خىتاي ئۆلكىلىرىگىمۇ ئۇيغۇرلاردىن ياللانما ساقچى قوبۇل قىلىنماقچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2017.03.24
uyghur-yallanma-sakqi.jpg ئۇيغۇر ياللانما ساقچى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Social Media

ئۈندىداردىكى «ئۇيغۇر ساقچى» سالۇنىنىڭ 21-مارت كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 17-مارت كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تۇرۇشلۇق ج خ ئىدارىسى «شىنجاڭ ساقچى مەكتىپى» دىن 500 ئوقۇغۇچىنى تاللاپ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق رايونلارغا ئۈچ ئايلىق مۆھلەت بىلەن ياردەمگە ئەۋەتكەن.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە 2-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە لياۋنىڭ، خېنەن ۋە جياڭسۇ قاتارلىق خىتايدىكى تۆت ئۆلكىدىن يەنە 4 مىڭ خىتاي ساقچىسىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە ئاتۇش قاتارلىق شەھەرلىرىگە يۆتكەپ كەلگەن. ئاتۇش شەھەرلىك ھۆكۈمەت توربېتىدە 2-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە ئاتۇشتا 200 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى، ئايلىق مائاشى 5000 سوم بولىدىغانلىقى ۋە كۆپ مىقداردا تولۇقلىما بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان ئىدى.

23-مارت كۈنى ئۇندىداردا تارقالغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى يىۋۇ شەھىرىدىكى ج خ ئىدارىسى ئۇيغۇرلاردىن ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانى تارقاتقان. بىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ئېلاندىكى نومۇرغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. مەزكۇر ئېلاننى تارقاتقان ھەمدە ئۇيغۇرلاردىن ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل بولغان ساقچى مۇتەللىپ سۆھبىتىمىز داۋامىدا ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىش تەرتىپلىرى، شەرتلىرى شۇنداقلا مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.

ئىستانبۇلدىكى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ژۇرنالىست ئابدۇرېھىم پاراچ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ساقچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ كۆپلەپ تارقىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ياللانما ساقچىلىققا ئىلتىماس قىلمىغانلىقىنى، ياللانما ساقچى ۋە ساقچىلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەمسىزلىكى تۈپەيلى، گەرچە بۇ خىزمەتنىڭ تەمىناتى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىزمەتتىن باش تارتىۋاتقانلىقىنى ئۆزى ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ بايان قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگىمۇ ئۇيغۇرلاردىن ياللانما ساقچى قوبۇل قىلىشتا، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى تەقىب قىلىشتىن باشقا يەنە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى كۆزىتىش، نازارەت ئاستىغا ئېلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ ھەقتىكى پروگراممىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.