«ھۆددە يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش» كىملەرگە نەپ يەتكۈزىدۇ؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017-09-14
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
قەشقەر نەزەرباغ يېزا قازرىق كەنتىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ قولدىن كەتكەن يەرلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ياكى تۆلەم ئېلىش ئۈچۈن يازغان يۈزلىگەن ئەرزلىرىدىن بىر ئۆرنەك.
قەشقەر نەزەرباغ يېزا قازرىق كەنتىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ قولدىن كەتكەن يەرلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ياكى تۆلەم ئېلىش ئۈچۈن يازغان يۈزلىگەن ئەرزلىرىدىن بىر ئۆرنەك.
Social Media

«خوتەن گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا خىتاي «يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ يېزىلاردىكى ھۆددە يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى» ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدا يەر دېھقانلارنىڭ «مۇقىم مۈلكى» گە ئايلىنىدۇ دېيىلگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ يىل 1-ئاپىرىلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 51 ناھىيە (شەھەر، رايون) دە 18 مىليون مو يېزا ھۆددە يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ، كىنىشكا تارقىتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 8 مىليون 58 مىڭ 700 مو، شىمالدا 9 مىليون 941 مىڭ 300 مو يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش ۋەزىپىسىنى تاماملايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇنىڭ ئالدىدا 2011-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە يېزا يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ رويخەتكە ئالدۇرۇش گۇۋاھنامىسى تارقىتىشنى، سانجى، ماناس، بورتالا ۋە ئاقسۇ قاتارلىق 9 جايدا سىناق قىلغان ئىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئورۇنلاشتۇرغان 35 مىليون 620 مو يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش ۋەزىپىسى 2019-يىلى تاماملىنىدىكەن. نۆۋەتتە دائىرىلەر بۇ خىزمەتنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتا جىددىي ئېلىپ بارماقتىكەن.

دائىرىلەر، بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات خەۋەرلىرىدە يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىشتە ئالدى يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى ئېنىق بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ماجىرالارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يەرلىك ئاھالىلەرنى كەڭ كۆلەمدە ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولاپ، ئايلاپ ھەتتا يىللاپ چىقارمايۋاتقان بىر ۋاقىتتا، يەر تەۋەلىكى ھوقۇقىغا دائىر رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ئىشلىرىنى جىددىي ئېلىپ بېرىشنىڭ ئۆزىلا گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى: «نۆۋەتتىكى بۇ ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلار يەر ھوقۇقىنى قوغداشقا دائىر رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشكە ئىمكانسىز، ئۆز ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشقا ئىمكانسىز، بۇنداق بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قولىدىكى يەرلىرىنى تېخىمۇ ئاسان تارتىپ ئېلىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ سىياسەت زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگىمۇ، خىتاي كۆچمەنلىرىگىمۇ پايدىسىز بىر ۋەزىيەت يارىتىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئىتى يەرگە باغلاقلىق،» دېدى

رادىيومىز ئىلگىرى ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردا يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانلارغا تۇتقان سىياسىتىنىڭ ناتوغرىقلىقى، دېھقانلار ھۆددىگە ئالغان يەرلىرىگە نېمە تېرىشنى ئۆزلىرى بېكىتەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، باج-سېلقنىڭ كۆپلۈكى ۋە ھاشار قاتارلىق سەۋەبلەردىن يەرنىڭ چىقىمى پايدىسىدىن كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن دېھقانلار يەرلىرىدىن ۋاز كېچىپ، باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە، دېھقانچىلىقىنى تاشلاپ باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ ھەقتە ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلار ئۆزىنىڭ يەرلىرىدىن سېلىق ۋە ھاشار سەۋەبلىك كېچىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ مەسىلىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بىر ھادىسە ئىكەنلىكى «شىنجاڭ گېزىتى» مىسالغا ئالغان ئاقسۇ شەھەرلىك يېزا ھەمكارلىق ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شياۋ چۈنلىننىڭ سۆزلىرىدىن قايتا دەلىللەندى.

شياۋ ئۈنلىننىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرىغا چۈشەندۈرۈشىچە، يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى ئېنىق بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ماجىرالارنىڭ كۆپىنچىسى، ئىلگىرى يەرنىڭ قوشۇمچە قىممىتى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرلۈك دېھقانچىلىق بېجى سەۋەبلىك دېھقانلار يەر تېرىشنى خالىمىغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرنىڭ قوشۇمچە قىممىتى بارغانسېرى ئېشىپ، دېھقانچىلىق بېجىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، نۇرغۇن يېزا-ئىگىلىك ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان بولغان. شۇنىڭ بىلەن يېرىنى تاشلىۋەتكەن دېھقانلار يېرىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولغان.

ئىگىلىنىشىچە، دائىرىلەر يەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن دېھقانلارنىڭ «مۇقىم مۈلكى» گە ئايلانغانلىقى ھەققىدە سىگنال بەرگەن. دېمەك ئىلگىرىكى سىياسەت ئۇيغۇرلارنى يەرلىرىدىن كېچىشكە، ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ۋە ياكى ئەرزان سېتىۋېتىشقا مەجبۇر قىلغان بولسا، نۆۋەتتىكى سىياسەت بىلەن يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى ئېنىق بېكىتىلىپ، پۈتۈنلەي يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش ئارخىپلاشتۇرۇلۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن دېھقانلارنىڭ يېرىنى ھېچكىم تارتىۋالالمايدىغان بولىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «بۇ شۇنداقلا يەرلىرىنى ئەرزان باھادا ئۆتۈنۈپ بەرگەن ۋە ياكى تارتقۇزۇپ قويغانلارنىڭ يەر ھوقۇق تەۋەلىكىدىن مەڭگۈ مەھرۇم قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،» دېدى. ئۇ يەنە«بۇ يېڭى سىياسەت ئۇيغۇرلارنى يەردىن ئىبارەت ئىقتىسادىي كاپالىتىدىن مەڭگۈ ئايرىشنى ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە مەڭگۈ بېقىندى بولۇپ ياشايدىغان ھالغا چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ،» دېدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت