خىتايدا ياش ئۆسمۈرلەرنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاش قىلمىشلىرى يەنىلا ئېغىر ھالدا مەۋجۇت

0:00 / 0:00
adem-sodisi.jpg
ئىككى نەپەر ئۇيغۇر بالىسى خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە تېپىلغاندىن كېيىن، 2005-يىلى 25-دېكابىر كۈنى ئۆيىگە قايتىشتىش يولىدا تاماق يېمەكتە.AFP

ئالدانغان ياكى سېتىلغان ياش ئۆسمۈر بالىلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە تۈرلۈك جىنايى يوللارغا مەجبۇرلىنىشىدەك ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلە. بۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپلا قالماي، پۈتۈن خىتاي جەمئىيىتىدە ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۇزۇندىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، گەرچە يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان، جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەھدىت بولۇۋاتقان ئېغىر جىنايەتلەرنى توسۇشقا ھەرىكەت قوللىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئۈنۈملۈك نەتىجە ھاسىل قىلالمىغان.

خىتاي بالىلارنى جىنايەتكە مەجبۇرلاشقا قاتتىق زەربە بەرمەكچى

ئۇيغۇر ئېلى ھەمدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقسىز رادىئومىزغا قىلغان ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئۆسمۈر- بالىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئېلىپ كېتىپ سېتىۋىتىدىغان ھەمدە يانچۇقچىلىق ئوغرىلىقلارغا سالىدىغان جىنايى ھەرىكەتلەر خېلى دەرىجىدە ئېغىر. مەزكۇر مەسىلە گەرچە ئۇيغۇرلاردا يېقىنقى ئون يىلدا پەيدا بولۇپ ئېغىر ھالەتتە تەرەققىي قىلىپ زور ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانغان بىر جىددىي مەسىلە بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل بالىلارنى جىنايى يوللارغا مەجبۇرلايدىغان ئەھۋال خىتايدا خېلى بۇرۇن باشلانغان شۇنداقلا ھازىرغا قەدەر نەتىجىلىك كونترول قىلىنماي كېلىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ ھەقتە خىتاي تىنچلىق تورىنىڭ -23 فېۋرال ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى يېقىندا خىتايدىكى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى كۈزدە تۇتۇپ بۇ يىلدىن ئېتىبارەن بالىلارنى ئالداپ ياكى سېتىپ ۋە ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن جىنايەت يولىغا مەجبۇرلاشتەك قانۇنسىز ھەرىكەت ھەمدە گۇرۇھلارغا مەملىكەت مىقياسىدا قاتتىق زەربە بەرمەكچى ئىكەن.

خەۋەردە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان بولۇپ، بولۇپمۇ يېزا - كەنت نامرات رايونلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئەمەس مەلۇم جىنايەت گۇرۇھلىرى ياكى جىنايەتچىلەر تەرىپىدىن تۈرلۈك قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە مەجبۇرلىنىش ئەھۋالى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولماقتا ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە مەملىكەت بۇيىچە ئومۇميۈزلۈك مۇشۇ خىلدىكى نامرات رايون ياش ئۆسمۈرلىرىنى جىنايەتكە مەجبۇرلاش قىلمىشلىرىغا قارىتا نۇقتىلىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلايدىكەن.

بۇنىڭ ئالدىدا يەنى -8، -7 فېۋرال كۈنلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەخسۇس " سەرگەردان بالىلارغا ياردەم بېرىش، ئالداپ ئېلىپ قېچىشقا زەربە بېرىش " خىزمەت يىغىنى چاقىرىلغان ئىدى.

مەزكۇر يىغىندا "سەرگەردان بالىلارغا تۈرلۈك يوللار بىلەن ياردەم بېرىش، قوغداش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئالداپ، ئېلىپ قېچىپ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇرلىغانلارغا قاتتىق زەربە بېرىش، جايلار ۋە تارماقلار ئۆتكەلنى قاتلاممۇ ‏- قاتلام چىڭ ئىگىلەپ زىچ ھەمكارلىشىپ قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى بىرلىكتە قوغداش " تەكىتلەنگەن.

بىز ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىل، بالىلارنى ئالداپ ياكى سېتىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ھەر خىل جىنايەتلەرگە مەجبۇرلاش ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ قاچاندىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن قەشقەرنىڭ مەلۇم جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ سورىغان بولساقمۇ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفون قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئاڭلىغان ساقچى زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى:

"بۇ، قاتتىق زەربە بېرىش بىلەنلا تۈپتىن ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەس"

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئاپىرىلىپ يانچۇقچىلىق، ئوغرىلىق، زەھەرلىك چېكىملىك سېتىشقا ئوخشاش جىنايى ھەرىكەتلەرگە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىدەك ئېغىر بىر جەمئىيەت مەسىلىسىگە ئۇيغۇرلار يېقىندىن كۆڭۈل بولۈۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن تارماقلىرىنىڭ جىددىي تەدبىر قوللىنىپ توسىمايۋاتقانلىقىدىن نارازى بولماقتا. يېقىندا ئامېرىكىغا كەلگەن، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر خانىممۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھەق ‏- ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولماي تۈرلۈك قىسمەتلەرگە قېلىۋاتقانلىقىدىن ئېچىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ، تېخى يېقىندىلا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن شاڭخەيگە بارغاندا كۆرگەنلىرىنى ئېيتىپ بەردى:

ھەممىسى بىر تاياقتا ھەيدىلەمدۇ؟

يەنە بەزىلەر، خىتايلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېقىپ يۈرگەن بەزى يامان كىشىلەرگە قاراپلا ھەممە ئۇيغۇرغا ئوخشاش يامان كۆزدە قاراۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ خىل يامان يوللاردا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلارغا زەربە بېرىمىز دەپ ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە قانۇنلۇق يولدا سودا قىلىۋاتقان ياكى باشقا خىل يوللار بىلەن جان بېقىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھايداۋاتقانلىقىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەكتە، بۇ ھەقتە خىتاينىڭ مەلۇم ئۆلكىسىدە ئاشخانا ئاچقان بىر ياش ئۆزىنىڭ نارازىلىق پىكرىنى ئېيتتى:

بەزى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل، بالىلارنى جىنايى يوللارغا مەجبۇرلاشقا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشىدا يەنە باشقا غەرەزلەرنىڭمۇ بارلىقىدىن گۇمانلىنىۋاتقان بولۇپ، بەزىلەر بۇ بەلكىم زەربە بېرىش باھانىسىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدە جان بېقىش يولىنى ئىزدەۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تازىلاشنى مەقسەت قىلغان بىر ھەرىكىتى، شۇنداقلا خىتاينىڭ -2008 يىلىدىكى ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئالدىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان چوڭ تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا. (گۈلچېھرە)