ئىراندىكى بالوچلار ۋە جۇندۇللاھ تەشكىلاتى

ئانسىكلوپىدىك مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بالوچ مىللىتىنىڭ نوپۇسى 20 مىليون ئەتراپىدا، ئۇلار ئاساسلىقى ئىران، پاكىستان ۋە ئافغانىستان چېگرا بويلىرىدا ياشايدۇ. بالوچلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان، مەزكۇر 3 دۆلەت چېگرىسى ئىچىدىكى رايوننى بالۇچىستان دەپ ئاتايدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.10.19
Iranda-partash-Baluchistan-qarshiliq-kuchliri-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 19 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺋﯩﺮﺍﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﻮﭼﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﯘﻧﺪﯗﻟﻼﻫ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺘﯩﺸﺘﺎ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

بالوچلار يىللاردىن بېرى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتە كەمسىتىشكە ئۇچرىۋاتقانلىقى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئارقىدا قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلىپ كەلمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىم ئىراندا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ھەرىكىتى ئەنە ئەشۇ نارازىلىقنىڭ ئىنكاسىدۇر. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ ۋەقەنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئىران ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكىنىڭ قولى بارلىقىنى بايان قىلماقتا. بالۇچلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتى ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ۋە ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن مىللىي مۇستەقىللىق، مىللىي ئاپتونومىيە ۋە مىللىي باراۋەرلىك شۇئارى بىلەن داۋام قىلماقتا.

بۇ قېتىمقى پارتلىتىش ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان جۇندۇللاھ تەشكىلاتى، ئۆزلىرىنىڭ ئىراندىكى بالوچلار ۋە سۇننىيلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تەشكىلات باشلىقى ئەمىر ئابدۇل مەلىك، بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: "بىز پەقەت ئىران ھۆكۈمىتىدىن ۋەتەنداشلىق ھەقلىرىمىزنى تەلەپ قىلىمىز، ئىراندىكى شىئەلەر بىلەن سۈننىيلەر ۋە بالۇچلار ئارىسىدا باراۋەرلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز."

ئەمىر ئابدۇل مەلىك ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىراندىن بۆلۈنۈشنى خالىمايىدىغانلىقىنى، پەقەت باراۋەرلىك تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ھەر قايسى تەرەپلەردە گۇمان پەيدا قىلغان. چۈنكى جۇندۇللاھ تەشكىلاتى، يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئارقا - ئارقىدىن بىر قاتار قوراللىق ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغان. ھۇجۇملاردا، ئىراننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە نۇقتىلىق ئىقتىادى قۇرۇلۇشلىرى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولغان. جۇندۇللاھ تەشكىلاتى بەزى چاغلاردا، پۇقرالارنى زىيانغا ئۇچرىتىشتىنمۇ ئۆزىنى تارتمىغان. مەزكۇر تەشكىلات ئۆزلىرىنىڭ قوراللىق يولنى تاللىشىنى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتىش ۋە رايوندىكى تەڭسىزلىكنى دۇنياغا كۆرسىتىش دەپ چۈشەندۈرگەن.

جۇندۇللاھ تەشكىلاتى 2005 ‏- يىلى ئىران پرېزىدېنتى ئەھمەدىنىجادىغا سۇيقەست ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان. ھۇجۇمدا ئەخمەدىنىجادىنىڭ بىر مۇھاپىزەتچىسى ئۆلگەن ۋە باشقىلىرى يارىدار بولغان؛ 2006 ‏- يىلى 16 - مارت كۈنى ئىراننىڭ مىللىي بايرىمى نوۋرۇزدىن 4 كۈن بۇرۇن، تاسوكى رايونىدا پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىپ 22كىشىنى ئۆلتۈرگەن. بۇ ئارقىلىق ئىراننىڭ مىللىي بايرىمىنى مۇسىبەت كۈنىگە ئايلاندۇرماقچى بولغان؛ 2007 - يىلى 14 - فىۋرال كۈنى، بالۇچىستاننىڭ مەكىزى Zahedan شەھىرىدە بىر ھەربىي ئاپتوموبىلغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىراننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرىدىن 18 كىشىنى ئۆلتۈرگەن.

مەزكۇر تەشكىلات يەنە 2007 ‏- يىلى 19 ‏- ئاۋغۇست كۈنىئى ئىراننىڭ يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىدىن 21 كىشىنى گۆرۈگە ئالغان؛ 2008 - يىلى 13 - ئىيۇن كۈنى ئىران ساقچىلىرىدىن 18نى باغلاپ ئېلىپ قېچىپ گۆرۈگە ئالغان ۋە ئاخىرىدا گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى تامامەن ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

جۇندۇللاھنىڭ ئەڭ يېقىنقى ھۇجۇمى مۇشۇ يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، پارتلىتىش شەكلىدىكى ھۇجۇمىدا، بىر گېنېرال ۋە بىر قانچە ئوفىتسېر ۋە پۇقرالار بولۇپ 42 كىشى ئۆلگەن.

جۇندۇلللاھ تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ئەمىر ئابدۇل مەلىك، بۇ يىل 27 ياش بولۇپ، ئۇ 2007 ‏ - يىلى ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ پارسچە بۆلۈمى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنغان، ئۇ شۇ قېتىمقى پروگراممىدا، ئىراندىكى خەلق قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر رەھبىرى دەپ تونۇشتۇرۇلغان. بۇ تونۇشتۇرۇش، ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن پارسى ئامېرىكىلقلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

ئا ب س تېلىۋىزىيىسى قاتارلىق ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بالۇچىستاندىكى جۇندۇللاھ تەشكىلاتىنى ئاستىرتتىن قوللاۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر قىسىم خەۋەرلەرنى ئىشلىگەن بولسىمۇ، بۇ خەۋەرلەرنىڭ راستلىقى ھەر ۋاقىت گۇمان ئوبىكتى بولۇپ كەلمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بۇ خىل خەۋەرلەرنىڭ راستلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.