مەشھۇر ئۇيغۇر مۇزىكانتى ۋە چاقچاقچىسى غوپۇر دىڭخۇلو خاتىرىلەندى


2007.07.19

غوپۇر دىڭخۇلو دەپ نام ئالغان غوپۇر قادىر ھاجى ئۆتكەن ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر مۇزىكانتى ۋە لەتىپىچىسى بولۇپ، ئۇ تاشكەنتتىكى ئۇيغۇر ئانسامبىلىدا ئىشلەش جەريانىدا ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ ئىلى ۋارىيانتىنى رەتلەشكە زور تۆھپە قوشقان .

غوپۇر قادىر ھاجى تونۇلغان مۇزىكانت ۋە چاقچاقچى ئىدى. بۇ يىل ئۇنىڭ تۇغۇلغانلىقىغا 90 يىل توشتى. گەرچە غوپۇر دىڭخۇلو ئاللىقاچان ۋاپات بولغان بولسىمۇ، لېكىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى تاكى ھازىرغىچە ئۇنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق، ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى يېقىندا غوپۇر دىڭخۇلوغا ئاتاپ مەخسۇس مەشرەپ ئۆتكۈزگەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئالمۇتادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.