ئۇيغۇر ساقچىلار بىلەن خىتاي ساقچىلارنىڭ مائاش ۋە قوشۇمچە تەمىناتىدىكى زور پەرق ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.04.12
xitay-saqchi-qobul-qilish.jpg ئاقتۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت چىقارغان خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۇقىرى تەمىنات بىلەن 600 نەپەر خىتاي ساقچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش.
xjakt.gov.cn

يېقىندىن بۇيان رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم ساقچىخانا خادىملىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق خىزمەت بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇدا 48 سائەت ئۇلاپ ئىشلىگەندىن كېيىنمۇ دەم ئېلىش پۇرسىتىنىڭ بولمىغانلىقى، مائاش ۋە باشقا قوشۇمچە تەمىناتىنىڭ تۆۋەنلىكى ھەققىدە قاقشىدى.

خوتەننىڭ كېرىيە، چىرا، قاراقاش ۋە گۇما ناھىيەلىرى، ئاقسۇنىڭ ئاۋات ۋە باي ناھىيەلىرى شۇنداقلا تۇرپاننىڭ پىچان ناھىيەلىرى چىقارغان ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشلىرىدا يەرلىكتىن قوبۇل قىلىنىدىغان ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ئايلىق مائاشىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا 3 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ھالبۇكى، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم ناھىيەلەر خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۇقىرى مائاش ۋە ئالاھىدە تەمىنات بىلەن ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئاقتۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت 3-ئاينىڭ 31-كۈنى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 500 نەپەر ئەر، 100 نەپەر ئايال بولۇپ، جەمئىي 600 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، قوبۇل قىلىنغانلار ئەگەر ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن بولسا ئايلىق مائاشى 9064 يۈەن بولىدىكەن. ئەگەر تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنلەر بولسا 8886 يۈەن بولىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلارغا «يىللىق مۇكاپات» دېگەن نامدا 6000-8000 يۈەنگىچە تولۇقلىما بېرىلىدىكەن. «ئىسسىنىش پۇلى» دېگەن نامدا يىلىغا يەنە 1400 يۈەن تارقىتىلىدىكەن. توي قىلمىغانلار ھەقسىز ياتاق ۋە تاماق بىلەن تەمىنلىنىدىكەن. توي قىلغانلار ئائىلىسىنى ئېلىپ كەلسە بىر يۈرۈش ھەقسىز ئۆي بىلەن تەمىنلىنىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئاقتۇ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى مەخسۇس ئىككى گۇرۇپپا تەشكىللەپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ساقچى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن. بىرىنچى گۇرۇپپا گەنسۇ، شەنشى ۋە سەنشى ئۆلكىلىرىگە، ئىككىنچى گۇرۇپپا سىچۈەن، خېنەن ۋە خۇنەن ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلگەن.

خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان خىتاي ساقچىلار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان يەرلىك ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ مائاش ۋە قوشۇمچە تەمىناتىدىكى غايەت زور پەرق كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.

ئۇنداقتا، يەرلىكتىن قوبۇل قىلىنىپ، كېچە-كۈندۈز ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ياردەمچى ساقچىلار بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن «ئالاھىدە تەمىنات» بىلەن قوبۇل قىلىنىۋاتقان خىتاي ساقچىلارنىڭ مائاشىدىكى ئەمەلىي پەرق زادى قانچىلىك؟

بۇ سوئالغا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ئۆزلىرى جاۋاب بەرسۇن:

باي ناھىيەسىنىڭ تاشئېرىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر ساقچى قىز ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان 1800 يۈەن ئايلىققا ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر ئۇيغۇر ياردەمچى ساقچى ئۆزىنىڭ ئەسلىدە «ئايدا 4 مىڭ يۈەن مائاش بېرىمىز، 24 سائەت ئىشلەپ 24 سائەت دەم ئالىسىلەر» دېگەن شەرت بىلەن ساقچىلىققا كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ھالبۇكى، ئۇ ياردەمچى ساقچى بولغاندىن بۇيان مائاش كارتىسىغا ھەر ئايدا ئاران 2500 يۈەن ئەتراپىدا پۇل كىرىۋاتقانلىقىنى، 48 سائەتتىن دەم ئالماي ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

پىچان ناھىيەسىنىڭ لەمجىن بازارلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر رەسمىي ساقچى پىچاندىكى ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ئايدا 2200 يۈەن مائاش ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر ياردەمچى ساقچى ئايدا ئاران 1200 يۈەن مائاش ئالىدىغانلىقى، ئۇندىن باشقا 100 يۈەن تاماق پۇلى بېرىلىدىغانلىقى، كېچە-كۈندۈز نورمىدىن ئارتۇق ئىشلىسە ئۇنىڭغا ھېچقانداق ھەق بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

گۇما ناھىيەسىنىڭ موكۇيلا يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر ياردەمچى ساقچىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئايدا ئاران 1300 يۈەن مائاش ئالىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيە دولان ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر ياردەمچى ساقچى ئۆزلىرىنىڭ ئايدا ھەممىسى قوشۇلۇپ 1800 يۈەن مائاش ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ھۆكۈمەتكە قاراشلىق مەلۇم ئىدارىسىدىكى بىر نەپەر كېچىلىك كۆزەتچى خادىم ئۆزىنىڭ 4 يىلدىن بۇيان 1500 يۈەن ئايلىققا ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى بايانلار ئاقتۇ ناھىيەسىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ساقچى خادىملىرىغا ئايدا بېرىلىدىغان 9 مىڭ يۈەن يۇقىرى مائاش بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ياردەمچى ساقچىلارغا بېرىلىۋاتقان 1300 يۈەندىن 2500 يۈەنگىچە بولغان تۆۋەن مائاش ئوتتۇرىسىدىكى غايەت زور پەرقنى ئاشكارىلاپ كۆرسەتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.