ياپونىيە كاگۇشىما ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى بۇ يىغىندا "ئۇلۇغ يازغۇچى چىڭگىز ئايتماتوف ۋە ئۇيغۇرلار" تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئۇنىڭ قىلغان سۆزى يىغىندا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.
ئۇنىڭ چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ دادىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلگەن 36 ئۇيغۇر ھەققىدە كۆرسەتكەن ماتېرىياللىرى يىغىندا قىزىقىش پەيدا قىلدى. يىغىن ئەھلى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە نۇرغۇن سوئاللار سورىدى. ئۇيغۇر مەسىلىسى يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسىغا ئايلاندى.
يىغىن 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى رەسمىي باشلانغان بولۇپ 14 - چىسلا ئاخىرلاشتى. بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، ياپونىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئون بەشكە يېقىن دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 35 ئەتراپىدا ئىلىم ئادىمى قاتناشتى. يىغىن ئاخىرىدا داڭلىق تۈركولوگ پروفېسسور دوكتور ئاخمەت بىچان ئەرجىلاسۇن، دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ۋە خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەر ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە دېگەن سۆزلىرى ۋە چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ دادىسى تۆرەمقۇل ئايتماتوف بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، ئايتماتوفنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
پروف دوكتور ئاخمەت بىچان ئەرجىلاسۇن بېشكەككە يېقىن جايدىكى ئاتابېيىت مازارلىقىدا سىتالىن ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن پانتۈركىست دەپ ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقىنى، ئاتابېيت مازارلىقىدىكى مۇزېيدا ئۇلارنىڭ پاساپورتلىرىنىڭمۇ قويۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
بۇ يىغىننى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمى بىلەن تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئورتاقلىشىپ چاقىرغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
