2 ‏ - قېتىملىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتى توغرىسىدا ئۈمۈت ئاگاھى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

16 ‏ - ئىيۇل، چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 2 ‏ - قېتىملىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. بۈگۈنكى پائالىيەت، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە خەلقارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرىشىدا ئېلىپ بېرىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.16

 پائالىيەت ئامېرىكا خەلقىغە، جۈملىدىن ئامېرىكا دۆلەت ئەرباپلىرىغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 2006 ‏ - يىلى يىل ئۆتكۈزۈلگەن؛ پائالىيەتتە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي سەنئىتى جۈملىدىن ناخشا - ئۇسۇل سەنئىتى، مىللىي كىيىم - كېچەكلىرى ۋە مىللىي تائاملىرىنى كۆرسەتكەن ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ يۈكسەك قىزىقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.

شۇ قېتىمقى مەدەنىيەت پائالىيىتىدە سۆز قىلغان مەرھۇم پالاتا ئەزاسى توم لانتوس: " شەرقى تۈركىستانلىقلارمۇ دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا مۇستەقىل ياشاش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر،" دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ 2 ‏ - قېتىملىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئۈمۈت ئاگاھى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز. 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.