كەنت ئامانلىق مۇدىرى: «چەتئەلگە چىقىپ كىرگەنلەر زەھەرلىنىدۇ، تەربىيەلىشىمىز شەرت»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.10.02
turme-uyghur-siyasiy-mehbus.jpg تۈرمىگە ئېلىپ كىرىلىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار.
Social Media

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دائىرىلەر يېقىنقى ئايلاردا چەتئەلدە ساياھەت قىلىپ كىرگەنلەرنى ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلارنىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. ئەمما ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا كورلانىڭ قارا يۇلغۇن يېزا ئارابۇغرا كەنتىدىن ئىلگىرى چەتئەلگە ساياھەتكە چىققان 13 كىشى ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە قاماپ قويۇلغان. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كەنت سېكرېتارى چەتئەلگە چىققانلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن زەھەرلىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا تەربىيەلىنىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر رايونىدىكى دائىرىلەر بۇ يىلنىڭ بېشىدا چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى يۇرتىغا قايتىشقا بۇيرۇش بىلەن بىرلىكتە، يەنە چەتئەلدە ساياھەتتە بولۇپ كەلگەنلەرنىمۇ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا بۇيرۇغان. ئەڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان بىر ئۇقتۇرۇشتا ئۆزىنى مەلۇم قىلغۇچىلارغا كەڭچىلىك قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، دائىرىلەر ۋەدىسىدە تۇرمىغان. چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىپلا كىرگەن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئاپارغان ۋە «مەسىلە تاپشۇرۇش» قا قىستىغان. كورلا شەھىرىگە قاراشلىق قارا يۇلغۇن يېزىسىنىڭ ئارا بۇغرا كەنتىدە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ساياھەتكە بېرىپ كەلگەن 13 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئاپىرىلغان.

ئارابۇغرا كەنت سېكرېتارى، چەتئەلگە چىقىپ كىرگەنلەردىن شىكايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇلار چەتئەلگە چىقىپ كىرىپ راست گېپىنى دېمەيدۇ. ئۇ يەرنىڭ يامان تەرەپلىرىنى تىلغا ئالماستىن، ياخشى تەرەپلىرىنى ماختىشىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن يامان كۈنلىرىنى يوشۇرىدۇ، بۇ ئارقىلىق چۈشىنىش سەۋىيىسى يېتەرلىك بولمىغان پۇقرالارنى قايمۇقتۇرىدۇ».

بۇ سېكرېتار يەنە چەتئەلگە چىقىپ كىرگەن ساياھەتچىنىڭ چوقۇم بەلگىلىك دەرىجىدە يامان ئىدىيە بىلەن يۇقۇملىنىدىغانلىقىنى ۋە شۇ سەۋەبتىن ئاز دېگەندە 15 كۈن تەربىيەلىنىشى شەرت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر كەنتتىكى سابىق ساياھەتچى ئىككى ئاي ئاۋۋال «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئاپىرىلغان بولسىمۇ، تېخىچە قويۇپ بېرىلمىگەن؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆز ئالدىغا ساياھەت قىلغانلىرىمۇ، ساياھەت شىركىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ساياھەت قىلغانلىرىمۇ ئوخشاشلا ئاتالمىش تەربىيەلىنىش قىسمىتىدىن خالىي بولالمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، كورلانىڭ قارا يۇلغۇن يېزا ئارابۇغرا كەنتىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەربىيەلىنىۋاتقان 80 نەچچە كىشىدىن 13 نەپىرى سابىق ساياھەتچى؛ كورلا بويىچە «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە يىغىۋېلىنغان 2100 چە كىشى ئىچىدە قانچە نەپەر سابىق ساياھەتچى بارلىقى مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.