«جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى توقۇنۇشلار ۋە گۇەنتانامو مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-01-06
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى مارىيە ھارف خانىم « 30-دېكابىر يەكەن ۋەقەسى» گە ئىنكاس بىلدۈردى. 2013-يىلى 30-دېكابىر، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى مارىيە ھارف خانىم « 30-دېكابىر يەكەن ۋەقەسى» گە ئىنكاس بىلدۈردى. 2013-يىلى 30-دېكابىر، ۋاشىنگتون.
state.gov

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن يېقىنقى توقۇنۇشلار ۋە گۇەنتانامودىكى ئاخىرقى 3 ئۇيغۇرنى سىلوۋاكىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە پىكىر ئىختىلاپىغا چۈشۈپ قالغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى31-دېكابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ 30-دېكابىر ئېلان قىلغان بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. بىراق، ئامېرىكا 2‏-يانۋار ئۆزنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى. ئامېرىكىدىكى «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتى بولسا، خىتاينىڭ پوزىتسىيىسىنى تەنقىد قىلدى.

ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتى -«جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» نىڭ رەھبىرى، دوكتور ياڭ جيەنلى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېقىنقى توقۇنۇشلارغا قانداق باھا بېرىش، گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرنى باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدىكى پىكرى ئىختىلاپى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن نۇرغۇن زوراۋانلىق توقۇنۇشلىرىنى ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېررورلۇق مەسىلىسى ئەمەس، كىشىلىك مەسىلىسى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق ئۆلچىمىگە چۈشمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكى، تېررورلۇق ئەمەسلىكىنى بايقىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئاسىيا ۋە شەرقىي ئاسىياغا يۆتكەشنى ئۈمىد قىلاتتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن مەۋجۇت ئىچكى توقۇنۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. چۈنكى بىز ھەممىمىزگە مەلۇم، شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىش قارشىلىق ھەرىكىتى ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئالغاندا تېررورلۇق ئەمەس. نۇرغۇن زوراۋانلىقنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن ئۆزى قىلغان. بىز بۇنى نۇرغۇن ئالاقىدار ماتېرىياللاردىن بايقىدۇق. بۇ 28‏-ئۆكتەبىردىكى تيەنئەنمېن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھۇجۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشلارغا قانداق باھا بېرىش مەسىلىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇھىم مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيە ھارف، 2‏-يانۋار ئۆتكۈزگەن يېڭى يىللىق تۇنجى ئاخبارات يىغىنىدا، خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ يەنە مۇشۇ مەسىلىدىكى سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن.

خىتاي مۇخبىرى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 30-دېكابىردىكى ئاخبارات يىغىنىدا ئوخشاشلا يەنە شۇ خىل سوئاللارنى سورىغان ئىدى.

خىتاي «خەلق گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى مارىيە ھارفنىڭ جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ 3 ئۇيغۇر تۇتقۇننى گۋەنتانامودىن سىلوۋاكىيەگە يۆتكىگەنلىكىگە قارشى پوزىتسىيە بىلدۈردى.

«جۇڭگونىڭ پوزىتسىيىسىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىسىز؟ جۇڭگو بۇ كىشىلەرنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەزاسى، دەپ قارىماقتا. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ب د ت تەرىپىدىن تېررورلۇق ۋە تېررورلۇقنى قوللىغۇچى گۇرۇھ، دەپ بېكىتىلگەن. بۇ ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، دەپ قارامسىز؟ ئەگەر ئۇلار تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللانسا ئامېرىكا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟» دەپ سورىغان.

لېكىن، مارىيە ھارف : ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا بۇ كىشىلەرنى «دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس» دەپ قاراپ، قولغا ئالماسلىقنى قارار قىلغان. ئاخىرقى تۈركۈمدە قويۇپ بېرىلگەنلەر ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتى 2008-يىلى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلغان 17 كىشىنىڭ بىر قىسمى. ئىلگىرى ئۇلارنىڭ 5 نەپىرى مۇشۇ سەۋەبلىك قويۇپ بېرىلگەن. ھازىر، 22 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ ھەممىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇندى. سىلوۋاكىيە گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرغان 6‏-دۆلەتنىڭ بىرى.

بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك سىياسىتى سەۋەبلىك گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىمىزنى ئىزچىل ئەسكەرتىپ كەلدۇق. بىز بۇرۇن ئېيتقاندەك، گۇەنتانامودىكى تۇتقۇنلار سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئالىمىز. ئەلۋەتتە، يېقىنقى ئورۇنلاشتۇرۇش بىزنىڭ بۇ نىشانغا قاراش تاشلىغان مۇھىم قەدەم، دەپ جاۋاب بەرگەن.

بىراق «خەق گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى داۋاملىق چوڭقۇرلاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشلاردىكى پوزىتسىيىسىگە سوئال قويغان. ئۇ: «جۇڭگودا ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى پارتلىتىش قىلمىشىنى تەنقىدلەشكە رايى بارمىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن تەنقىد بار. پۇقرالارنى نىشانغا ئالغان بۇ ئۇيغۇرلارنى ھەقلىق، دەپ قارىلامدۇ؟ بۇنىڭ پۇقرالارنى نىشان قىلغان باشقا پارتلىتىشلار بىلەن قانداق پەرقى بار؟» دېگەن.

بۇ خىتاي مۇخبىرىنىڭ بۇ سوئالنى 2‏-قېتىم سورىشى بولۇپ، بۇ سوئالنى ئوخشاشلا 30‏-دېكابىر باشقا بىر خىتاي مۇخبىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

بىراق، مارىيە ھارف بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: بۇ سوئال دۈشەنبە كۈنى بىر قېتىم سورالغان. مېنىڭچە بىز تەكىتلەپ كەلگەندەك، ھەر بىر ئەھۋالنىڭ ئۆزگىچىلىكى بولىدۇ. بىز ھەرقانداق نەرسىگە باھا بېرىشتىن بۇرۇن، ئەھۋالغا ئالاقىدار بارلىق ئۇچۇرلارنى توپلايمىز. مەن ئېيتىپ ئۆتكەندەك بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتى« ئۇيغۇرلارنى دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس» دەپ بېكىتىشنى قارار قىلغان. بىز داۋاملىق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان كەمسىتىش ھەم چەكلىمىلەردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىمىز. بىز بۇنى جۇڭگونىڭ ئالدىغا قويۇپ كەلدۇق. سىزنىڭ 1-سوئالىڭىزغا جاۋابىم شۇ. بۇنىڭ باشقا ساھەلەردىكى كەڭ دائىرىلىك مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر يەتكۈزۈشىنى خالىمايمىز. مەسىلە بولسا، ئوتتۇرىغا قويىمىز. خىتاينىڭ مەسىلىسى بولسا ئۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ياڭ جيەنلى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇققا باغلاپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرىدىغان ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇۋالغان. بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى «تېررورلۇق» دەپ قارىماسلىقىدىكى مۇھىم ئامىل.

دوكتور ياڭ جيەنلى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپى كۈچىيىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: ئامېرىكا 11‏-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، گەرچە ئۇنىڭ تېررورلۇق مەسىلىسىدىكى باھاسى خىتايدىن ناھايىتى زور پەرقلەنسىمۇ، بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشى سەۋەبلىك جۇڭگو بىلەن شىنجاڭ مەسىلىسىدە توقۇنۇشۇپ قېلىشنى خالىمايتتى. بىراق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مەسىلىدىكى توقۇنۇش بارغانچە گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ بايانلىرىدىن ئەلۋەتتە خوش بولمايدۇ. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرۇشقا ئاۋاز قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن. بىراق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىگە جۇڭگونىڭ ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىپ قارىشى مۇمكىن ئەمەس. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە شۇنى چاقىرىق قىلىمىز، ئەگەر سەن دۇنيانى قايىل قىلىمەن دېسەڭ، سەن چوقۇم باشقا ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ بۇ ۋەقەلەرنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشۇڭ شەرت. بولمىسا، سېنىڭ دېگەن گېپىڭگە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ.

گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار قويۇپ بېرىلدى، چۈنكى ئۇلار ئامېرىكىغا تەھدىت ئەمەس. بىراق، ئۇلار قويۇپ بېرىلسە، خىتايغا تەھدىت پەيدا قىلامدۇ-يوق؟ بۇ 2‏-يانۋاردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر سوئال. مارىيە ھارف، ھەر بىر كىشىنىڭ دېلوسى بىر-بىرلەپ كۆزدىن كەچۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئاخىرقى تۈركۈمدىكى 3 ئۇيغۇرنى سىلوۋاكىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇش «گۇەنتانامو لاگېرىنى تاقاش يولىدىكى مۇھىم قەدەم» دېگەن.

دوكتور ياڭ جيەنلى، ئامېرىكىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمىگەنلىكىنى تەھلىل قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قانۇنىدا، ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ قايتىپ بېرىپ سىياسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇلارنى قوغدىشى كېرەك. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيغۇر دوستلارنى باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇردى. تۈركۈمدىكى ئاخىرقى 3 ئۇيغۇر سىلوۋاكىيەگە ئورۇنلاشتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ جۇڭگوغا خەۋپ يەتكۈزمەيدىغانلىقىغا قانداق كاپالەت بارلىقىنى سوراۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ خەۋپكە ئۇچراش مەسىلىسى بايام تېررورلۇققا باھا بەرگەنگە ئوخشاش مەسىلە. ئەجەبا، بىز كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى جۇڭگوغا خەۋپ يەتكۈزەمدۇ؟ بىز ئۆزىمىزنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايمىزغۇ؟! بۇ كىشىلەرنىڭ جۇڭگوغا قارشىلىق كۆرسەتمەسلىكىگە ئامېرىكا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. ئامېرىكا مەسئۇل بولىدىغان ئىككى مەسىلە بار. ئۇلار تېررورچى ياكى ئەمەسلىكى بۇلارنىڭ بىرى. ئەگەر ئەمەس بولسا ئۇلارنى قويۇپ بېرىشى كېرەك. ئۇلارنى قويۇپ بەرگەندە ئۇلار زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان دۆلەتكە قويۇپ بېرىلمەسلىكى لازىم. بۇ ناھايىتى ئاددىي مەنتەقە.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت