لوندوندىكى ئۇيغۇر خەلق ناخشا ‏- مۇزىكا ئەترىتى

2007-08-09
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

Ezalar.-200.jpg
لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2004 - يىلى ئېزىز ئەيسانىڭ رەھبەرلىگىدە قۇرۇلغان. سۈرەتتە، ئانسامبىلنىڭ ئەزالىرى. The London Uyghur Ensemble is a London-based group playing traditional and popular music of the Central Asian Uyghurs.It was established in 2004. Photo copy right@ http://www.uyghurensemble.co.uk/>

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر مەدەنىيەت ‏- سەنئىتىمۇ دۇنيا سەھنىسىدە بارغانچە ئالقىشقا ئېرىشمەكتە، ئۇيغۇر ناخشا‏ - مۇزىكىلىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كەڭ تارقىلىشىغا ئۇيغۇر سەنئەتكارلاردىن باشقا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ‏ناخشا ‏- مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا تۆھپىسى بار. مەسىلەن ، ئەنگلىيىدە قۇرۇلغان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى، گەرچە بىر قانچە سازچى ھەم ناخشىچىلاردىن تەركىپ تاپقان كىچىك تىپتىكى ئۇيغۇر ناخشا ‏- مۇزىكا ئەترىتى بولسىمۇ،2004 - يىلى قۇرۇلغاندىن باشلاپ ئەنگلىيىدە ئۇيغۇرلارنى ھەم ئۇيغۇر مەدەنىيەت- سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇشقا ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

---سىز ئاڭلاۋاتقان بۇ گۈزەل ئۇيغۇر خەلق ئاھاڭى ، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئورۇندىشى بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ نۇرغۇن سەھنىلىرىدە تاماشىبىنلارنى مەستخۇش قىلغان ئۇيغۇر ناخشا ‏- مۇزىكىلىرىنىڭ بىرى.

---بۇ مۇزىكىنى ئورۇنلىغۇچىلار ئارىسىدا تەمبۇردا تەڭكەش قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر سازەندىدىن باشقا دۇتار ھەم غىجەكتە ئەنگلىيىلىك مۇزىكانتلار تەڭكەش قىلماقتا .ئۇلار ئۇيغۇر خەلق ناخشا ‏- مۇزىكىلىرىغا ئىشتىياق باغلاپ ئۆگەنگەن ھەم ئۇنى ئۇيغۇر سەنئەتكارلار بىلەن بىرلىكتە دۇنياغا تونۇشتۇرۇۋاتقان سەنئەتكارلار. ئۇلار ئۇيغۇر كىيىملىرى بىلەن سەھنىگە چىقىپ ئۇيغۇر ناخشا ‏- مۇزىكىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىغاندا سىزمۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئەمەسلىكىگە ئىشەنمەيلا قېلىشىڭىز مۇمكىن.

تۆۋەندە، لوندوندىكى بۇ ئۇيغۇر ئانسامبىلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

ئانسامبىل قۇرغۇچىسى ئەزىز ئەيسا

2004 - يىلى تەشكىللەنگەن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئەنگلىيىدە قۇرۇلغان تۇنجى ئۇيغۇر ناخشا ‏- مۇزىكا ئەترىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەترەت ئاساسەن ئۇيغۇر خەلق ئاھاڭلىرى ، ئون ئىككى مۇقام قاتارلىق ئۇيغۇر كىلاسسىك ناخشا مۇزىكىلىرىنى ئورۇندايدۇ.

ئانسامبىلنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى، يەنى قۇرغۇچىسى ئەزىز ئەيسا ‏- تارىم دەريا ۋادىسىدىكى شاياردا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولۇپ ، ئۇ2001 - يىلىدىن باشلاپ لوندوندا ياشاپ كەلمەكتە ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن قۇرۇلغان مەزكۇر ئانسامبىلنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى ھەمدە تەشۋىقات ۋە ئىنتېرنېت تور بېتىنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ كەلمەكتە.

ئۇنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئەنگلىيىدىكى لوندون ۋە باشقا شەھەرلەردە تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئۇيغۇر ناخشا ‏- مۇزىكىلىرىنى سەھنىدە كۆرسىتىپ ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنى بېيىتىشقا بەلگىلىك رول ئويناپ نورۇز ، ھېيت بايرام كۈنلىرىنى جانلاندۇرۇپ كەلمەكتە.

ئانسامبىل بۇلبۇلى- رەھىمە

ئانسامبىل ناخشىچىسى رەھىمە مەھمۇت‏- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۈزەل ئىلى ۋادىسىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كېيىن ئەنگلىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، رەھىمە گەرچە ئۇيغۇر سەنئەت ساھەسىدە كەسپى تەربىيە ئالمىغان بولسىمۇ ، ئەمما سەنئەتخۇمار ئائىلىسىدىكى تەبئىي كەيپىيات ھەمدە دۇتارچى ئاكىسىنىڭ تەسىرىدە ۋە يەنە ئىلى مەشرەپلىرىدىن ئىبارەت تەبىئىي سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئۇنىڭ قەلبىگە سالغان سەنئەت ئۇرۇقلىرىنىڭ بىخ ئېتىشى بىلەن ئۇ ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى مۇڭ بىلەن ئورۇنلاپ ، چىرايلىق ئۇسۇلمۇ ئوينىيالايدىغان سەنئەت تالانتىغا ئىگە بولۇپ يېتىلگەن ئىكەن.

ئەنگلىيىدە مەزكۇر ئانسامبىلنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇنىڭ قەلبىنى چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى سەنئەت بىخلىرىنى كۆرسەتتى .ھەتتا يېقىندا لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىدىكى سازەندىلەر بىلەن ئۇنىڭ ئورۇنلىشىدا ئىلى خەلق ناخشىلىرى ئالبومى روياپقا چىقتى.

كۆپكە ماھىر سازەندە- نىزامىدىن

مەزكۇر ئانسامبىلنىڭ ئاساسلىق سازەندىسى نىزامىدىن سەمەتوف قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر بولۇپ ،ئەنگلىيىگە كېلىشتىن ئىلگىرى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر خەلق سازەندىلىرىدىن نۇرغۇن ساز ھەم ناخشىلارنى ئۆگەنگەن. ئۇ دۇتار ، تەمبۈر، داپ، گىتار قاتارلىق كۆپ خىل سازلارنى ماھارەت بىلەن چېلىپ ئەنگلىيىلىك تاماشىبىنلارنى ھەيران قىلىدۇ.

غېجەككە ئىشتىياق باغلىغان-سىتېفىن جونېس

بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇر ئانسامبىلىدا ئۆزى ئۇيغۇر بولمىسىمۇ ، ئۇيغۇر ناخشا ‏- مۇزىكىلىرىغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ئەنگلىيىلىك مۇزىكانتلارمۇ بار ، ئۇلارنىڭ بىرى سىتىفېن جونېس ئەپەندى ، ئۇ كەسپى ئىسكىرىپكا چالغۇچىسى ، ئۇ ئىلگىرى خىتاي مۇزىكىلىرىنى چېلىشنى ئۆگەنگەن ئىكەن. كېيىن ئۇ ئۇيغۇر چالغۇلىرىدىن غىجەكنى چېلىشنى ھەمدە ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى ئۆگەنگەن. ھازىر ئۇ بۇ مۇزىكا ئەترىتىدىكى ئۇستا غېجەكچى.

چىمەن دوپپىلىق دۇتارچى-رايچېل

رايچېل خەررس خانىمغا كەلسەك ، بۇ ئەنگلىيىلىك مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئۇيغۇر ناخشا ‏-مۇزىكىلىرىغا ئالاھىدە قىزىققاندىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىگە بىر نەچچە قېتىم بېرىپ ، ھەتتا ئۇزۇن تۇرۇپ زىيارەت قىلىش ، تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق دۇتار بىلەن ئۇيغۇر خەلق ئاھاڭلىرى ھەتتا مۇقاملارنى چالالايدىغان سەۋىيىگە يەتكەن. ئۇ چىمەن دوپپىنى ياراشتۇرۇپ كىيىپ دۇتارنى قولىغا ئالغاندا، ئۇيغۇر سازەندىلىرىدىن ھېچ قېلىشمايدۇ .

ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىلىرىدىن ھەممە تەڭ بەھرىمان بولسۇن

مانا بۇ لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىغا دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدىن يىغىلىپ تەشكىللەنگەن سەنئەتكارلار، ئۇلارنىڭ سەھنىدە بىرلىكتە كۆرسەتكەن ماھارەتلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئۇيۇشىشىغا سەۋەب بولغان ئامىلنىڭ ئۇيغۇر ناخشا ‏-مۇزىكىلىرىنىڭ سېھرى كۈچى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيسىز، ئۇلار ئۇيغۇر ناخشا ‏- مۇزىكىلىرىدىن ئۆزلىرى ھوزۇرلىنىپلا قالماي ، بۇ گۈزەل ئۇيغۇر ناخشا ‏- مۇزىكىلىرىرىدىن ئەنگلىيىدە ھەتتا دۇنيادا يەنىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بەھرىنى ئالغۇزۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.

مەزكۈر ئانسامبىل يەنە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى نامىدا، ئېنگىلىز تىلىدا مەخسۇس ئۇنىۋېرىسال بىر تور بەت تەسىس قىلغان بولۇپ ،ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ‏- سەنئىتى، ئۆرۈپ ‏- ئادەت ھەمدە تارىخلىرى تونۇشتۇرۇلغان نۇرغۇن ماتېرىياللار قويۇلغان. مەزكۈر تور بەتنىڭ سەھىپىلىرىدىن ھەتتا ئۇيغۇر ئېلى ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ھەر قانداق تىپتىكى ناخشا ‏-مۇزىكىلارنى تېپىپ ھوزۇر ئالغىلى بولىدۇ . (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)

تاللانغان خەۋەرلەر

مەلۇم يېزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورما ئورۇۋاتقاندا قىزىل بايراق كۆتۈرۈۋالغان كۆرۈنۈشى. 2017-يىلى ياز.
خوتەندە سىياسىي سېلىق-بايراق سېتىۋېلىش

د ئۇ ق 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا (سولدىن ئوڭغا) د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىس ئۆمەر قانات ئەپەندى خاتىرە سۈرەتتە. 2017-يىلى 11-نويابىر، گېرمانىيە.
د ئۇ ق نىڭ 6-قۇرۇلتىيىدا ئالىي رەھبەر، رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسلەر سايلاپ چىقىلدى

مەلۇم يېزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يول يۈرگەندىمۇ قىزىل بايراق كۆتۈرۈۋالغان كۆرۈنۈشى. 2017-يىلى ياز.
مەجبۇرىي بايراق ئېسىش بىلەن ۋەتەن سۆيگۈسى پەيدا بولامدۇ؟

تولۇق بەت