«خەنزۇلارنىڭ پاختىسىنى تېرىپ پۇل تېپىش ھارام» دېگەن دىنىي زات 7 يىللىق قاماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.11.23
eshincha-emgek-kuchi-xitay-ustaz.jpg ئۇيغۇر دىيارىدىكى جوڭتەي گۇرۇھىنىڭ مەلۇم زاۋۇتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قەشقەر، خوتەندىن كەلگەن ئۇيغۇرلارغا خىتاي ئۇستاز تېخنىكا ئۆگەتمەكتە. 2017-يىلى سېنتەبىر.
ts.cn

پەيزىۋاتتىكى بىر ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل پەيزىۋاتنىڭ شاپتۇل يېزىسىدىن تۇتۇلغان ۋە كېسىلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇنىڭدىن 2 يىل ئاۋۋال 7 يىللىق كېسىلىپ كەتكەن دىنىي زات ئالىم ھەسەننىڭ تەبلىغىنى ئاڭلىغانلار ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئالىم ھەسەن ئاھالىلەرنى، بولۇپمۇ ئاياللارنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كېۋەزلىكىدە پاختا تېرىپ پۇل تېپىشتىن توسقان. ئۇ تۈرمىگە كىرىشنىڭ ئالدىدىكى تەبلىغلىرىدە «خەنزۇلارنىڭ پاختىسىنى تېرىپ پۇل تېپىش ھارام» دېگەنلىكى ئۈچۈن 7 يىللىق كېسىلگەن.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بۇ يىل پەيزىۋاتنىڭ شاپتۇل يېزىسىدىكى سېكرېتار قۇربان ھېكىم بىلەن پارتىيە ئەزاسى ياسىن تۇرسۇن ۋە ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن دوستلىرىنىڭ دىنىي زات ئالىم ھەسەننىڭ تەبلىغىنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن كېسىلگەنلىكى ئايدىڭلاشقان ئىدى. ئالىم ھەسەن ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ 2014-يىلى 7 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى، كېسىلىشىگە ئۇنىڭ يېزىدىكى ئاھالىلەرنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كېۋەزلىكىدە كېۋەز تېرىماسلىققا دەۋەت قىلغانلىقى سەۋەب بولغان.

يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي دائىرىلىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە قاراتقان ئېتىبار سىياسەتلىرى سەۋەبلىك تېرىلغۇ يەرلەر خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قوللىرىغا مەركەزلەشكەن. يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىدا مەدىكار بولۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقى ئۇيغۇر جامائەت سورۇنلىرىدا كۆپ قېتىملاپ شىكايەت قىلىنغان ئىدى. جەمئىيەتتە 2013‏-يىلى تارقالغان «سالام نۇر بەكرى، نۇر بەكرى» ناملىق بىر ساتىرىك شىئىردا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېقىندۇرۇلغانلىقى تۆۋەندىكىچە تەنقىد قىلىنغان ئىدى:

ئېشىنچىدۇر ئەمگەك كۈچى،
ئوغۇل ئەمەس قىزلىرىمىز.
قىزلار يۈرەر ئىچكىرىدە،
ئانا يىغلار، بالام كەتتى.

قىز يۆتكىدىڭ ئىچكىرىگە،
فابرىكىدا ئىشلەيدۇ دەپ.
ئوغۇل بولماسمۇ بۇ ئىشقا،
ئاچچىق يۇتۇپ ئاتام كەتتى.

«ئۇيغۇرلاردا تېخنىكا يوق،
خەنزۇ يولداش ئىلىپ كەلگەن.
ئۇلار بىزنىڭ ئۇستازىمىز»،
بۇ سۆزلىرىڭ قارام كەتتى.


ئۇيغۇر مەھبۇس ۋە تۇتقۇن ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كېۋەزلىكىگە ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ مېڭىلىش ئەھۋالى تېخى ئۆتكەن ئايدا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىسىدا كۆرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دىنىي زات ئالىم ھەسەن يېزا ئاھالىلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ خىتايلارنىڭ كېۋەزلىكىدە ئىشلىشىنى توسۇشقا تىرىشقان. شۇڭا ئۇ تەبلىغلىرىدە ئوچۇق ھالدا «خەنزۇلارنىڭ كېۋەزلىكىدە پۇل تېپىش ھارام» دېگەن. ئەمما ئالىم ھەسەن بۇ چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا قايسى دىنىي تەلىمات ياكى چاقىرىقلارنى ئاساس قىلغانلىقى ۋە ياكى ئۇنىڭ قايسى ئىجتىمائىي ياكى ئەخلاقىي مەسىلىلەردىن ئەندىشە قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.