ئامېرىكالىق ژۇرنالىست: «21-ئەسىردىكى ساقچى دۆلىتى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ» (2)
2017.10.21
ئامېرىكالىق ژۇرنالىست مېخا ماقالىسىدە ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتكەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى -ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» بولۇپ، ئۇ بۇ توغرىلىق قەشقەردە بىۋاسىتە زىيارەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
ئۇنىڭ ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، ئۇ قەشقەردىكى بىر كوچىدا ئەتراپى ناھايىتى ئېگىز تاملار بىلەن ئورالغان بىر چوڭ قورۇنى كۆرگەن. قورۇنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئېسىلغان ۋىۋىسكىدا «قەشقەر مەخسۇس كەسىپلەر بىلەن ئوقۇتۇش ۋە تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ يېزىلغان ئىكەن.
مۇخبىر بۇ ۋىۋىسكىنى رەسىمگە تارتىۋاتقاندا دەرۋازا ئالدىدىكى كىچىك قاراۋۇلخانىدا ئولتۇرغان بىر ساقچى يۈگۈرۈپ چىقىپ ئۇنىڭدىن رەسىمنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. مۇخبىر ئۇ ساقچىدىن «بۇ يەردە قانداق نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ؟» دەپ سورىغان. ساقچى جاۋاب بېرىپ: «مەن ئۇنى ئېنىق بىلمەيمەن. ئەمما رەسىمنى ئۆچۈرۈۋەت،» دېگەن.
مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلى بۇ يەر ئەسلىدە بىر مەكتەپ ئىكەن، ئەمما ھازىر بۇ يەر بىر «سىياسىي تەربىيىلەش ئورنى» غا ئۆزگەرتىلگەن. ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«مەن مۇشۇ ئورۇندا دوستلىرى ياكى تۇغقانلىرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 3 كىشى بىلەن سۆزلەشتىم. ئۇيغۇرلار سولاپ قويۇلىدىغان بۇنداق ئورۇنلاردىن ھازىر يۈزلەرچە بار ئىكەن. ئۇلار بۇ ئورۇنلاردا خىتاي تىلى ئۆگىنىدىكەن، خىتاينىڭ ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملىرىنى ۋە ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق ياخشىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆگىنىدىكەن. مۇشۇ رايوندا سودا قىلىدىغان بىرى ماڭا "بۇ ئورۇندا نۇرغۇن كىشى يوقاپ كەتتى. ناھايىتى نۇرغۇن كىشى. مېنىڭ دوستلىرىمنىڭمۇ كۆپى مۇشۇ يەردە، " دېدى. ئۇ شۇندىن بېرى سولاپ قويۇلغان دوستلىرى توغرىلىق خەۋەر ئالالمىغان ئىكەن. مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇشۇنداق ئورۇنلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋېتىپتۇ. بۇنداق ئورۇنلار بۇرۇن بار بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بېرى كۆلىمى زور دەرىجىدە كېڭەيگەن ئىكەن.»
ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور شان روبېرتس ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغان ئىشلارنى قىلغان. ئەمما بۇ قېتىمقىسىنىڭ پەرقلىق يېرى شۇكى، ئۇنىڭدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپ بولۇشى. ئىلگىرى مەسىلەن، "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى" دەيدىغان ئورۇنلار بار ئىدى. ئۇلارمۇ سىياسىي جىنايەتچىلەرنى تەربىيىلەيدىغان ئورۇنلار ئىدى. ئەمما بۇ "يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى" خۇددى "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ھەممە ئادەمنى ياكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئادەملەرنىڭ مېڭىسىنى بىراقلا ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.»
مېخا ماقالىسى داۋام قىلىپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى جىنايى جازاغا كىرمەيدىكەن، بۇ يەرگە كىرىپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلىلىرىگىمۇ رەسمىي ئۇقتۇرۇش بېرىلمەيدىكەن، شۇڭا ئۇلارنىڭ نېمە قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بۇ ئورۇنلارغا ئەۋەتىلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئەمما ئىگىلەنگەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، جىنايەت ئۆتكۈزگەن تۇغقىنى بولغان بولسا، تېلېفونىدا خاتا مەزمۇندىكى نەرسىلەر چىقىپ قالغان بولسا ياكى دىنىي ئېتىقادى ۋە دىنىي خاھىشى كۈچلۈكرەك كۆرۈنىدىغان كىشىلەر بۇ يەرگە ئەۋەتىلىدىكەن. ھەممىگە ئېنىق بولغىنى شۇكى، ئىلگىرى چەتئەللەرگە چىقىپ باققان ياكى چەتئەلگە چىققان تۇغقىنى بولغان بولسا، تۇتۇلۇپ كېتىش خەۋپى تۇغۇلىدىكەن.»
ئۇ تۈركىيەدىكى بىر ئوقۇغۇچىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ بىر قانچە ئاي ئاپىسى بىلەن ئالاقە قىلالمىغانلىقىنى، 3 ئايدا ئاندىن ئاپىسىنىڭ ئاشۇنداق مەركەزگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى ئۇققانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.
ماقالىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئىككى ئايدىن كېيىن ئۇ ئاخىرى ئاپىسى بىلەن سۆزلىشىپتۇ. تېلېفون ئۈزۈلۈپ كېتىشتىن ئاۋۋال ئاپىسى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كومپارتىيىدىن قانچىلىك رازىلىقىنى ۋە ھۆكۈمەتتىن قانچىلىك خۇرسەنلىكىنى سۆزلەپتۇ. ئۇ ماڭا، "ئەلۋەتتە ئاپام بۇ گەپلەرنى ئۆز قەلبىدىن چىقىرىپ دېمىدى. ئۇ ھېچقاچان ئۇنداق گەپلەرنى قىلىپ باقمىغان. مەن خۇددى ئاپامنىڭ بېشىدا ساقچىلار قاراپ تۇرغاندەك ھېس قىلىپ كەتتىم" دېدى. بىراق شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تېلېفونى ئېتىلىپ كېتىپۇ. ئۇ 5-ئايدىن بېرى ئالاقە قىلالماپتۇ.»
«ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم، بۇنداق «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ كىشىلەرنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ماڭا بۇ خۇددى فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى 1999-يىلىدىن بېرى سولىنىپ تەربىيىلەنگەن مەركەزلەرنى ئەسلىتىۋاتىدۇ. بۇ مەركەزلەر تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش مەركەزلىرى دەپ ئاتالغان ۋە كونا بىنالار ياكى مەكتەپلەر شۇنداق ئورۇنلارغا ئۆزگەرتىلىپ ئىشلىتىلگەن ئىدى. بۇنداق "مېڭە يۇيۇش" ئورۇنلىرىدا كىشىلەرنىڭ روھىي ياكى جىسمانىي قىيناققا ئۇچراش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. بۇنداق ئورۇنلارنى ئەسلىدە بىر "قارا تۈرمە". بۇنداق ئورۇنلار كىشىلەرنى روھىي جەھەتتىن تۈگەشتۈرۈۋېتىدۇ. بۇ ئىلگىرى فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىدىمۇ، تىبەت بۇددىستلىرىدىمۇ كۆرۈلگەن. بىر كىشىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوخشىمايدىغان ئىدىيەنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلىشى ئىنتايىن ئازابلىق بىر ئەھۋال. ئۇ كىشى ناۋادا ئۇنى قوبۇل قىلغان تەقدىردىمۇ، كېيىن ئۇنىڭ روھىي ساغلاملىقىدا مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ. كىشىلەر ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى سەۋەبلىك بۇنداق ئورۇنلارغا ئېلىپ كېتىلمەسلىكى كېرەك. بۇ قانۇنغا خىلاپ بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ روھىي جەھەتتىن كىشىلەرگە سالىدىغان زىيىنىغا سەل قارالماسلىقى كېرەك».
ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر مەسىلە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىكنى ساقلاش، نازارەت ۋە تەقىبلەش سىستېمىلىرىغا سېلىۋاتقان زور سېلىنمىسىدۇر. ئۇ ماقالىسىدە، ھۆكۈمەت بۇ ئىشقا نۇرغۇن پۇل ئاجراتقانلىقتىن نۇرغۇن خىتاي شېركەتلىرىنىڭ ئىچكىرىدىن كېلىپ ئۇيغۇر ئېلىدا يۇقىرى تېخنىكىلىق كامېرا سېتىپ باي بولۇپ كەتكىنىنى يازغان.
بېيجىڭدىن كەلگەن بىر تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىنىڭ خوجايىنى مۇخبىرغا «شىنجاڭ مۇقىم بولمىغاچقا بىز ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا نۇرغۇن كامېرا ساتتۇق،» دېگەن. مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى بېيجىڭدىكى «ۋەنلىخۇڭ» شىركىتى بىلەن بارماق ئىزى ۋە يۈز تاراش سىستېمىسىدىن بەكرەك ئىشەنچلىك دەپ قارىلىۋاتقان كۆز ئالمىسىدىكى «رەڭلىك پەردىنى تاراش» ئارقىلىق ئادەم تونۇيدىغان سىستېما ئۈستىدە ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ شىركەتنىڭ قەشقەردىكى مۇھىم بىر ئىش قۇرۇلۇشىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئۇلارنى ئۈسكۈنە ۋە تەربىيىلەش بىلەن تەمىنلەۋاتقان شېركەتلىكىنى بايان قىلغان.
مۇخبىر قەشقەردە بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ تېلېفونلىرىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنىڭمۇ بىر خىل ئۈسكۈنە ئارقىلىق تارالغاندىن كېيىن كىملىك كارتىسى بىلەن سېلىشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرگەن.
ئۈرۈمچىدىن يېقىندا چىققان بىر ئائىلە مۇخبىرغا ئۈرۈمچىدە ئۆيىگە داۋاملىق ساقچى كىرىپ سوراق قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، كېيىن بېرىپ ئەتراپىدىكى دوستلىرىنىڭ بىر-بىرلەپ غايىب بولۇشقا باشلىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ ئامالسىز ئۆيىدىكى بارلىق دىنىي كىتابلارنى كۆيدۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.
شان روبېرتس ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ تا بۈگۈنگىچە رايوندىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ئېقىمدىن چەتتە قالدۇرۇلۇپ كېلىنگەنلىكىنى، رايوندىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىنمۇ ھېچقانداق بەھرىمەن بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بۇنداق ۋاسىتە قوللىنىشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇپ، يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.