مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي سىياسىتىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-06-12
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
يەكەن قاتارلىق رايونلاردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا قارشى ۋەقەلەردىن كېيىن ئۈرۈمچىنىڭ ئامانلىق ئىشلىرى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن. 2013-يىلى 29-ئىيۇن، ئۈرۈمچى.
يەكەن قاتارلىق رايونلاردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا قارشى ۋەقەلەردىن كېيىن ئۈرۈمچىنىڭ ئامانلىق ئىشلىرى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن. 2013-يىلى 29-ئىيۇن، ئۈرۈمچى.
AFP

بېن ھىلمان «شەرقىي ئاسىيا مۇنبىرى» دىكى ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا مۇھەممەت، ھاجى، ئىسلام، ئىمام قاتارلىق ئىسىملارنى قويۇشنى چەكلىگەنلىكىنى ئانالىز قىلىپ، بۇ ئەھۋال رايوندىكى كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىسى يوقلۇقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان تۇيغۇسى ۋە چۈشەنچىسىدىكى ساۋاتسىزلىق ئۇنىڭ مۇھەممەت دېگەن ئىسىمنى چەكلەپ، مەمەت دېگەن ئىسىمغا يول قويۇشىدا ئىپادىلەنگەن.

بېن ھىلمان «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى خەتەرلىك مىللىي سىياسىتى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بەلگىلىمىنى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا يەنە تۈركزات، تۈركىناز دېگەن ئىسىملارنىڭ چەكلىنىپ، ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنى نىشانغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

بېن ھىلمان، كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇھەممەتنى چەكلەپ، مەمەتكە يول قويۇشى، ئۇنىڭ بۇ ئوخشاش بىر ئىسىمنىڭ ئىككى خىل تەلەپپۇزىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، سەزگۈ ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى بۇ خىل ساۋاتسىزلىق ئۇنىڭ مەزكۇر رايونغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى بەلگىلىشىدە رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

لېكىن بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چۈشەنمەسلىكى، ئۇنى ھۆرمەت قىلماسلىقىدىكى ئاساسلىق ئامىل ئۇلاردىكى چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسىدۇر. 

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي شوۋىنىزمى ھازىر ئۈستۈن ئورۇنغا چىقتى. بۇ نەرسە ھازىر ئۇيغۇر خەلقىگە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ناھايىتى چوڭ بېسىم بولۇۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھېچقاچان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆگەنگەن، بۇ يەرگە كەلگەن، بۇ يەردە تۇرغان تارىخىي يوق. ھەممىسى سىرتتىن كەلگەن ئادەملەر. ئەڭ مۇھىمى بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ، يەرلىكنىڭ مەدەنىيىتىنى ھۆرمەت قىلمايدۇ. پەقەت ئۇيغۇرلارنى خىتايلارغا ھۆرمەت قىلغۇزۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ يەردىكى ئەڭ تۈپ پەرق مۇشۇ. بۇلارنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى كەمسىتىش، كۆزگە ئىلماسلىق، ھۆرمەت قىلماسلىق ئاساسىدا ئۇيغۇر خەلقىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىگە مايىل قىلىش. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى مۇشۇ يولدىكى تاكتىكىلار.»

بېن ھىلمان «شەرقىي ئاسىيا مۇنبىرى» دىكى ماقالىسىدە، خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونلىرىدا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان قوپال بىخەتەرلىك سىياسىتى، بۇ رايوندىكى پۈتۈن خەلقنى نىشانغا ئېلىپ، ئۇلاردىكى نارازىلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەردە ئۆزلىرىنى 2‏‏-سىنىپ ۋەتەنداش، كومپارتىيە قانۇندا دېيىلسىمۇ، بىراق يەرلىك مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلمايدۇ، دېگەن تۇيغۇ پەيدا قىلغان. 

دوختۇر ۋاڭ چىڭ ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق خىتايلاشقان مانجۇ زىيالىيسى. 1960‏-يىللاردا ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ، ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر رايونىدا ياشىغان. ۋاڭ چېڭنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانىدا ئۇنىڭ قولىدىكى ئەڭ چوڭ كوزىر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كوزۇرى. بىراق ئۇ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاڭ چىڭ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ قولىدىكى كوزىر ياخشى خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەدىسى. ئۇيغۇرلار ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئەلۋەتتە خىتايلارنىڭ شىركىتىگە ئورۇنلىشىدۇ. سىزنىڭ خوجايىنىڭىز ئۇيغۇر بولمايدۇ، چوقۇم خىتاي بولىدۇ. نېمىشقا خىتاي بولىدۇ، بۇنى دېمەي تۇرايلى. سىزنىڭ خوجايىنىڭىز خىتاي بولسا، سىز ئۇنىڭ بىلەن تىلىڭىز ئورتاق، تۇرمۇش ئادىتىڭىز ئورتاق بولىدۇ. سىز ئالىي مەكتەپ دىپلومىنى خىتاي تىلىدا ئالىسىز. لېكىن ئاسسىمىلياتسىيە ئۇتۇقلۇق بولغان مىللەتلەر بولغانمۇ، دېسەك بولغان. مەن بىر مانجۇ. مانجۇلار ئۆزى خىتايلارغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن. مانجۇلار ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشنى ئۆزى قوبۇل قىلدى. بىراق ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكىلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىمەن، دېيىشى تامامەن مۇمكىن ئەمەس.» 

ۋاڭ چىڭنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلالماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇلارنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا زىچ ئولتۇراقلىشىشىكەن. ۋاڭ چىڭ مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭدىكى سەۋەب دەل ئۇلارنىڭ تارىخى. بىز جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىنى ئالايلى، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار ياشاپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ ‏-ئادىتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى. ئۇيغۇر ئىرقىي بۇ يەرنى ماكان تۇتۇپ كەلگەن. ئۇلار نوپۇسنىڭ 99% نى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رايون قۇملۇق. بىر ئادەمنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشى ئۈچۈن 10 ئادەمگە بىر ئادەم توغرا كېلىشى كېرەك. بىراق مانجۇلار بىر ئادەم باشقا ئىرقتىكى 10 ئادەم بىلەن ياشاشقا مەجبۇر بولدى. خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايچىنى ئۆگىنىشىنى تەرغىب قىلسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ خىتايچىنى ئۆگىنىشى يامان ئىش ئەمەس. ئەمما، ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق زىچ ئولتۇراقلىشىشنى ساقلاپ قالالىسىلا، خىتاي ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلالمايدۇ.» 

بېن ھىلماننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىغا نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ، خەلقنىڭ ماددىي تۇرمۇشىنى قىسمەن ياخشىلىغان بولسىمۇ، ئەمما تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى پۇقرالاردا مىللىي خەۋپ تۇيغۇسىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ بۇ رايوندىكى تەتقىقاتچىلارغا مەلۇم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، «بۇ خىل مىللىي خەۋپ تۇيغۇسى يەرلىك پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا مىللىي، دىنىي كىملىكىنى ئىپادىلىيەلمەسلىكتەك ئەندىشىدىن پەيدا بولغان. خىتاينىڭ بۇ رايوندا بىخەتەرلىكنى 1‏-ئورۇنغا قويۇشى بۇ خىل خائىشلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغاندەك قىلىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن. 

دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ غەرىزى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش بولسىمۇ، بىراق بۇنداق قوپال سىياسەت ئۇيغۇرلاردا ئۆز كىملىكىگە بولغان ئىزدىنىش، مەدەنىيىتىگە بولغان سېغىنىشنى كۈچەيتىدىكەن. 

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى كۆز ئالدىمىزدىكى ۋەزىيەتتە، بۇ مەدەنىي ۋە دىنىي بېسىملار ئەلۋەتتە مەدەنىي ۋە دىنىي قارشىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ لوگىكا. بۇ كۆز ئالدىمىزدا كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئىش. بۇ پەقەت 21‏-ئەسىردىكى ئۇيغۇر خەلقىنى بۇنداق قوپاللىق بىلەن بېسىم ئىشلىتىش، ھاقارەت قىلىش، ئېزىش-ئۇيغۇر خەلقىدە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئىزدىنىش، باشقىدىن قاراش، سېغىنىش، ئۆز مەدەنىيىتى، مىللىتى، دىنىنى مۇستەھكەملەپ، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى بېسىمىغا قارشىلىقنى كۈچەيتىدۇ.» 

بېن ھىلمان «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى خەتەرلىك مىللىي سىياسىتى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە يەنە، خىتاي ئۈچۈن ئۇپۇقتىكى يەنە بىر يوشۇرۇن خەۋپ ياۋروئاسىيادىكى قوشنا ئەللەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ 20 مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلىرىگە قاراتقان سىياسىتى رايوندىكى قوشنا ئەللەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىشى، خىتاي 'بىر بەلۋاغ بىر يول' ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سودا، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇلار بىلەن سۈركىلىش پەيدا قىلىشى يەنە بىر خىل ئېھتىماللىقتەك قىلىدۇ» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت