گۇئانتانامودىن ئەركىنلىككە چىققان ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى

روشەن ئابباس خانىم 8 يىلدىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەم گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش ئىشلىرىغا خالىسانە ياردەم بېرىۋاتقان ئادۋوكاتلار ئۈچۈن تەرجىمانلىق خىزمىتى ئىشلەپ كەلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.02.10
Bermuda-bash-ministiri-Rushen-we-4-Uyghur-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﮔﯘﺋﺎﻧﺘﺎﻧﺎﻣﻮﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻣﯘﺩﺍﻏﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ 4 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ، ﺑﯧﺮﻣﯘﺩﺍ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺋﯧﯟﺍﺭﺕ ﺑﺮﻭﯞﯗﻥ (Ewart Brown ) ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ (ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺭﻩﺕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﺍ)، ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯧﺮﻣﯘﺩﺍ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

روشەن ئابباس خانىم ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنلاش بىلەن بىرگە، ھازىرغا قەدەر مەيلى گۇئانتانامو تۈرمىسىدىن ئەركىنلىككە چىققان ئۇيغۇرلار بولسۇن، ۋە مەيلى نۆۋەتتە تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولسۇن ئۇلارغا داۋاملىق تۈردە ياردەم قىلىپ كەلمەكتە.

روشەن ئابباس خانىم، بۇ جەرياندا 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە، ئۇنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى، ئادۋۇكاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە سوتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئوينىغان رولى چوڭ بولدى.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن بىز روشەن ئابباس خانىمنى زىيارەت قىلىپ، 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.