' ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتتە ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە مەسىلە مەۋجۈت '

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش" سىياسىتىنىڭ ئىجراسى ئاستىدا، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۈەن شەھىرىدىكى " شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتى" غا يۆتكەپ كېلىنگەن ئۇيغۇر ئىشچىلار، 26 ‏ - ئىيۇن كۆنى سەھەر سائەت 2 دە خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىدى.

0:00 / 0:00

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋەقەدە گەرچە 2 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر نەق مەيدان كۆرۈنۈشى چۈشۈرۈلگەن سىن ئالغۇ لېنتىلىرىدا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 2 ئادەمدىن خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە.

سىن ئالغۇ لېنتىسىدىكى كۆرۈنۈشلەردىن نەچچە مىڭلىغان خىتاي ھۇجۇمچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ يۈرۈپ، تۆمۈر توقماق، كالتەكلەر بىلەن ئۇرۇپ يىقىتقان ئەھۋالى، ھۇجۇمچىلارنىڭ " ئۆلگۈچە ئۇرۇڭلار"!، " مىدىرلاۋاتىدۇ، تېخى جېنى باركەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋېتىڭلار! " دېگەن ۋاقىراش - جاقىراشلىرىنى ئېنىق ئاڭلاشقا بولاتتى.

ئېچىنىشلىق بۇ كۆرۈنۈشلەر، بولۇپمۇ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىك غەزەپ - نەپرىتى، ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيتتى.

بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، يالغۇز ئۇيغۇر جامائىتى ۋە چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، بەلكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭمۇ غەزەپ - نەپرىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان " خىتاي پۇقرالار كۈچى " تەشكىلاتىنىڭ پرېزىدېنتى، خىتاي دېموكراتچىسى ياڭ جيەنلى، ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ قانلىق ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى ھەققىدە تۇنجى قېتىم رەسمىي بايانات ئېلان قىلدى.

ئەسكەرتىش: بۇ سىن - ئالغۇ فىلىمى www.ireport.com دىن ئېلىنغان. نەشىريات ھوقۇقى www.ireport.com نىڭ. مەزمۇنى ۋە كۆرۈنۈشلەرنىڭ تەپسىلاتىغا RFA نىڭ مەسئۇلىيىتى يوق.

ياڭ جيەنلى باياناتىدا، " مەن مېنىڭ مىللىتىمدىن بولغان قېرىنداشلىرىمنىڭ، كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان دەرىجىدە پەيدا قىلغان بۇ خىل زوراۋانلىق قىلمىشى ئۈچۈن، بارلىق ئۇيغۇر دوستلىرىمدىن ئەپۇ سورايمەن. مىللى زىددىيەت پەيدا قىلغۇچىلار ھەر قانداق شارائىتتا چوقۇم قاتتىق قوللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك،" دېدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلغان ياڭ جيەنلى رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ ": بۇ توقۇنۇش بىرلىرىنىڭ زاۋۇتتا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغان دەپ تارقاتقان پىتنە - پاسىتى تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن، ئەمما بىز بۇنىڭدىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىزكى، خىتاي كوممۇنست پارتىيىسىنىڭ ئۇزۇن مۈددەتتىن بۇيان پەيدا قىلغان مىللي زىددىيەت توقۇنۇشى، خىتاي بولمىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرمىچىلىق، زوراۋانلىق زۇلۇملىرى خىتاي مىللىتىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىنتايىن سەلبىي قاراشلارنى پەيدا قىلغان بولۇپ، بۇ ۋەقە دەل مۇشۇ خىل سەۋەبدىن مەيدانغا كەلگەن.

ياڭ جيەنلى يەنە، "مەن بۇ ۋەقەنىڭ سادىر بولۇشى تۈپەيلى ئالدى بىلەن پۆتكۈل ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرىمەن ۋە زۇلۇم ئاستىدا قالغان، ئادىل بولمىغان سىياسەتنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېچىنىمەن، ئەمما بۇ بىز خىتاي مىللىتى پەيدا قىلغان زىددىيەت ئەمەس. بۇ تامامەن خىتاي كوممۇنست پارتىيىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىددىيەت، لېكىن بىز خىتايلار شۇنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەككى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتتە ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە مەسىلە مەۋجۈت. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر نۇقتىنىمۇ تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇكى، ھەر ئىككى مىللەت ئۈزلۈكسىز تۈردە خىتاي كوممۇنست ھاكىميىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا. مېنىڭچە ھالقىلىق مۇھىم نۇقتا بۇ ئىككى مىللەتنىڭ بىر - بىرىنى ياخشى چۈشىنىشىدە، بىر - بىرىنى چۈشەنمىگەن ئىككى مىللەتنىڭ دۈشمەنلىشىپ قېلىشى تولىمۇ ئاسان. شۇڭا ئىككى مىللەت بارلىق زىددىيەت ۋە ئۆچمەنلىكلەرنى قايرىپ قويغاندا ئاندىن كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ،" دەيدۇ.

خىتاي دېموكراتى ياڭ جيەنلى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كەلگەن بۇ قانلىق ۋەقە توغرىسىدا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمەسلىكتەك مەسئۇلىيەتسىزلىكى توغرىسىدا توختىلىپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: " ئەلۋەتتە خىتاي كوممۇنست پارتىيىسى بۇ ھادىسىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تونۇيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋەقە مىللىي زىددىيەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قەستەن ئويدۇرۇلغان پتنە - پاسات تۈپەيلى سادىر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئامال بار بۇنى بېسىقتۇرۋېتىشقا ئۇرۇنىدۇ، چۇنكى بۇ ۋەقە خىتاي ھاكىميىىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدىكى سەتچىلىكلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىگە يول ئاچىدۇ، شۇڭا ھۆكۈمەت بارلىق ۋاستلىرىنى ئىشقا سېلىپ ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بۇمۇ ئۇلارنىڭ يولغا قويۇۋاتقان سىياسىيتىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ."

ياڭ جيەنلى 1989 ‏ - يىلدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ئامېرىكىغا كېلىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان. ياڭ جيەنلى ئامېرىكىدىكى مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتى ھېسابلانغان خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ خىزمەت ئىشلىگەن. ئۇ، 2004 ‏ - يىلى 4 ‏ - ئايدا خىتايغا بارغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى جاسوسلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان شۇنىڭدەك خىتايغا قانۇنسىز كىرگەن دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىپ 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 119 نەپەر ئەزاسى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشقا خەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە ئامېرىكا پۇقراسى خىتاي دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى ياڭ جيەنلىنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2007 ‏ - يىلى ياڭ جيەنلىنى تۈرمىدىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاپ كەلمەكتە.