گۇمادىكى مۇكاپاتلانغان ساقچى ئابدۇرېھىم تۆمۈر: «14-فېۋرال ۋەقەسىدە خىزمەت كۆرسەتتىم»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-05-22
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
كوچا چارلاۋاتقان ئۇيغۇر ساقچى. 2015-يىلى 17-ئاۋغۇست، ئاقسۇ.
كوچا چارلاۋاتقان ئۇيغۇر ساقچى. 2015-يىلى 17-ئاۋغۇست، ئاقسۇ.
AFP

خىتاي تاراتقۇلىرى ئالدىنقى كۈنى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ساقچى ساھەسىدىكى 18 كوللېكتىپ ۋە 37 شەخسنى مەملىكەت بويىچە خىزمەت كۆرسەتتى دەپ مۇكاپاتلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مۇخبىرىمىز بۈگۈن بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، مۇكاپاتلانغانلار تىزىملىكىدىكى گۇما ناھىيە چودا ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرېھىم تۆمۈرنىڭ كىملىكى ۋە قىلمىشى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇرېھىم تۆمۈر ئۆزىنىڭ 2015‏-يىلى گۇمىدا يۈز بەرگەن ئەمما، خىتاي دۇنياغا ئاشكارىلىمىغان «14-فېۋرال ۋەقەسى» دە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

بىز، ئابدۇرېھىم تۆمۈرنىڭ كىملىكى ۋە قىلمىشى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، گۇما ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى خادىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئابدۇرېھىم تۆمۈرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كونكرېت قايسى ئىشىنى ياكى قايسى تەرىپىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى دەپ بېرەلمىدى.

زىيارىتىمىزنى تولىمۇ ئويلىشىپ قوبۇل قىلغان ئابدۇرېھىم تۆمۈر، ئۆزىنىڭ 2015-يىلى يۈز بەرگەن «14-فېۋرال ۋەقەسى» دە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ، 14-فېۋرال دەپ ئاتالغان بۇ ۋەقەنىڭ قايسى ۋەقە ئىكەنلىكى ۋە ئۇ ۋەقەدە ئۆزىنىڭ قانداق رول ئوينىغانلىقى ھەققىدە جاۋاب بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى.

توردىكى خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغىنىمىزدا، گۇما ناھىيىسىدە 14-فېۋرال ۋەقەسى نامىدا پەقەت بۇ يىل 2-ئايدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەرلەر كۆرۈلىدۇ، ئەمما 2015-يىلى گۇما ناھىيىسىدە 14-فېۋرال ۋەقەسى نامىدا بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر مەۋجۇت ئەمەس. ئەگەر ئابدۇرېھىم ئۆمۈرنىڭ بۈگۈنكى بايانىدا بىر ئېزىش بولمىغان بولسا، خىتاينىڭ 2015-يىلى گۇمىدا يۈز بەرگەن يەنە بىر چوڭ ۋەقەنى دۇنيادىن يوشۇرغانلىق ئېھتىماللىقى ئاشكارىلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت