خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىزنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە كۈنسېرى يامراۋاتقانلىقىغا ئىقرار بولماقتا


2006.11.30
aids.jpg
بېيجىڭدىكى يەر ئاستى پويىز ئىستانسىسىدىكى ئەيدىز ھەققىدىكى تەشۋىقات تاختىسى. 1-دېكابىر. AFP

دۇنيا ئەيدىز كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى مەملىكەت ئىچىدىكى ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس مەلۇماتلار ئېلان قىلىپ، ئەيدىز ئاپىتىنىڭ خىتايدا ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە كۈنسېرى يامراپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئىقرار بولدى.

ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىدىكى يېڭى مەلۇمات

12 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى يەنى دۇنيا ئەيدىز كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز مەملىكىتى ئىچىدىكى ئەيدىز ئاپىتىنىڭ ھەقىقەتەن بارغانسېرى يامراپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئىقرار بولۇپ، بۇ ھەقتە يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان. مەسىلەن، بۇندىن بىر ھەپتە ئىلگىرى خىتاي سەھىيە مىنىستىرى، بۇ يىلنىڭ ئۆزىدە خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ ئىلگىرىكىدىن يەنە 30% كۈچەيگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئەيدىز كېسىلىنىڭ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئادەتتىكى پۇقرالار ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشقا باشلاۋاتقانلىقىغا ئىقرار بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ خىل ئاپەتنىڭ كۈنسېرى يامراپ كېتىشىنى "زەھەرلىك چېكىملىك ۋە قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە كۆچمەنلەر نوپۇسىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن" دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتايدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئوخشاش جىنىستىكىلەر ئارىسىدا تارقىلىش ئەھۋالىمۇ بارغانسېرى ئېغىرلاشقان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشتىن قالسا، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىدا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئاساسىي سەۋەب بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ئەھۋالى كىشىنى چۆچۈچىدۇ

خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن بەرگەن مەلۇماتىدا، بۇلتۇر 9 ‏- ئايدىن بۇ يىل 9 ‏- ئايغىچە بولغان بۇ بىر يىل ئىچىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 6000 غا يەتكەنلىكى ھەمدە كۈنىگە تەخمىنەن 17 دىن كۆپىيىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان. مەزكۇر مەلۇماتتا يەنە، بۇ يىل 9 ‏- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ 17 مىڭدىن ئاشقانلىقى، شۇنداقلا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار سانىنىڭ 700 دىن ئاشقانلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەيدىز كېسىلى تۈپەيلىدىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 100 دىن ئاشقانلىقى ھەمدە بۇ ساننىڭ خىتايدىكى ئومۇمىي ساننىڭ 10% نى ئىگىلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ مەلۇماتىدا ئېيتىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر بولغان رايون غۇلجا ۋىلايىتى بولۇپ، مەزكۇر جايدىكى ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ ئۆزىلا 1% كە يەتكەن. مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بۇ ھامىلدار ئاياللارنىڭ كۆپ ساندىكىسىنىڭ ئەرلىرى زەھەرلىك چېكىملىك تۈپەيلىدىن ئەيدىز ۋىرۇسنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇۋالغانلار ئىكەن.

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات بىلەنلا چەكلىنىپ قالماقتا

ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرى " خىتايدىكى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ئاپىتىنىڭ بۇنداق يامراپ كېتىشىدىكى سەۋەب، يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك" دەپ تەكىتلەپ، "خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پەقەت تەشۋىقات خىزمىتىنىلا كۈچەيتىپ قالماي، ئەڭ مۇھىمى ھۆكۈمەت تەۋەسىدە بولمىغان بىر قىسىم ئەيدىز تەشكىلاتلىرىنى يېقىندىن قوللىشى كېرەك"، دەپ كۆرسەتمەكتە. ئۇلار يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىز پائالىيەتچىلىرى خۇ جيا ۋە ۋەن يەنخەي قاتارلىقلارنى قولغا ئېلىپ، ھەتتا قاماپ قويۇپ سوراق قىلغانلىقىنى مىسالغا ئېلىپ، "ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق ئارىسىدىكى ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىگە بۇنداق پوزىتسىيىدە بولۇپ، ئۇلار قان -تەر سىڭدۇرۇپ قۇرۇپ چىققان ئەيدىز ئورگانلىرىنى خالىغانچە تاقىۋىتىپ، توسالغۇ ياراتسا، ئۇنداقتا ئەيدىز كېسىلىنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەمەس، ئەكسىچە، ئۇنىڭغا يول ئېچىپ بەرگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ" دەپ بىلدۈرمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز ئاپىتىنى ئالدىنى ئېلىشتا، ئۈنۈملۈك چارە تەدبىرلەرنى قوللانمايدىكەن. 2010 ‏- يىلىغا بارغاندا، خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 10 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ پەرىزىدە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى 60 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ سان كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە، يەنىلا ئىزچىل ھالدا كۆپىيىدىكەن.

ئوبزورچىمىز ليۇ شياۋجۇن "خىتايدىكى ئەيدىز ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىردىن بىر ئامال خەلق ئاممىسى ئارىسىدىكى ئەيدىز ئورگانلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، ئۇلارغا خىزمەت قىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىش ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەركىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىغا، ئەركىن پىكىر بايان قىلىشىغا يول قويۇشتىن ئىبارەت. ئەگەر بۇنداق قىلمايدىكەن، يەنە بىر نەچچە 10 يىلدىن كېيىن، خىتاي ئىلگىرىكى "شەرقى ئاسىيا كېسەل كۆپىسى" دىن "شەرقى ئاسىيا ئەيدىز كېسەل كۆرپىسى" دېگەن ئاتاققا قېلىشى مۇمكىن" دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.