پۈتۈن دىن، پەلسەپە ۋە يەرلىك قانۇنلار ئالدامچىلىقنى مەنئى قىلىدۇ

ئالدامچىلىق - ھىيلە - مىكىرلەر بىلەن كىشىلەرنى قاندۇرۇش، قايىل قىلىش، ئىشەندۈرۈش دېگەنلىكتۇر. ئالدامچىلىق ئىنسان تەبىئىتىگە يات ۋە ئۇلارنىڭ شەنىگە ياراشمايدىغان بىر ناچار خۇلقتۇر.

0:00 / 0:00

ئالدامچىلار پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ لۇغىتىدە سۆكۈلمەكتە. ئىنسانلار يارىتىلغاندىن بۇيان كەلگەن پۈتۈن دىن، پەلسەپە ۋە يەرلىك قانۇنلارمۇ ئالدامچىلىقنى مەنئى قىلىدۇ ۋە ئالدامچىلارنى سۆكىدۇ.

ئىسلام پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالدامچىلىقنى سۆكۈپ: "كىمكى ئالدامچىلىق قىلىدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس" دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

بۇ ھەدىس ئالدامچىلارنىڭ گەرچە ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتۇپ، زاكات بېرىپ ۋە ھاجى بولۇپ، كۆرۈنۈشتە ئۆزلىرىنى مۆمىن مۇسۇلمانلار قاتارىدىن كۆرسەتسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداقلارنىڭ مۇسۇلمانلاردىن سانالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى "دىن - مۇئامىلە"دۇر. دۇنيادىكى پۈتۈن دىنلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئىنسانلارنى دەخلى - تەرۇزسىز، بەختلىك ياشىتىشتۇر. ئالدامچىلىق بولسا ئىنسانلارنى زىيان - زەخمەتلەرگە ئۇچرىتىدىغان ئېغىر جىنايەت.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، تۆۋەندە مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر بولۈمىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلاغا سۇنىمىز.

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى سودا - سېتىق ئىشلىرىدىكى ئالدامچىلىق تۈرلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " ھازىرقى زاماندا ئالدامچىلىق تۈرلىرى ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان جاي بازارلار بولۇپ، سودا - سېتىق ئىشلىرىدىكى ئالدامچىلىق تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپتۇر. ئۇلاردىن بەزىسى تۆۋەندىكىچە:

(1) ساتماقچى بولغان مالنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق، خېرىدارلارنىڭ كۆزىنى بوياشقا تىرىشىش. مەسىلەن: مېۋە - چېۋە ياكى ئوتياش ۋە ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ ياخشىلىرىنى ئۈستىگە، ناچارلىرىنى ئاستىغا تىزىش ئارقىلىق خېرىدارلارنى ئالداپ ساتقانغا ئوخشاش.

(2) ساتماقچى بولغان ماللىرىغا باشقىلارنىڭ ماركىلىرىنى ئوغرىلىقچە چاپلاپ سېتىش ئارقىلىق خېرىدارلارنى ئالداش. مەسىلەن: سۈپەتسىز ماللارغا داڭلىق ماركىلارنى ياكى يەرلىك ماللارغا چەت ئەلنىڭ ماركىلىرىنى ئوغرىلىقچە چاپلاپ ساتقانغا ئوخشاش. بۇنداق قىلىش ئىنسانلارنى ئىككى تەرەپتىن زىيانغا ئۇچراتقانلىق بولۇپ، خېرىدارلارنى ئالداپ ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتقاننىڭ سىرتىدا، يالغاندىن چاپلىۋالغان ماركىنىڭ ئىگىسى بولغان شىركەتنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ئارقىلىق قاتمۇ‏- قات ھارامنى يېگەن بولىدۇ.

(3) تارازىدا ياكى ئۆلچەمدە كەم بېرىش. بۇ سودىدىكى ئالدامچىلىق تۈرلىرىنىڭ ئەڭ يامىنى بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق قىلغۇچىلارنى ئاخىرەتتىكى ھېساب بېرىشكە ئىشەنمەيدىغانلار قاتارىدىن (يەنى كاپىرلارنىڭ قاتارىدىن) سانىغان.

(4) خېرىدار ئەمەس بىرىنى خېرىدار ئورنىدا كۆرسىتىپ ئۇنى يۇقىرى باھادا تەلەپ قىلدۇرۇش ئارقىلىق راستىنلا ئالىدىغان خېرىدارلارنى ئالداپ سېتىۋېلىش. بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام "غەرەر" دەپ ئاتىغان ۋە قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن مەنئى قىلغان.

(5) چارۋا ماللارنى ساتىدىغانلارنىڭ بۇ ماللارنى سېتىشقا ئېلىپ چىقىشتىن بۇرۇن مەخسۇس دورىلار بىلەن يالغاندىن سەمىرىتىپ، خېرىدارلارنىڭ كۆزىنى بويىشى. مۇنداق ئالدامچىلىق بىلەن تاپقان پۇل ھارام بولىدۇ.

ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ئالدامچىلىق تۈرلىرى

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ئالدامچىلىق تۈرلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ئالدامچىلىق تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، ئۇلاردىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

(1) ئۆيلەنمەكچى بولغان قىز - يىگىتنىڭ ئۆزىدە بولمىغان ئارتۇقچىلىقلار بىلەن ياكى كەمچىلىكلىرىنى يوشۇرۇش بىلەن قارشى تەرەپنى ئالدىشى بولۇپ، بۇ خىل ئالدامچىلىق بەختلىك ئائىلە قۇرۇشقا توسالغۇ بولىدىغان يامان ئىشتۇر.

(2) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېمتىھاندا كۆچۈرۈشى. بۇ مۇئەللىمنى ئالداشتىن ئاۋۋال ئۆزىنى ئالدىغانلىق ۋە ئۆزىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقتۇر. ئېمتىھاننى كۆچۈرۈپ ياكى قايسىبىر ھىيلە بىلەن تاپشۇرۇش ئارقىلىق دىپلوم ئالغانلارنىڭ، دىپلومنى ئوقۇپ، ئېمتىھان بېرىپ ئالماستىن سېتىۋالغانلارنىڭ بۇ دىپلومنى ئىشلىتىپ تاپقان پۇلى شەكسىز ھارامدۇر. چۈنكى مۇنداق كىشى ئۇ دىپلومغا ۋە دىپلومدىكى كەسىپنى قىلىشقا لاياقەتلىك ئەمەس. بىرەر كەسىپكە لاياقەتسىز كىشىلەر ئۇنىڭغا لاياقەت بولغانلارنىڭ ئورنىدا ئىش قىلغاندا، ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكى سەۋەبلىك ئىنسانلارنى تۈرلۈك زىيان - زەخمەتلەرگە ئۇچرىتىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :"كىمكى بىزنى ئالدايدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس" دېگەن.

(3) دوستلارنىڭ، خىزمەتداشلارنىڭ، ساۋاقداشلارنىڭ، قوشنىلارنىڭ، تۇغقانلارنىڭ، ئەر - ئاياللارنىڭ، قېرىنداشلارنىڭ بىر - بىرىدە كۆرۈلگەن يېتەرسىزلىكلەرنى، خاتالىقلارنى ياكى ئەيىبلەرنى تۈزىتىش ئۈچۈن نەسىھەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، يوشۇرۇش ياكى كۆرمەسلىككە سېلىش، ھەتتا ماختاشمۇ بىر خىل ئالدامچىلىق بولۇپ، ئۆزىنىڭ يېقىن كىشىلىرىنى ۋاقىتلىق ئالداپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتقاننىڭ سىرتىدا، ئاللاھ تائالانىڭ ۋەز - نەسىھەت قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام "دىن - نەسىھەتتۇر" دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق "مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ ئەينىكى"بولۇشى لازىملىقىنى جېكىلىگەن."

ئالدامچىلىقنىڭ زىيانلىرى

ئابدۇلئەزىز ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئالدامچىلىقنىڭ زىيانلىرى ئىنتايىن كۆپ. ئۇنىڭ ئەڭ خەتەرلىك زىيىنى چىن مەنىدە مۇسۇلمان بولالماسلىقتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ "كىمكى بىزنى ئالدايدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس" دېگەن مەشھۇر ھەدىسى ئالدامچىنىڭ ھەقىقىي مۇسۇلمانلار قاتارىدىن سانالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ھەدىستىكى "بىز" دېگەن سۆز ئىسلام ئۇممىتىگە مەنسۇپ بولغان جەمئىي مۇسۇلمانلارنى، "بىزدىن ئەمەس" دېگەن سۆز ئالدامچىلارنىڭ ھەقىقىي مۇسۇلمانلاردىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئالدامچىلىقنىڭ بۇنىڭدىن باشقا زىيانلىرىدىن بەزىسى تۆۋەندىكىچە:

(1) ئالدامچىلىق دوزاخقا كىرىشنىڭ يولىدۇر.

(2) ئالدامچىلىق ئۇنى قىلغۇچىلارنىڭ تەبىئىتىنىڭ پەسلىكىگە، ئەخلاقىنىڭ رەزىللىكىگە، ئىمانىنىڭ يوقلۇقىغا دەلىلدۇر.

(3) ئالدامچىلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن، بەرىكىتىدىن ۋە مەغپىرىتىدىن ھەمىشە مەھرۇم قالغۇچىلاردۇر.

(4) ئالدامچىلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ. ئىبادەتلىرىنىڭ قوبۇل بولۇشىدا شەك بار. چۈنكى ئالدامچىلىقتىن تاپقان پۇل ھارام، ھارام يېگەن ئادەمنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولمايدىغانلىقىدا شەك يوق.

(5) ئۆلىمالار زالىملارنىڭ ۋە كۇففارلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە مۇسەللەت بولۇۋېلىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئارىسىدىكى ئالدامچىلىقتىن بولىدىغانلىقىنى سۆزلەيدۇ. چۈنكى ئالدامچىلىق بار يەردە، ئىشەنچ بولمايدۇ، ئىشەنچ بولمىغان يەردە، بىرلىك، ئىناقلىق بولمايدۇ، بىرلىك ۋە ئىناقلىق بولمىغان يەردە كۈچ - قۇۋۋەت بولمايدۇ، كۈچ - قۇۋۋەت بولمىغان يەردە ئېزىلىش، بوزەك قىلىنىش، مۇستەملىكە قىلىنىش بولىدۇ.