ئۇيغۇر دىيارىدا يېزىلارغا چۈشۈرۈلگەن كادىرلار ھەققىدە ئىنكاسلار

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017-07-06
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىدارە-ئورگانلاردىن، 5826 قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ، خوتەنگە ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ئۈچۈن كېتىۋاتقان خىزمەتچىلەر. 2014-يىلى 3-مارت، ئۈرۈمچى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىدارە-ئورگانلاردىن، 5826 قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ، خوتەنگە ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ئۈچۈن كېتىۋاتقان خىزمەتچىلەر. 2014-يىلى 3-مارت، ئۈرۈمچى.
www.gov.cn

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى يېقىندىن بۇيانقى خەۋەرلىرىدە 2014-يىلدىن بۇيان «خىزمەت ئەترىتى» نامىدا جەنۇبىي ئۇيغۇر يېزىلىرىغا ئەۋەتىلگەن ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ دېھقانلارغا ياردەم قىلغان ئىش-ئىزلىرىنى مەدھىيىلىمەكتە. ئۇنداقتا، يېزىلارغا ئەۋەتىلگەن ھۆكۈمەت كادىرلىرى راستلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپلىگەندەك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتىمۇ؟ بۇ كادىرلار نېمە مەقسەتتە ئەۋەتىلدى، نېمىلەرنى قىلدى؟ ئۇلار ھەققىدە قانداق ئىنكاسلار بار؟

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى»، «خەلق گېزىتى»، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى» قاتارلىقلارنىڭ 6-ئىيۇل كۈنىدىكى سانلىرىدا، 2014-يىلدىن 2017-يىلغىچە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلاردا، كەنتلەردە نۇقتىدا تۇرۇپ ئىشلەيدىغان كادىرلارنىڭ 280 مىڭغا، خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ 43 مىڭ 80 گە يەتكەنلىكى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر بېرىلدى. خەۋەرلەردە جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنى مەركەز قىلىپ تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ، يېزىلاردىكى نامراتلىقىنى تۈگىتىش خىزمەتلىرى داۋامىدا، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان نېگىزلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەنلىكى ۋە ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشتا تۆھپە ياراتقانلىقى مەدھىيىلەندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان كادىرلارنى نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلاردا نۇقتىدا تۇرۇپ ئىشلەشكە ئەۋەتىش ھەرىكىتى 2014-يىلى باشلانغان بولۇپ، رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇر يېزىلىرىغا چۈشۈرۈلگەن ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى ھەققىدە ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللار خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

ئىلگىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دېھقانلار ئۆز بايانلىرىدا، يېزىلارغا ئەۋەتىلگەن كادىرلارنىڭ نامدا يېزىلاردا ھەل بولماي كېلىۋاتقان نامراتلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، دېھقانلارنىڭ باي بولۇشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكى تەشۋىق قىلىنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يېزىلارغا خىزمەت ئەترەتلىرى كەلگەندىن كېيىنمۇ دېھقانلارنىڭ ماددىي تۇرمۇشىدا ئىلگىرىكىدىن پەرقلىق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇقىملىقنى ساقلاش نامىدا يېزىلارغا ئەۋەتىلگەن كادىرلارنىڭ نامراتلىقتا ياشاۋاتقان دېھقانلارغا قىلغان ياردەملىرىدىن كۆرە، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى كۈندىلىك ئائىلىۋى تۇرمۇشىغا قەدەر ئارىلىشىشى كەلتۈرگەن ماددىي، مەنىۋى ئاۋارىچىلىقلىرىنىڭ بارغانچە كۆپ بولۇۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلغان ئىدى.

ئۆتكەن ئايدا خوتەندىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دېھقانلار ۋە يېزا ساقچىلىرى يەنە، نۆۋەتتە خوتەن يېزىلىرىدا ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلەردىن توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ قاتارلىقلارنىڭ كەنت ئۆيىدە كادىرلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا «ناخشا-ساز، ھاراق-شاراب بىلەن مەدەنىي ئۆتكۈزۈش» كە يۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى توسۇش، خۇراپىي ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش» نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ يېزىلارغا چۈشكەن «خىزمەت ئەترەت» لىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا قايتىدىن كۆپىيىۋاتقان «تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت ئەترەتلىرى» ۋە يېزىغا چۈشكەن كادىرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر، ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىكى يېزىلارغا چۈشكەن كادىرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلار ئىگىلىگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يېزىلارغا چۈشكەن كادىرلار ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى، بىرقانچە يىلدىن بۇيان جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ «ئۆي تەكشۈرۈش» ھەرىكىتىگە نارازىلىق سەۋەبىدىن بارغانچە كۆپەيگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بايانىدا، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تەشۋىقاتىدا «يېزىغا چۈشكەن كادىرلارنىڭ، دېھقانلار ئارىسىدىكى دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش، يېزىلاردىكى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكى مەدھىيىلەنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاتالمىش يېزىغا چۈشكەن كادىرلاردىن تەشكىللەنگەن خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ يېزىلاردىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە، مۇقىمسىزلىقلارغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغىچە سىڭىپ كىرىشى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان دىنىي ئېتىقاد ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى بۇزۇش، ھەتتا ۋەيران قىلىش رولىنى ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، خىتاي تاراتقۇلىرىدا بېرىۋاتقان يېزىغا چۈشكەن كادىرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە ئۇزۇندىن بۇيان دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يېزا قاتارلىق ئاساسىي قاتلاملاردا ئەسلىدىنلا ھۆكۈمەت كادىرلىرى بار ئەھۋالدا، شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى يېزىلارغا ئەۋەتىشتىكى مەقسەتنىڭ يېزىلاردا «دىنىي ئېتىقادنى ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى سۇسلاشتۇرۇش، دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى ئازايتىپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» تىن باشقا يەنە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئاساسىي قاتلاملاردا ئىشلەۋاتقان يېزا كادىرلىرىغا ئىشەنمەسلىك، ئۇلارنى نازارەت قىلىش مەقسىتىمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما دىلشات رىشىت ئەپەندى بايانىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يېزىلارغا چۈشكەن ھۆكۈمەت كادىرلىرى يۈزلىنىۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ، مەيلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىنى بەجانىدىل ئىجرا قىلغۇچىلار بولسۇن ياكى ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىدىغان بىر قىسىم ۋىجدانلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرى بولسۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە زەربە بېرىش» شامىلىدا ھەر خىل روھى بېسىم، ھەتتا زەربە بېرىشكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل مىللەت بويىچە باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت