كامبودژا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش ئېھتىمالى يوقلۇقىنى بىلدۈردى

كامبودژا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، كامبودژادا 16 ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىدىن خەۋرى بارلىقىنى، ئۇلار نۆۋەتتە ب د ت نىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۇردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.12.04
Urumchi-Dong-kowruk-mechit-305 9 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺩﯙﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻣﯩﭽﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﺗﻤﯩﻐﺎﻥ.
RFA Photo

ئالدىنقى كۈنى ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى، 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كامبودژادا سىياسىي پاناھلىق تىلەۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەندىن كېيىن، ئاخباراتچىلار كامبودژا ھۆكۈمىتىدىن 22 ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە سوئال سورىغان.

كامبودژا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ھازىر كامبودژادا 16 ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىدىن خەۋرى بارلىقىنى، ئۇلار نۆۋەتتە ب د ت نىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ ھازىرچە ئىپادە بىلدۈرۈلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

كامبودژا ھۆكۈمەت باياناتچىسى، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، "ئەگەر ئۇلار دۆلىتىگە قايتۇرۇلسا قىيىن-قىستاققا ئېلىنىدىغان ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان ئەھۋال بولسا، ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلمايدۇ. دېگەن. كامبودژا ھۆكۈمەت باياناتچىسى يەنە بۈگۈن رادىئومىزنىڭ كامبودژا بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلسى ئىجتىمائىي بىر مەسىلە بولسا خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى؛ ئەگەر مەسىلە سىياسىي مەسىلە بولسا، بۇنىڭ باشقىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى؛ ئەگەر يەنە ئىجتىمائىي مەسىلە بولغان تەقدىردىمۇ، دۆلىتىگە قايتسا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان ئىش بولسا، يەنە خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇماتلاردىن قارىغاندا بۇ 22 ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە 6 ئايلىق بىر بوۋاق، بىر ياشلىق بىر بالا ۋە بىر ئايالمۇ بار؛ بىز بۇلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئۇقۇش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئىلشات ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

كامبودژادىكى ب د ت سىياسىي پاناھلىق ئىشخانىسى، ھازىرغا قەدەر بۇ بالىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. كامبودژا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ 22 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ب د ت پاناھلىق ئىشخانىسى ھازىرغا قەدەر ئۇلارغا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

نورمال خىزمەت تەرتىپى بويىچە، سىياسىي پاناھلانغۇچىلار ئىلتىماسىنى سۇنغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ب د ت نىڭ شۇ دۆلەتتىكى پاناھلىق ئىشخانىسى تىزىمغا ئېلىپ تەكشۈرىدۇ؛ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ پاناھلىق بېرىلىشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكى بېكىتىلسە، ب د ت پاناھلىق ئىشخانىسى شۇ دۆلەتنىڭ ج خ تارماقلىرىدىن، بۇ كىشىلەرنىڭ بۇ دۈلەتتە بىخەتەرلىكىنىڭ قوغدىلىشى ھەققىدە كاپالەت خېتى تەلەپ قىلىدۇ. كاپالەت خېتى ئۇلار ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلىشىۋالغىچە ئارىلىقتا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

نۆۋەتتە بۇ 22 ئۇيغۇرنىڭ ب د ت نىڭ ۋاقىتلىق ھىمايىسى ئاستىدا ئىكەنلىكى، تېخى كامبودژا ج خ تارماقلىرىدىن كاپالەت خېتىگە ئېرىشمىگەنلىكى مەلۇم. مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا مۇشۇ دۈشەنبە كۈنى ب د ت پاناھلىق بۆلۈمىنىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە كامبودژادىكى 22 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەتلەشمەكچى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.