لوندون ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكى خەلقئارا سەنئەت بايرىمىغا قاتناشتى

لوندون ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكى 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى لوندون پادىشاھلىق باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاجىرەتتىكى مىللەتلەر سەنئەت بايرىمىغا قاتناشتى. ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ سەنئەت بايرىمىغا بۇ يىل ماكېدونىيە، بوسنىيە، كۇبا ۋە تۈركىيە قاتارلىق 20 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن سەنئەت ئۆمىكى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمىكى بىرىنچى بولۇپ سەھنىگە چىققان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.17
LUE-LondonHydePark07122008-305 ﻟﻮﻧﺪﻭﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﻨﯩﯔ 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12 - ﻛﯜﻧﻰ ﻟﻮﻧﺪﻭﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻖ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

 لوندون سەنئەت ئىشلىرى شىركىتى، لوندون شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ۋە پادىشاھلىق باغچىسى ئورتاقلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.

بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ لوندون ئۇيغۇر ناخشا  - ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇلئېزىز ئەيسا ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.   

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.