دۇنيانى ئۆزگەرتىۋاتقان 11‏-سېنتەبىر ۋەقەسى

ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئون بىرىنچى سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن پۈتۈن دۇنيادا پەيدا بولغان نەتىجە-ئاقىۋەتلەر ھەققىدىكى كۆز قاراشلارنى خەۋەر قىلدى. ئىنتېرنېت تورلىرىدىمۇ بۇ ھەقتە ئەركىن مۇنازىرىلەر داۋاملاشتى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.09.12
911-Xatirisi-305.jpg ﻧﻴﯘ - ﻳﻮﺭﻛﺘﯩﻜﻰ 11 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﻨﯩﯔ 7 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﮔﯜﻝ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﺰﭼﺎﻕ.
AFP Photo

2001‏-يىل 9‏-ئاينىڭ 11‏-كۈنى، ئامېرىكىدا 17 ئادەم، 4 يولۇچىلار ئايروپىلانىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 3 ئايروپىلاننى نيۇيورك شەھىرى ۋە ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى مەشھۇر قۇرۇلۇشلارغا سوققان، يەنە بىر ئايروپىلاننى كۆزلىگەن نىشانىغا يەتكۈزەلمىگەن شۇنداق بىر چوڭ ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى. مانا بۇ، «ئون بىرىنچى سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ قىسقىچە جەريانى.

تۈنۈگۈن، 2011-يىل 9‏-ئاينىڭ 11‏-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدا ۋە نيۇيورك، لوس ئانجىلىس، ئاتلانتا، سياتۇل قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە ئون بىرىنچى سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

نيۇيورك شەھىرىدىكى دۇنيا تىجارەت مەركىزىنىڭ قوشماق بىناسىنىڭ خارابىسى بىنا قىلىنغان ئون بىرىنچى سېنتەبىر باغچىسى سايەھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى. 3000 دانە دۆلەت بايرىقى ئېسىلدى. بۇ باغچىدىكى ئىككى چوڭ شارقىراتمىسى بار بىر كۆلنىڭ ئەتراپىدىكى مەرمەر تاشقا 2976 ئادەمنىڭ ئىسمى ئويۇلدى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىنا قىلىش لايىھىلەنگەن ئاسمان-پەلەك 4 بىنانىڭ ئىككىسى ھازىر سېلىنىۋاتىدۇ. نيۇيوركنىڭ شەھەر باشلىقى بلۇمبۇرگ تۈنۈگۈنكى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە «بۇ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ قايتىدىن گۈللىنىش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ جاكارلىدى.

ئون بىرىنچى سېنتەبىر ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان بىگۇناھ خەلقنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى بەش بۇرجەك بىناغا يىغىلىپ، ئون يىل بۇرۇنقى ئاشۇ شۇم كۈندە پەيدا بولغان نەپرەتلىرىنى ئىزھار قىلدى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جو بايدىن تۈنۈگۈنكى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە قىلغان سۆزىدە، بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلغانلار، 3 مىڭ ئادەم يىقىلغاندا 3 مىليون ئادەم ھەربىي فورما كېييىپ جەڭگە ئاتلىنىدىغانلىقىنى، 300 مىليون ئادەم بىردەك غەزەپ-نەپرەتكە تولۇپ ئورنىدىن دەس تۇرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلمىغان، بۇ، ئون بىرىنچى سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىدا پەيدا بولغان ۋە دۇنيانى يېڭىلاۋاتقان ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش، دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارەك ئوباما تۈنۈگۈنكى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە قىلغان سۆزىدە، گەرچە بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە 3 مىڭ ئادەم قۇتقۇزۇپ قېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا خەلقى شۇ كۈنى، نامەلۇم قاباھەت تۇمانلىرى توساتتىن ئۆز ئاسمىنىنى قاپلاشنىڭ، يېغى ياندىن قوپۇپ تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى ھاياتىدىن ئايرىيدىغان ۋەقە چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالايدىغان ئاڭغا ئىگە بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا تەڭداشسىز قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندى دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن دوۋېي ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، گەرچە بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇنقى ئون بىرىنچى سېنتەبىر ۋەقەسى ئامېرىكا خەلقىنى ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئىنتايىن قاتتىق زەربىگە ئۇچراتتى، بۇ، ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دۆلەت بويىچە تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلىنىپ، ئارقا-ئارقىدىن ئافغانىستان ۋە ئىراقلاردا ئۇرۇش قىلىپ، ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى خوجىدارلىق ئورنىنى مۇستەھكەملىشىگە پۇرسەت ياراتتى، ئەمما ئامېرىكا بۇ جەرياندا زور ئىقتىسادىي چىقىم تارتىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ھەشەمەتلىك پەشتاقتىن غولاپ چۈشۈپ، تارىخنىڭ مەسخىرىسىگە قالغانلىقىنى سەزمەي قالدى، دەپ بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ مۇنازىرە بېتىدە، خىتايدىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا، ئون بىرىنچى سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە، خىتاي باشتىن ئاخىر ئەلقائىدىچىلەرنى، سادام ھاكىمىيىتىنى، ھەتتا كازافىي ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش مەخسۇس خەلققە قىرغىنچىلىق قىلىدىغان ھاكىمىيەتلەرنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى بىر پاكىت، بۇ جەرياندا غەرب دۆلەتلىرى ئەلقائىدىچىلەرنىڭ رادىكال دىنىي ھۇجۇمى بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دىنسىزلىقنى يولغا قويىدىغان دۆلەت تېررورچىلىقىنىڭ قوش تەھدىتىگە ئۇچراپ كەلدى، دەپ كۆرسەتتى.

خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا شىددەتلىك تېررورچىلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، خىتاينىڭ فۇجەن ئۆلكىسىدىن چاۋاك چېلىپ-ئالقىشىلغان ۋۇجىن قاتارلىق كىشىلەر، تۈنۈگۈن ئىنتېرنېتتا ئۆز نامى بىلەن توۋىنامە يېزىپ، ئامېرىكا خەلقىدىن ئەپۇ سورىدى. ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا كوممۇنىست خىتاينىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مېڭىسى يۇيۇلۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىيالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىن گو سەيخۇڭ ئىسىملىك بىر كىشىمۇ بۈگۈن ئىنتېرنېتتا ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتايدا بۇنىڭدىن 3 يىل بۇرۇن ئاشكارىلانغان زەھەرلىك مىلامىن قوشۇلغان سۈت پاراشۇكى 30 مىليون بوۋاقنى زەھەرلىگەن ۋەقە ھازىرغا قەدەر تېخى تۈزىتىلگىنى يوق، بۇ ئەمەلىيەتتە كوممۇنىست ھۆكۈمىتى خەلققە يۈرگۈزۈۋاتقان خۇددى ئون بىرىنچى سېنتەبىر ۋەقەسىگە ئوخشاش تېررورچىلىق ھەرىكەت دەپ كۆرسەتكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى، ب ب س، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۈگۈن ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدە، خىتاي ئون بىرىنچى سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ زېمىن ۋە مول بايلىقلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق يۈزگۈزۈۋاتىدۇ دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.