كورلادا 82 ياشلىق سابىق سېكرېتار، پەيزىۋاتتا 64 ياشلىق سابىق ئوقۇتقۇچى يېپىق «تەربىيە» دە

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-10-17
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
«تېررورچىلار» نى تۇتۇشتا تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدا ئامانلىقنى قوغداۋاتقان قوراللىق كۈچلەر. 2014-يىلى 3-ئاۋغۇست، خوتەن.
«تېررورچىلار» نى تۇتۇشتا تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدا ئامانلىقنى قوغداۋاتقان قوراللىق كۈچلەر. 2014-يىلى 3-ئاۋغۇست، خوتەن.
AFP

ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەمدە ئېچىلغان يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە سولىنىپ يېتىۋاتقانلار ئارىسىدا بەلگىلىك ساندا ياشانغانلارنىڭمۇ بارلىقى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، كوچىنىڭ قارايۇلغۇن يېزا قارايۇلغۇن كەنتىنىڭ سابىق سېكرېتارى 82 ياشلىق زىياۋۇدۇن چورۇق بىلەن پەيزىۋاتنىڭ شاپتۇل يېزىسىدىكى 64 ياشلىق پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى تۇرسۇن ھوشۇرمۇ ئەنە شۇ ئاتالمىش تەربىيەلىنىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا.

كورلانىڭ قارايۇلغۇن يېزا قارايۇلغۇن كەنتىنىڭ سابىق سېكرېتارى زىياۋۇدۇن چورۇق بۇ يىل 82 ياش بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن 10 يىللار ئىلگىرى دەم ئېلىشقا چىققان. بۇرۇن ئون نەچچە يىل كەنت سېكرېتارى بولۇپ ئىشلىگەن زىياۋۇدۇن چورۇق دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن مەسچىت جامائىتىگە قېتىلغان ۋە ئىسلامدىكى 5 پەرزنىڭ بىرى بولغان ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ يېپىق تەربىيەگە ئەۋەتىلگەن.

ئۆتكەن ئايدا، غۇلجا ناھىيەلىك يېپىق تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئاياللار لاگېرىدىكى بىر ئوقۇتقۇچىمۇ ئۆزىنىڭ 40 نەپەر ئوقۇغۇچىسى ئىچىدە 66 ياشلىق بىر ئايال بارلىقىنى ئاشكارىلىغان، ئەمما كىملىكىنى دەپ بېرەلمىگەن ئىدى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا پەيزىۋات شاپتۇل ساقچىخانا خادىمى پېنسىيەگە چىققان 64 ياشلىق ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى تۇرسۇن ھوشۇرنىڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، روزا تۇتقان ۋە جۈمەگە بارغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، نۆۋەتتە ئۇنىڭ بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈلۈپ، بىر تەرەپتىن تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

مەلۇمكى يۇقىرىقى ياشانغان تۇتقۇنلارنىڭ قىلمىشىنىڭ ھېچ بىرى خىتاينىڭ مەۋجۇت قانۇنلىرىغا خىلاپ ئەمەس، ھەتتا بىر يىلنىڭ ئالدىدىكى ئاشكارا ھۆججەتلىرىنىڭ روھىغىمۇ خىلاپ ئەمەس. زىياۋۇدۇن چورۇقنىڭ ھەج قىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، تۇرسۇن ھوشۇرنىڭ روزا تۇتقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىشى، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ يېپىق تەربىيەلەشتە بەلگىلەنگەن ساننى تولدۇرۇشتا بېشى قېتىۋاتقانلىق ئېھتىماللىقىنى ئاشكارىلىماقتا. چۈنكى قاراقاش ئاقسارايدىكى بىر قىسىم كەنت سېكرېتارلىرى، ئاھالە نوپۇسىنىڭ 40% نى ئاتالمىش تەربىيەدىن ئۆتكۈزۈش ھەققىدە ئۆزلىرىگە ئۇقتۇرۇش بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت