ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك دېھقانلار مەجبۇرىي ئەمگەك-ھاشارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-11-14
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ھاشارغا مەجبۇرلىنىپ ئۆستەڭ چېپىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلار. ئاقسۇ.
ھاشارغا مەجبۇرلىنىپ ئۆستەڭ چېپىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلار. ئاقسۇ.
Social Media

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئاۋۋال ھاشارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما ئوتتۇرىدىن نەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ تۈزۈمنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىزچىل ھاشارغا تۇتۇلۇۋاتقانلىقى بىر رېئاللىق.

مەلۇم بولۇشىچە، ھاشار بىكار قىلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، يېقىنقى يىللاردىن بېرى، بولۇپمۇ 2011‏-يىلدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيگەن. دۈشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر پېشقەدەم دېھقان، ھاشارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ دېھقانلارنىڭ ھەر ھەپتىسى 2-3 كۈن سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر دېھقان: دېھقانچىلىق قىلىمەن، دېھقان مەن. 12 مو يېرىم بار، 12 مو يەرنى تېرىيدىغان مەن يالغۇز. ئايالىم تۈگەپ كەتكەن 6 يىل بولدى، مەن بۇ يىل بىر قىسىم بۇغداي، بىر قىسىم قوناق تېرىغان. ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە 4‏-5 مودەك بېدە بار. ھوسۇلدىن بىرەر يۈز چارەكتىن ئارتۇقراق قوناق چىقتى. بۇغدايدىن بىر 30-40 چارەك بۇغداي ئالغان، 2 مو يەرگە بۇغداي تېرىپ. 5 مودەك بېدە تېرىغان، 200-300 باغچە پىچان بار. ئۇنىڭدىن سىرت مال بار. ئۆزۈمنىڭ 70-80 دەك قوي، بالامنىڭ بىرەر يۈزدىن ئارتۇق قويى بار. بىر بالام بار، بۆلەك ئۆيدە تۇرىدۇ. مەن بۇ ئۆيدە يالغۇز.

مۇخبىر: بۇ ھاشارچۇ، ھاشار ھازىرمۇ بارمۇ سىلەردە، بۇ يىل چىقتىڭىزمۇ ھاشارغا، سىز چىقامسىز ھاشارغا؟

ئۇيغۇر دېھقان: ھاشار بار. ياق، مەن 80 ياشقا كىردىم، شۇڭا مەن چىقمايمەن. مەن مۇزاكىرىلەرگىمۇ بارمايمەن. مۇزاكىرىدىن چىقىرىۋەتكەن، سىلى ئۆيدە دەم ئالسىلا، دەپ. شۇڭا، مۇزاكىرىگە بارمايمەن. لېكىن بالام بىلەن خوتۇنى ئەر، خوتۇن ئىككىسى بارىدۇ. )ھاشاردا( مۇشۇ كەنتتىكى ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى چاپىمىز. باشقا يەردە ئىش يوق، شۇ دادۈينىڭ ئېرىق-ئۆستەڭلىرىنى چاپىدىغان ئىشلارنى قىلىمىز. ئەمما، ھازىر كۆپرەك يىغىنغا بارىمىز. بالام بىلەن كېلىنىم ئىككىيلەن ماشىنا ھەيدىمىگەن چاغدا يىغىنغا بارىدۇ. يىغىن كۈندە ئېچىلمايدۇ، كۈنىسىگە ئېچىلىدۇ. پەيشەنبە...مۇنداق، بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە 3 كۈن يىغىن ئېچىلىدۇ.

ئاقسۇنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ئايال، يولدىشىنىڭ ھاشارغا كېتىپ، 8 كۈن ئاۋۋال قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھاشار چىقمىسا، ئۇ دېھقاننىڭ ھاشىرى باشقىلارغا «كۆتۈرىگە بېرىۋېتىلىدىكەن.»

دېھقان ئايال: بىز دېھقانچىلىق قىلىمىز، 18 مو يېرىمىز بار. بىز چوڭ -كىچىك بولۇپ 7 جان. نورمالدا بۇغداي، قوناق، پاختا تېرىيمىز.

مۇخبىر: ھاشار پەسلى قايسى ۋاقىتلاردا كېلىدۇ دېھقانلارغا؟ ئەتىياز-كۈز پەسىللىرىدىما؟ يىلىغا مەسىلەن، سىلەرنىڭ ئائىلە قانچە كۈن ھاشارغا ئىشلەيدۇ؟

دېھقان ئايال: يىلىغا 15-20 كۈن چىقارمىكى ياكى ئۇنىڭدىن جىقراق بولامدىكىن. چىقمىسا، ھۆكۈمەتنىڭ بىر-بىرىنىڭكىنى چاپقۇزۇپ قىلدۇرىدىغان ئاشۇنداق ئىشلار بار. پەقەت چىقمىسا، بەزىدە كۆتۈرىگە بېرىۋېتەرمىش، دەپ ئاشۇنداق قىلىدىغان ئىشلارمۇ بار. كۆتۈرىگە بېرىۋېتەرمىش، دەيدىغان شۇنداق گەپلەر بار، ئەمما ئاساسىي جەھەتتىن چىقىدۇ. لابادا ئىسمىنى توۋلاپ قىلغاچقا چىقىدۇ، ئاساسەن. شياۋدۈي بويىچە چىقىڭلار، دەپ توۋلايدىغان بولغاچقا بەك چىقىدۇ.(بىزنىڭ ئۆيدىن) يولدىشىم ياكى قېينائاتام چىقىدۇ، لېكىن ئاياللار چىقمايدۇ.

مۇخبىر: يولدىشىڭىز ئەتىيازدا-كۈزدە بايام دېگەندەك 20 كۈنلەپ ھاشارغا چىقسا، ئۆزۈڭلارنىڭ دېھقانچىلىقىنى قانداق قىلىسىلەر؟

دېھقان ئايال: ئەمدى شۇ قالغانلار قىلىمىز. ئەگەر بىز چىقمىساق بىزنىڭ باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز بارغۇ، شۇلار قىلىپ قويىدۇ. بۇ يىل 7-8 كۈندەك بولدىمىكىن يولدىشىم چىقتى. ھاشاردا شۇ بەك ئېغىر ئەمەس. كەتمەن چېپىش دېگەندەك شۇنداق چىقىپلا بەرسە بولىدىغان ئاشۇنداق ئىشلارنى قىلىدۇ تولىسى. تولىسى ئاشۇنداق ئېرىق چاپىدىغان ئىشلار، ئۆزىمىزنىڭ شۇ نەملىك چاپتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلدۇرىدۇ.

مۇخبىر: تاماقنى قانداق قىلىدۇ، تاماقنى ئۆزۈڭلار ئېتىپ بېرەمسىلەر ياكى ھۆكۈمەت بېرەمدۇ؟

دېھقان ئايال: ھەئە، ئەتىگەندە كېتىپ ئاقشىمى كېلىدىغان ئىشلار بولغاندىكىن. ئەگەر يېقىندا بولسا چۈشلۈك تاماقنى ئۆيگە كىرىپ يەيدۇ. بولمىسا، سەل يىراقراق يەرگە بېرىپ قالسا، يا بازاردىن يەيدۇ ياكى ئۆيدىن بىر نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىپ شۇنى يەيدۇ.

بەزى تەشكىلاتلار، ھاشارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملىق ساقلاپ قېلىنىشىنى خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى سىياسىي مۇددىئاسىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈپ كەلدى. د ئۇ ق نىڭ 10‏-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان دوكلاتىدا قەيت قىلىشىچە، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر، بايىنغولىن ۋىلايەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق رايونلاردىكى بۇ ھاشار ‹مۇقىملىقنى قوغدا› 'نى مەقسەت قىلىپ يولغا قويۇلۇپ كەلگەن.»

د ئۇ ق دوكلاتىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا يول قويغان ھاشار ھازىرغا قەدەر تولۇق ئاشكارىلانمىغان ۋە دىققەت قوزغىمىغان بىر تېما. بۇ دوكلات ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتاينى خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئەمگەك ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلىشقا مەجبۇرلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت