلمىگەن ھالدا كىيىنگەن خانىم -قىزلار، ئاياللارغا نىسبەتەن تۇتۇپ ئۆزگەرتىش خىزمىتى باشلاندى. ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك چارلاش خادىملارغا تۇتۇلۇپ قالسىڭىز، بارلىق ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولىسىز. بۇ قېتىمقى خىزمەتنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىر بولۇپ، تۇتۇۋېلىنغان ئاھالىلەرگە جەرىمانە قويۇش، كىملىكىگە چېكىت قويۇپ نۇقتىلىق باشقۇرۇش ئوبيېكتى قىلىش، ئۆزگەرتىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇش قاتارلىق جازا تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ.»

مەزكۇر ئۇقتۇرۇش ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىن ئۈندىدار، فېيسبوكلاردا تارقالغاندىن كېيىن، كۈچلۈك نارازىلىق ۋە بەس -مۇنازىرە قوزغىغان. فېيسبوك تورىدىكى ئىنكاسلاردا بۇ ئۇقتۇرۇش «تەھدىت تۈسىنى ئالغان » دەپ تەرىپلىنىپ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە دېموكراتىك دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل چېكىدىن ئاشقان دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرىنى كۆرۈشى، دىققەت قىلىشى، سۈكۈت قىلماسلىقى ۋە ئەيىبلىشى لازىملىقى تەكىتلىنىپ، خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىندى.

تۈركىيەدىكى ئىستىقلال رادىئوسىدا مەزكۇر ئۇقتۇرۇش ئەيىبلىنىپ، «بۇ ئۇقتۇرۇشتا ئىسلامى كىيىم -كېچەكلەرگە ئوچۇق -ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلىنىپ، تەھدىت سېلىنغان. ئىسلامى يوسۇندا كىيىنىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم كىيىش ئادىتىگە خىلاپ كىيىنىش دېگەن ئىبارىلەر ئىشلىتىلىپ، ئىسلامى قىممەت قارىشى ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىلىرىنى بۇرمىلىغان » دەپ تەنقىدلەندى.

بىز مەزكۇر ئۇقتۇرۇش ۋە كورلادىكى ئىسلامى يوسۇندىكى كىيىنىشكە قارىتىلغان چەكلىمىلەر ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن كورلادىكى مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلگەن نەشپۈت چېچىكى ئاھالىلەر كومىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشقان بولساقمۇ بىراق ئىمكان بولمىدى. ئەمما كورلادىكى بىر قىسىم ئاھالىلەر، مېھمانخانىلار ۋە ساقچىخانا خادىملىرىغا تېلېفون قىلدۇق.

تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار كورلادا ھازىر ھۆكۈمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «زامانغا لايىق مەدەنىيەتلىك كىيىنىش » تەشەببۇسى سەۋەبلىك، ئاياللار ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ، ياغلىق ئارتىدىغان ئەھۋالنىڭ ئاساسەن قالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنداق سەزگۈر تېمىلار ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

كورلا شەھەر مەركىزىدىكى جىنيى مېھمانخانىسىنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغان خىزمەتچى خادىمى بولسا، مۇسۇلمان ئاياللىرىغا قارىتىلغان بۇ خىل چەكلىمىلەردىن ئۆزىنىڭ خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر مېھمانخانا تۇرۇشلۇق رايوننى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ساقچى ۋە كورلادىكى بىرقانچە ساقچىخانىلارنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئېيتىپ بېرىپ، ئىسلامى يوسۇندا كىيىنىش، ياغلىق ئارتىش مەسىلىسىگە دائىر ئەھۋاللارنى ئۇلاردىن سورىشىمىزنى بىلدۈردى.

مەزكۇر رايونغا مەسئۇل ساقچى خادىمىغا قىلغان تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالغان بولسىمۇ، ئەمما كورلا سايباغ ساقچىخانىسىنىڭ كېچىلىك نۆۋەتچى خادىمى تېلېفونىمىزنى ئېلىپ، كورلادا مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ زىيادە ئۇزۇن كۆڭلەك ۋە جىلباپ كىيىشى، بېشىغا پوسما كىيىپ ئۇنىڭ سىرتىدىن ياغلىق ئارتىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى ۋە نۆۋەتتە بۇ خىل ئىسلامى يوسۇندا كىيىنىش ئادىتىنىڭ كورلادا پۈتۈنلەي تۈگىگەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىلدۈردى.

مەزكۇر نۆۋەتچى ساقچى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىمىز تۆۋەندىكىدەك داۋاملاشتى.

مۇخبىر:مەن كورلا سايباغ ساقچىخانىسى بىلەن سۆزلىشىۋاتىمەن شۇنداققۇ.
ساقچى: شۇنداق بۇ كورلا سايباغ ساقچىخانىسى.
مۇخبىر: مەن سىلەرنىڭ كورلا شەھىرىدە كوچىدا ياغلىق چەككەن خانىم-قىزلار ئۇچرىسا قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلىپ باقاي دېگەن ئىدىم.
ساقچى: سىز بىزنىڭ سايباغ رايونىنىڭ ئاھالىسىمۇ؟
مۇخبىر: ياق، مەن ئۇ يەرنىڭ پۇقراسى ئەمەس، ئەمما مەن بىر ئۇقتۇرۇش كۆردۈم، سىلەرنىڭ ئۇ يەردە بېشىغا ياغلىق چىگكەن ئاياللار كوچىدا ئۇچراپ قالسا تەكشۈرۈلىدىكەن، مەن مۇشۇ ئەھۋالنى بىلەي دېگەن ئىدىم.
ساقچى: بېشىڭىزغا ياغلىق ئارتمىسىڭىز بولامدۇ؟
مۇخبىر: نېمىشقا؟ بۇنداق زۆرۈرىيەت بارمۇ؟ سەۋەبىنى بىلسەم بولامدۇ؟
ساقچى: سىزنىڭ نەدىلىكىڭىزنى بىلسەم بولامدۇ؟
مۇخبىر: مەن چەتئەلدە، ئامېرىكىدىن تېلېفون قىلىۋاتىمەن. مەن بۇ ئۇقتۇرۇشنى توردىن كۆردۈم، ئۇقتۇرۇشتا شەكلى ئۆزگەرگەن ياغلىق چەككەن ئاياللارنىڭ كوچىدا يۈرۈشى چەكلىنىدۇ دېيىلىپتۇ. شۇڭا ئەھۋالنى سىلەردىن بىلەن دېگەن.
ساقچى: ئەھۋال مۇنداق، ئەگەر جىلباپ كىيمىگەن بولسا ۋە ياغلىقنى نورمال چەككەن بولسا بولىدۇ.
مۇخبىر: جىلباپ كىيمەي ياغلىق چەككەنلەرمۇ چەكلىنەمدۇ؟
ساقچى: دېمەكچى بولغىنىم، جىلباپ تۈسىنى ئالغان (يەنى ئىسلامى تۈستىكى شەكىلدە) ياغلىق ئارتقانلار بىردەك چەكلىنىدۇ.
مۇخبىر: ئەمما ئۇيغۇرچە يېزىلغان بۇ ئۇقتۇرۇشتا چوڭ ياغلىق چەككەنلەر، ئۇزۇن كۆڭلەك كىيگەنلەر ۋە ئۇزۇن شارپىلارنى بوينىغا يۆگۈۋالغانلارمۇ تەكشۈرۈلۈش ئوبيېكتى قىلىنىدۇ دېيىلىپتۇ. بۇ ئۇقتۇرۇش 5-ئاينىڭ 19-كۈنى تارقىتىلغان ئىكەن.
ساقچى: بۇنىڭدا بەلگىلىمە بار. دېمەكچى بولغىنىم، ياغلىقلار دىنىي تۈس ئالمىغان بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىز چەتئەلدە بولسىڭىز، ۋەتەنگە قايتماقچى بولسىڭىز، ئەلۋەتتە كۆڭلەك كىيسىڭىز بولىدۇ، ياغلىق چىگسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما سىزنىڭ كىيىنىشىڭىزدە مەلۇم تۈس ئىپادىلەنمەسلىكى كېرەك. يەنى قاپ-قارا رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەك ۋە قارا ياغلىق ئارتماسلىقىڭىز كېرەك.
مۇخبىر:دېمەكچى بولغىنىڭىز قارا ياغلىق ۋە ئۇزۇن قارا كۆڭلەك كىيمەسلىك شۇنداقمۇ؟
ساقچى: شۇنداق.

مەزكۇر ساقچى يەنە نۆۋەتتە كورلا شەھىرىدە ئىسلامى يوسۇندا كىيىنىش ئادىتىنىڭ پۈتۈنلەي تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇخبىر: ھازىر كورلا كوچىلىرىدا ئۇيغۇرلاردىن جىلباپ كىيگەنلەر بارمۇ؟
ساقچى: يوق.
مۇخبىر: تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا سىلەر قانداق تەدبىر قوللاندىڭلار؟ تۇڭگان ئاياللىرىمۇ ئادەتتە بېشىغا تۇڭگانچە لېچەك كىيەتتى، ھازىر بۇنداق ئەھۋاللار بارمۇ؟
ساقچى: يوق، يوق، ھازىر كورلادا بۇنداق كىيىنىش ئەھۋاللىرى پۈتۈنلەي تۈگىدى، شۇڭا سىرتتىن كەلگەنلەرگىمۇ ئاشۇ تەلەپنى قويۇۋاتىمىز.
مۇخبىر: دېمەك مۇشۇ خىل كىيىنگەنلەر يەنى دىنىي تۈستە كىيىنگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى چارە كۆرۈلىدۇ، شۇنداقمۇ؟
ساقچى: بۇنى مەن تازا ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ساقچى خادىمى كورلادا ئىسلامى يوسۇندا كىيىنىدىغان ئەھۋالنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىسلامى يوسۇندا كىيىنگەنلەرگە قانداق جازا بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن باش تارتىپ، تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

ئەمما، رادىئومىز ۋە باشقا خەلقئارا تاراتقۇلار ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان ئىسلام دىنىي ئەقىدىسى بويىچە كىيىنىشنى قاتتىق چەكلەش بەلگىلىمىلىرى ۋە جازالارنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. مەسىلەن كۇچار شەھىرىدە 2014-يىلى يولغا قويۇلغان «دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىش» نامىدىكى بىر يىلغا سوزۇلغان تۇتقۇن قىلىش، باستۇرۇش ھەرىكىتىدە، ساقال قويغان ئەرلەرنىڭ، جىلباپ كىيگەن، ياغلىق ئارتقان ھەتتا ئۇزۇن كۆڭلەك كىيگەن ئاياللارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ئوبيېكتىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم. ئەينى چاغدا ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن ئەرلەرنىڭ ساقاللىرى مەجبۇرىي چۈشۈرۈلۈپ،، ئاياللارنىڭ بېشىدىكى ياغلىقلىرى ئېلىۋېتىلگەنلىكى، ئۆگىنىش كورسلىرىغا ئەۋەتىلگەنلىكى، كىيىنىشىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمىغانلارنىڭ بولسا «دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسى كۈچلۈك» دېگەندەك قالپاقلار كەيدۈرۈلۈپ، سوتنىڭ ھۆكۈمى بىلەن 3 يىلدىن 7 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار ئاشكارىلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.