خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئارام بەرمىگەن

خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئۆيلىرىگە كېچىسى تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىپ ئاختۇرۇشى ۋە ئادەم تۇتۇشى داۋاملاشماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رۇقىيە
2013.02.13
qeshqer-somka-axturush-305 4 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻫﯘﺟﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﻣﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo


مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە ئىسلام دىنىغا ئائىت ھەرقانداق نەرسىنى ساقلىشى ۋە ياكى بالىلىرىغا ناماز قائىدىلىرىنى ئۆگىتىشى چەكلەنگەن بولۇپ، خىتاي ساقچىلىرى خوتەن قەشقەر، ئاقسۇ ۋە كۇچا قاتارلىق رايونلاردا كېچىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىپ، ئاختۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان.

كۇچا ناھىيىسىدىكى بىر دېھقاننىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قايسى كۈنى كېچىسى باستۇرۇپ كىرىدىغانلىقى نامەلۇم ئىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 2012 يىلى ئۇيغۇر ئۆيلىرىگە تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىپ، ئاختۇرۇش ۋە «قۇرئانى كەرىم» ۋە دىنىي كىتابلارنى مۇسادىرە قىلىش بىلەن بىرگە دىنىي ماتېرىياللارنى ساقلىغۇچىلارنى تۇتۇپ كېتىپ، سولاپ قويۇش ئەڭ كۆپ بولغان. بەزىلەرنىڭ ئويى يۈز قېتىمدىن ئارتۇق ئاختۇرۇلغان بولۇپ، شەخسەن ئۇنىڭ ئويى بىر يىل ئىچىدە 15 قېتىم ئاختۇرۇلغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تېررورلۇقنىڭ خەلقئارادا ئومۇملاشقان ئىپادىسى، مەلۇم سىياسىي مەقسەتنى نىشان قىلغان ھالدا زوراۋانلىق يۈرگۈزۈش، گۇناھسىز پۇقرالارنى نىشان قىلىپ جەمئىيەتكە قورقۇنچ تارقىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىگە قارشى كۈچلەرنى ئەمەس، بەلكى گۇناھسىز پۇقرالارنى نىشان قىلىپ زوراۋانلىق قىلىشى ئۇنىڭ «دۆلەت تېررورلۇقى» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق تۇرمۇھاممەد ھاشىم ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ زوراۋانلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى يۇقىرىقى نۇقتىدىن ئىزاھلاپ، بۇنىڭ «دۆلەت تېررورلۇقى» دىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باش ئىشخانىسى گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئۇلرىچ دەلەىس ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىلەرگە تېررورلۇق يۈرگۈزگەنلىكىنى ۋە دۇنيا ئەللىرىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ھەقىقەتنىمۇ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا تېررورلۇق يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ دىنىي ئەقىدىسىنى ساقلاپ قېلىش ئەركىنلىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇشى يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما، دۇنيا ئەللىرىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى بىر نومۇس. ئەگەر بۇ زۇلۇم خرىستىئانلارغا يۈرگۈزۈلگەن بولسا چوقۇم دۇنيادىكى دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى دەرھال خىتاينى تەنقىد قىلغان بولاتتى. خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىننى ئەركىنلىك مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق كۆرۈشمىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدۇق ۋە بۇ مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىمىزدىكى 3 - ئايدا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىنسانىي ھوقۇق كۆرۈشمىسىدە ئوتتۇرىغا قويىمىز.

ئۇلرىچ دەلەىس يەنە، بۇ مەسىلىنى گېرمان ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈپ، ياۋروپا بىرلىكى تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتە خىتايغا بېسىم قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.