كورلىدىكى بىر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى» نىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» ھەققىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى (4)
2017.12.27
ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا زور ساندا كىشى يېپىق تەربىيەلەش مەركىزىگە قامالماقتا. بۇلارنىڭ ئەنە شۇ تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە ۋە ئەنە شۇ مەركەزلەرگە ئاپىرىلىشتىن بۇرۇن ساقچىخانىلاردا بېشىدىن نېمىلەرنى كەچۈرىۋاتقانلىقى دائىرىلەر تەرىپىدىن ئىزچىل ھالدا سىر تۇتۇلماقتا. كورلىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى نامان باۋۇدۇننىڭ بايان قىلىشىچە، ساقچىلار، تەربىيەلەش ئويېكىتلىرىنى بېكىتىشنىڭ ئالدىدا ئۇلارغا گۇناھ ئارتىش، تۆھمەت چاپلاش، تەھدىتلىك سوراق قىلىشتىن باشقا يەنە بەزىدە قېيىن-قىستاق جازاسىنى قوللىنىدۇ.
كورلانىڭ ئاۋات يېزا 6 -كەنت ئەزاسى، 25 ياشلىق مۇتەللىپ ئابدۇۋەلى، مۇشۇ ئاينىڭ دەسلەپكى ھەپتىسى، يېزىلىق ساقچىخانا خادىملىرى تەرىپىدىن قېيىن قىستاققا ئېلىنغان. ساقچىلار تۆمۈر ئورۇندۇققا باغلانغان مۇتەللىپ ئابدۇۋەلىنىڭ قولىغا كويزىنى قولى قانىغىدەك دەرىجىدە چىڭ سالغان. مۇتەللىپ كويزىنى بوشۇتۇشنى تەلەپ قىلغاندا رەت قىلىنغان. ئۇ سوراقخانىنى سۈپۈرىۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسىدىن كويزا بىلەن قولى ئارىسىغا يەردىكى تاماكا قالدۇقىنىڭ بۇلۇتىنى قىستۇرۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلغاندا ساقچىلارنىڭ تىل ۋە ھاقارىتىگە ئۇچرىغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ساقچىخانىنىڭ يەر ئاستى ئۆيى زال ۋە سوراقخانىدىن ئىبارەت ئىككى خانىدىن تەركىپ تاپقان. سوراق قىلىنىشنى كۈتۈپ زالدا بىرقانچە كېچىنى تاڭ ئاتقۇزىدىغان گۇماندارلارنىڭ ئورنىدا مىدىرلىماي تۇرۇشى ياكى ئولتۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ؛ ھاجەتخانىغا بېرىش قېتىم سانىمۇ چېكلىنىدۇ؛ بۇ تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغانلار ساقچىلارنىڭ تىل ۋە تەنقىدىگە ئۇچرايدۇ. ساقچىخانىدا سوراق قىلىنىشنى كۈتىۋاتقانلار ئارىسىدا ياشانغانلار، ۋە كېسەللەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ تۈزۈمگە بويسۇنىشى ئېغىر بىر قېيىن-قىستاق ئازابىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
مۇشۇ ئاينىڭ 2 -ۋە 3 -كۈنلىرى مەزكۇر ساقچىخانىدا قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان مۇتەللىپ ئابدۇۋەلىنىڭ، ئاتالمىش گۇناھى، قانداق بىر سەۋەب ياكى باھانە بىلەن تۇتۇلغانلىقى مەزكۇر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى»، شاھىد نامان باۋۇدۇنغا مەلۇم ئەمەس. بۇ شاھىدنىڭ يەنە بايان قىلىشىچە، بۇ نۇقتىلار بەلكىم يېپىق تەربىيە مەركىزىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى بىلمىگەنگە ئوخشاش، گۇماندار مۇتەللىپ ئابدۇۋەلىنىڭ ئۆزىگىمۇ مەلۇم ئەمەس.