ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ جازا مۇددىتى 2014-يىلىغىچە ئۇزارتىلدى

ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى ئۆزىنىڭ تەبلىغ ۋە دەۋەتلىرى شۇنداقلا ئۆتكۈر نۇتۇقلىرى بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تونۇلۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابى دەپ قارالغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012.01.24
abdukerim-abduweli-305.jpg ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ ياش ۋاقتىدا تارتىلغان رەسىمى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Arslan

22 يىلدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ جازا مۇددىتى 2014-يىلىغىچە ئۇزارتىلدى. ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى 1980-1990‏-يىللار ئارىسىدا ئۇيغۇر دىيارنىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە رايونلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇيغۇر مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇيغۇر ياشلىرىنى توغرا يولغا يېتەكلەش، كوممۇنىستلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتكەن ياشلارنى ئىسلام دىنى يولىغا باشلاش ئۈچۈن دىنى تەشۋىق ۋە تەبلىغ قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ دىنى تەشۋىقات نۇتۇقلىرىنىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى شەھەر-رايونلىرىدا كەڭ تارقالغان. ئۇ ئۆتكۈر ۋە دادىل پىكىرلىرى بىلەن كىشىلەرنى قايىل قىلىپ نۇرغۇن ئىنسانلارنى كوممۇنىزم ئىدىيىسىدىن ۋاز كېچىشكە تۈرتكە بولغان.

قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۇنىڭ تەبلىغ-نوتۇقلىرىنى ئاڭلىغان خەلق ئارىسىدا باشقىچە ئويغىنىش بولغان. نۇرغۇنلىغان ياشلار ئۇنى ئۆزىنىڭ يېتەكچىسى ۋە يولباشچىسى دەپ ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر-قاراشلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن.

ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى بىلەن بىرگە تۇتۇلۇپ خىتاينىڭ تۈرمىسىدە ئۈچ يىل يېتىپ چىققان ئۇيغۇر دىنى ئالىم ئابدۇكېرىم كۇچارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى 1990‏-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى ۋە ئابدۇكېرىم كۇچا قاتارلىق بىر تۈركۈم ياشلارنى بىرلا ۋاقىتتا تۇتۇپ تۈرمىگە قامىغان. ئابدۇكېرىم كۇچارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى جىنايەت ھېسابلانغۇدەك دەلىل-ئىسپات تېپىلمىسىمۇ قارىلاپ تۆھمەت بىلەن جازاغا ھۆكۈم قىلغان ئىكەن.

ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ سوت ھۆكۈمنامىسى يېقىندا ئۇيغۇر تور بېكەتلەردە تارقىتىلدى. ھۆكۈمنامىدە بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى 1993‏-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن، «ئەكسىلئىنقىلابىي تەشكىلات قۇرۇش، قۇتراتقۇلۇق، تەشۋىق قىلىش» دېگەنگە ئوخشاش جىنايەتلەرنى ئارتىپ 12 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى 1-تۈرمىگە قامالغان. ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ جازا مۇددىتى تۈگەشكە بىر قانچە ئاي قالغاندا، يەنى 2002-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى «باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزدى» دېگەن جىنايەتنى ئارتىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2005-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى يەنە «باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزدى» دېگەن جىنايەت ئارتىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى «باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزۇش» دېگەن جىنايەت ئارتىپ 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ جازا مۇددىتى 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 2011‏-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە ئۇزارتىلغان.

سوتتا ئەيلىگۈچى ئورگانغا ۋاكالىتەن تەپتىش تۇراجان ھاكىموف ئىسىملىك شەخس، ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنى 2007-يىلىدىن 2008-يىلى 10-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقاندا، كۆپ قېتىم ناماز ئوقۇش، ئاچلىق ئېلان قىلىش، ۋە تۈرمىنىڭ باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزۇش دېگەنگە ئوخشاش ئىشلارنى جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىبلىگەن ۋە شۇ ئىشلارنى جىنايەت دەپ بېكىتىپ 3 يىلدىن 3 قېتىم جازاغا ھۆكۈم قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى پەرھات ئابلەي، تۇرسۇنئاي بارات، مەريەم ئەمەت قاتارلىق سوتچىلارنىڭ تامغىسى بېسىلغان ھۆكۈمنامىدە ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ جازا مۇددىتى 2009‏-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ئۇزارتىلغانلىقى يېزىلغان.

ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلىنىڭ سوت ھۆكۈمنامىسىدە يەنە ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى تۈرمىدە ئالدى كەينى بولۇپ ئۈچ قېتىم 15 كۈندىن گۇپپاقخانىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى بىلەن بىرگە تۇتۇلغان ۋە خىتاي تۈرمىسىدە 3 يىل يېتىپ چىققان ئابدۇكېرىم كۇچارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «گۇپپاقخانا» دېگەن ئۇزۇنلۇقى 1 مېتىر ئېگىزلىكى 60 سانتىمېتىر كېلىدىغان كىچىك بىر قاماقخانا بولۇپ، ئۇ يەرگە قامالغان ئىنساننىڭ ئۆرە تۇرۇش، ئولتۇرۇش ۋە ياكى پۇتىنى ئۇزىتىپ يېتىش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى، «گۇپپاقخانا» ئىنسانلارنى قىيناش ئۈچۈن قوللىنىدىغان بىر خىل ئىسكەنجە ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئىنىسى مەمەت ئىمىن ئابدۇۋەلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مەمەت ئىمىن ئابدۇۋەلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئاكىسى ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن 6 ئايدا ياكى بىر يىلدا بىر قېتىم ئۇچراشتۇرىدىكەن. مەمەت ئىمىن ئابدۇۋەلى ھازىر ئاكىسىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، تاماق يېيەلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى. تاماقنى نەيچە بىلەن يېگۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئاكىسىنىڭ ھاياتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

22 ‏يىلدىن بۇيان قاراڭغۇ تۈرمىلىرىدە زۇلۇم چېكىۋاتقان ئالىم ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى 1955-يىلى كۇچا ناھىيىسىدە بىر تىجارەتچى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى كۇچاردا پۈتتۈرگەن، ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى مۆتىۋەر دىنى ئالىملارنىڭ تەربىيىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان كېيىن قەشقەردە ئوقۇغان، ئاخىرىدا قاغىلىقتىكى ئاتاقلىق دىنى ئالىم مەرھۇم ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىمدا ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوخشىمىغان شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ كىشىلەرنى ياخشى يولغا ۋە دىنى ئىبادەتكە چاقىرىق قىلىپ دەۋەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى كېرەم قارىي ئىسىم بىلەن تونۇلغان مەشھۇر شەخس.

JavaScript Slideshow Template

 

باشلاش ||   توختاش ||   ئالدىنقىسى ||   كېيىنكىسى
Welcome to the slideshow!
Slideshow   image

بىز يەنە ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنى يېقىندىن تونۇيدىغان ۋە ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دىنى ئالىم ئابدۇكېرىم كۇچا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.