«ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېكايىلەر» دىكى ھېكايىلەر (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.01.15
uyghurlar-heqqide-hekayiler-kitab.jpg «ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېكايىلەر» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Eziz

مۇراتنىڭ قىسمىتىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىغا ئومۇمى نەزەر

ئىنگرىد ۋىديارتو خانىمنىڭ «ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېكايىلەر» ناملىق ئەسىرى مۇرات ئىسىملىك ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ تراگېدىيەلىك قىسمىتىدىن باشلىنىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، مۇرات ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مىڭلىغان ئۆسمۈرلەرگە ئوخشاش ئاددىي بىر ئىنسان. ئەمما بۇ خىلدىكى ئىنسانلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىدە بىر ئورتاقلىق بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر ماكاندا ئوخشاش بىر تەبىقىنىڭ تەڭسىز ھۆكۈمرانلىقىغا شۇنداقلا ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھېكايىلەرنىڭ دېتاللىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىر يىگىت ماڭا ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئۇنىڭدىكى ھەر بىر تەپسىلاتقا، جۈملىدىن ئۇنىڭ بارلىق ھېس-تۇيغۇسىغا ئادەمنىڭ تېنى جۇغۇلداپ كەتكۈدەك قورقۇنچ سىڭگەن ئىدى. ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەن ئۈچۈن چۈشىنىش قىيىن بولغان مەسىلىلەر ئەمەس ئىدى. چۈنكى مەن بۇ ھەقتە مەلۇماتلىق ئىدىم، بۇ يىگىتنىمۇ ياخشى بىلەتتىم. شۇڭا ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى بىۋاسىتە كۆرگەندەك بولدۇم. باشقا ھېكايىلەرگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ھەقىقىي بولغان ۋەقەلەر بولۇشتەك بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار. شۇنىڭ بىلەن مەن مۇشۇ راست ۋەقەلەر ئاساسىدا كىشىلەرنىڭ قانداق ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى ئويلايدىغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ قانداق بىر قاباھەتكە مەھكۇم بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم.»

ئىنگرىد خانىمنىڭ كىتابىدىكى بىرىنچى ھېكايە ليۇ فامىلىلىك بىر دۇكان خوجايىنىدىن باشلىنىدۇ. كىتابتىكى بايانلار ئالدى بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىدۇ. بۇنىڭدا ئۇ ھەقىقىي شەخس بولغان ليۇ فامىلىلىك دۇكاندارنىڭ كەچمىشلىرىنى بايان قىلىدۇ: چۈشتىن قايرىلغان مەزگىلدە تەكلىماكاننىڭ گىرۋەكلىرىدىكى مەلۇم ئۇيغۇر يۇرتىنىڭ ئاۋات كوچىلىرىغا جايلاشقان بىر ئاياغ دۇكىنىنىڭ خوجايىنى بولغان ليۇ فامىلىلىك خىتاي دۇكىنى ئالدىدىكى قاتلىما ئورۇندۇقتا مۈگدەپ ئولتۇرۇپ، ئاتا-ئانىسىدىن ئاڭلىغان «ۋەتىنى»، ئەمما ئۆزى ھېچقاچان بېرىپ باقمىغان خىتاي ئۆلكىلىرى ھەققىدە شېرىن خىياللارغا چۆمىدۇ. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى 1950-يىللىرى خىتاي داھىيسى ماۋ زېدوڭنىڭ نوپۇس كۆچۈرۈش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ شەرقتىكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە، شۇنداق قىلغاندىلا باياۋاندىكى بۇ ماكاننىڭ خىتاي كونتروللۇقىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى، يەرلىك خەلقنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى. سىياسىي مۇددىئادىكى بۇ نوپۇس يۆتكەش نۇرغۇن خىتاي ئائىلىلىرىنى ئۆز ماكانلىرىنى تاشلاپ تارىم ۋادىسىغا كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار دىيارىغا كۆچۈپ كەلگەن بۇ خىتاي كۆچمەنلىرى، جۈملىدىن ليۇ خوجايىن بۇ چۆللۈك بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن ماكاننى ياكى ئۇنىڭ خەلقىنى ھېچقاچان سۆيۈپ باقمىغان. ئەمما ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ جايدا پۇل تېپىش بەكلا ئاسان ئىدى. بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن خىتايلار تېزلا بېيىپ كېتەتتى.

بىز ئاپتور ئىنگرىد خانىمدىن نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر «مۇقەددىمە» شەكلىدىكى تەسۋىرىي باياننى بېرىشنى لازىم كۆرگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر يىگىت ئۆزىنىڭ بالا ۋاقىتلىرىدا بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ماڭا ھېكايە قىلىپ بەرگەن ئىدى. شۇ قاتاردا ئۆزى بىلىدىغان بىر خىتاي بالا ھەمدە ئۇنىڭ ئاياغ دۇكىنى ئاچىدىغان دادىسى، ئۆزىنىڭ ئۇلار بىلەن كۆپ قېتىم ئۇرۇشقانلىقى قاتارلىقلارنى سۆزلەپ بەرگەن. ئەمما مەن بۇ ھېكايىنى يېزىشتىن بۇرۇن كىشىلەرگە، يەنى مەزكۇر كىتابىمنىڭ ئوقۇرمەنلىرىگە بۇ ماكاندىكى توقۇنۇشنىڭ مەنبەسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشىمنىڭ لازىملىقىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى بۇ كىشىلەر شىنجاڭدا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ھېچنەرسە بىلمەيتتى. يەنە بىر ياقتىن ئالساق، ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە بۇ رايونغا ئەۋەتىلگەن خىتايلارمۇ بۇ سىياسەتتىن نارازى ئىدى. كىممۇ ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتىنى تاشلاپ چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان بىر يات ماكانغا بېرىشنى خالايدۇ، دەيسىز؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا كۆچۈرۈلگەن بۇ يوچۇن ماكانغا يېتىپ كەلگەندە ئۇلارنىڭ ھەممىسى نامراتلىققا مەھكۇم بولغان، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يىراقلاردا قالغان. شۇڭا بۇ ھال سەۋەبلىك ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان خىتايلار ‹نېمە دېگەن شور پېشانە بولغىيدۇق؟› دەپ قاخشىغان ئىدى. دەرۋەقە ئەنە شۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار بۇ خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۈتۈۋالغان. چۈنكى ئۇلار ‹بىز ھەممىمىز ئوخشاش ئىنسانمىز› دەپ ئويلىغان. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۇلارغا ياردەم قىلغان، ئۇلارنى ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلىپ، ئاچ قالغانلىرىغا ئاش بەرگەن. ئەمما شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئاز سانلىق ھېسابلىنىدىغان بۇ كۆچمەن خىتايلار ھەر ۋاقىت ياردەمگە ئېرىشىپ تۇرغان بولسىمۇ، ھېچقاچان ئۆزلىرىنى خۇشال ھېس قىلالمىغان. ئەمما كېيىنچە بارغانسېرى كۆپ ساندىكى كۆچمەنلەر بۇ جايغا كېلىشكە باشلىغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۈچى زورايغان، ئىقتىسادىي ئەھۋالىمۇ ياخشىلانغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۈتمىگەندە بۇ ماكاندا ھۆكۈمرانلاردىن بولۇپ قالغان.»

ئەنە شۇ «ھۆكۈمران» تەبىقىگە مەنسۇپ بولغان ليۇ خوجايىن باشقا خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئوخشاش پىكىر قىلىشقا ئادەتلەنگەن ئىدى. «مانا، مانا! مۇشۇنداق ۋاقىتتا مەكتەپكە بارماي كوچىدا ۋېلىسىپىت مىنىپ يۈرگەن ئاشۇنداق ‹چاتاقچى› بالىلار دەل مۇشۇ ئۇيغۇرلار!» ليۇ خوجايىن ئەنە شۇلارنى ئويلىغاچ ۋېلىسىپىت مىنىپ كېتىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئۆسمۈر مۇراتقا تىكىلىپ قالىدۇ.

14 ياشلىق مۇرات مەكتەپتىكى ئۆتكۈر ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى بولۇپ، ھەر كۈنى ۋېلىسىپىت بىلەن ناھىيە بازىرىنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان چوڭ يول بويلاپ مەكتەپكە باراتتى. ليۇ خوجايىن ئۆز خىيالىغا مەستخۇش بولۇپ دۇكىنىنىڭ ئالدىدا سايىداپ ئولتۇرغان دەل شۇ مىنۇتتا چۈشتىن كېيىنكى دەرسكە كېچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆيىدىن ئالدىراپ چىققان مۇرات ۋېلىسىپىتنىڭ پېداللىرىنى كۈچەپ تەپكىنىچە ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. دەل شۇ چاغدا قارشى تەرەپتىن ۋېلىسىپىت مىنىپ كېلىۋاتقان يەنە بىر خىتاي بالا مۇرات بىلەن ئۇرۇلۇپ كېتىدۇ ھەمدە ھەر ئىككىسى يولغا يىقىلىپ چۈشىدۇ. بالىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئۆزئارا خىتايچە پاراڭلاشقاچ ئۆزلىرىگە ياكى ۋېلىسىپىتلىرىگە چوڭ بىر ئىش بولمىغانلىقىدىن خۇشال بولۇشىدۇ.
ئەسلىدە مۇرات بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن بالا ليۇ خوجايىننىڭ ئوغلى ئىدى. ئوغلىنىڭ يەرگە يىقىلىپ چۈشكىنىنى كۆرگەن ليۇ خوجايىننىڭ قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرۇپ كېتىدۇ ھەمدە دۇكان ئالدىدىكى ئولتۇرغان جايىدىن چاچراپ قوپقىنىچە ئۇلارغا ئوقتەك ئېتىلىپ كېلىدۇ. «ھوي شۇمتەك! نەگە قاچىسەن؟» دەپ مۇراتقا ئېتىلىپ كەلگىنىچە مەكتەپكە ئالدىراپ ۋېلىسىپىتكە مىنمەكچى بولۇۋاتقان مۇراتنىڭ گېلىنى سىقىدۇ. «نېمە بولدى؟ ھېچكىم. . .» مۇراتنىڭ گېپى تۈگە-تۈگىمەيلا ليۇ خوجايىن مۇراتنى مۇشت-پەشۋاغا كۆمۈۋېتىدۇ. بېشىغا تەككەن قاتتىن بىر تېپىكتىن كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ يەرگە يىقىلىپ چۈشكەن مۇراتنىڭ تەسەۋۋۇرىدا ساقلىنىپ قالغان ئاخىرقى مەنزىرە دائىرە بولۇپ ئولاشقان يۈزلىگەن كىشىلەرنىڭ تىياتىر كۆرگەندەك تاماشا كۆرۈپ تۇرغىنى، ئەمما بىر ئىنساننىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ليۇ خوجايىننى توسمىغىنى بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتا مۇراتنىڭ ساۋاقداشلىرىدىن تۇرغۇن بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ دەرھال بېرىپ مۇراتنى يۆلەپ تۇرغۇزىدۇ ۋە ليۇ خوجايىننىڭ تايىقىدىن ساقلاپ قالىدۇ. شۇ چاغدا مۇراتنىڭ كۆزى سەل نېرىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا تاماشا كۆرگىنىچە ھىجاراپ تۇرغان خىتاي ساقچىغا چۈشىدۇ.

مۇرات ئورنىدىن تۇرۇۋېتىپ ئوڭ قۇلىقىدىن قان ئېقىۋاتقانلىقىنى سېزىدۇ ۋە جان ئاچچىقىدا ئېتىلىپ بېرىپ ليۇ خوجايىننىڭ ئوغلىنى ئۇرماقچى بولىدۇ. شۇ چاغدا كىشىلەر ئارىسىدىكى ئاق ساقاللىق بىر بوۋاي مۇراتنى توسۇۋېلىپ «بولدى قىل، ئوغلۇم. بولغۇلۇق بولدى. مەكتىپىڭگە بارغىن!» دەيدۇ.

ئىلاجسىز مەكتىپىگە بارغان مۇراتنىڭ گەپ سۆزلىرىگە مۇئەللىم ئىشەنمەيدۇ. مەكتەپ مۇدىرى «كىچىك بالىنى ئۇرغان ئىشنى ئېنىقلاش لازىم» دەپ مۇراتنىڭ دادىسىغا بىر يەنە بىر ئوقۇتقۇچىنى قوشۇپ ليۇ خوجايىننىڭ يېنىغا ئەۋەتىدۇ. ئەمما ليو خوجايىن ئۆمرىدە مۇراتنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ساقچىغا بارىدۇ. ئەمما ساقچىلار «گۇماندار» نىڭ «نەق مەيدان» دىن غايىب بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ھەر كۈنى مەكتەپكە بېرىش يولىدا ئۆسمۈر مۇرات ليۇ خوجايىننىڭ غەمسىز ھالدا دۇكان ئېچىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرىدۇ، شۇنىڭدەك ھەر قېتىم بۇ جايدىن ئۆتكەندە ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقنايدۇ. . . . .
ئاپتور بۇ ھەقتىكى سۆھبەت جەريانىدا مۇراتنىڭ قىسمىتىنىڭ ئەسەرنىڭ كېيىنكى سەھىپىلىرىدە بايان قىلىنغان «مېھمان» ھەققىدىكى ھېكايە بىلەن باغلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەمما ئۇلار (كۆچمەن خىتايلار) ئۆتمۈشتىكى ياخشىلىققا جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئەكسىچە تۇزكورلۇق قىلىشقا باشلىغان. ‹مېھمان› ناملىق ناخشا دەل مۇشۇ ئەھۋالنى تەسۋىرلەپ بېرەلەيدۇ. بۇ ناخشىدا ئاشۇ خىتاي كۆچمەنلىرى ‹مېھمان› دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئەنئەنە ۋە دىنىي نۇقتىدىن ئالغاندا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مېھماندوستلۇق بەكمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئەمما بۇ ھادىسە بۇ جايدا قەدىرلەنمىگەن. مانا ئەمدىلىكتە بولسا ئۇيغۇرلار مۇشۇ خاتالىقىنىڭ دەردىنى تارتماقتا. ئۇيغۇر بالا ناھەق تاياق يېگەن بولسىمۇ ساقچى ئۇنىڭغا ياردەم قىلمايدۇ، ھېچكىمنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمايدۇ. چۈنكى ھازىر خىتايلار بۇ ماكاندا بارچە ھوقۇقلارنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان. ئۇلار ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى نېمىلا قىلسا بولۇۋېرىدۇ.»
«مېھمان» نى مەركىزىي نۇقتا قىلغان «سۇلايمان گۇۋاھ» سەرلەۋھىلىك شېئىر 1990-يىللىرى يېزىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا خەلق ئاممىسى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان شېئىرلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.

«مېھمان كەلدى» دېدى بالىلار،
«خۇش كېلىپسىز» دېدىم مەنمۇ ھەم،
داستىخاننى كەڭ سالدىم ئاڭا،
ئەھۋال سوراپ يەنە دەممۇ-دەم.

چۈشۈرمىدىم تۆردىن ھېچقاچان،
ھەم يېگۈزدۈم تويۇپ يانغۇچە،
باغ-باراڭدا ئويناتتىم-كۈتتۈم،
ئۇ يايرىدى كۆڭلى قانغۇچە.

قورساق سېلىپ سەمرىپمۇ كەتتى،
پولۇ، گۆش يەپ بىزنىڭ لېگەندىن،
لېكىن مېھمان تەۋرىمەس، يەنە
ئېغىز ئاچماس قايتىش دېگەندىن.

ئويلاپ قالدىم: «قانداق مېھمان بۇ؟
كۆرمىگەنمەن كەتمەس مېھماننى.»
بۇ مېھماننىڭ خۇلقى مىجەزى،
ھەيران قىلدى تامامى جاننى.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.