سودىگەر پەرھات نامانوپنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيانكەشلىككە ئۇچراش خەۋپى بېيجىڭدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى

بېيجىڭدىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي زىيانكەشلىك خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر سودىگەر پەرھات نامانوپ، يىللاردىن بېرى بېيجىڭدىكى ئۇششاق تىجارەتچى ۋە ھۈنەرۋەن ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيانكەشلىككە ئۇچراش خەۋپى بېيجىڭدىكى ئەنە شۇ ئۇيغۇرلارنىمۇ ئەندىشىگە سالغان ۋە ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.09.27
perhat-namanop-305.jpg بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر سودىگەر پەرھات نامانوپ. 2012-يىلى 26-سېنتەبىر.
RFA/Shohret Hoshur


مۇشۇ سەۋەپتىن ئالدىنقى كۈنى 40تىن ئارتۇق ئۇيغۇر بېيجىڭ شەھەرلىك ھوكۈمەت ئالدىغا توپلىنىپ، پەرھات نامانوپنىڭ ھەقسىزلىققە ئۇچراش خەۋپىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئەھۋالنىڭ تەرەققىياتىدىن ئەندىشە قىلغان دائىرىلەر توپلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ 5 ۋەكىلى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پەرھات نامانوپ، بېيجىڭدىكى تيەنخەي ئۆي - مۈلك شىركىتىنىڭ ساھىپلىرىدىن بىرى بولۇش بىلەن بىرلىكتە، يەنە ئىككى چوڭ ئۇيغۇرچە تائاملار رېستورانىنىڭ خوجايىنى. باققالچىلىقمۇ پەرھات نامانوپ قوشۇمچە قىلىۋاتقان تىجارەتلەرنىڭ بىرى. پەرھات نامانوپ بېيجىڭدا ئىگىلىك تىكلىگەن ۋە يول تاپقان ئۇيغۇرلاردىن بىرى بولغاچقا، ئۇ تەبىئىي ھالدا بېيجىڭدا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋە ياكى يول تاپالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەمچىسى، مەسلىھەتچىسى ۋە بەزىدە قىيىنچىلىقتىن قۇتقازغۇچىسى بولۇپ قالغان. پەرھات نامانوپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ باشقۇرۇۋاتقان ئۆي - مۆلۈك شىركىتىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلار يوق؛ ئەمما ئۇنىڭ ئاشخانا ۋە باققالچىلىق تىجارىتىدە مۇلازىمەت ئىشلىرىنى قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان 100گە يېقىن ئۇيغۇر بار. شۇڭا پەرھات نامانوپنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيانكەشلىك خەۋپىگە دۇچ كېلىشى بېيجىڭدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالغان ۋە نارازىلىقىنى قوزغىغان. مۇشۇ ئاينىڭ يەنى 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى كۈنى 30دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بېيجىڭ شەھەرلىك ھوكۇمەتنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ، پەرھات نامانوپنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيانكەشلىككە ئۇچراش خەۋپىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

توپلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن خىتاي دائىرىلىرى، ئۇلاردىن سۆھبەت ئۈچۈن ۋەكىل كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە ئۇيغۇرلاردىن پەرھات نامانوپ بىلەن بىرلىكتە 5 كىشى دائىرىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. دائىرىلەر، مەسىلىسىنىڭ زاۋۇت - كارخانىلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى، مەسىلىنى شۇ يەرگە ئېيتىشنى تاپىلىغان. پەرھات نامانوپ كۆرسىتىلگەن ئورگانغا قانچە قېتىملاپ بارغان بولسىمۇ، ئىدارىنىڭ ھېچبىر مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشەلمىگەن، ھەتتا ئىدارىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئىچىگىمۇ كىرەلمىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى كۈنى يەنە 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر مەزكۇر ئىدارىنىڭ ئالدىغا توپلانغان؛ بۇنىڭ بىلەن دائىرىلەر ئالاقزادە بولۇپ، پەرھات ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرغان. سۈھبەت داۋامىدا ئۇيغۇرلار، پەرھات نامانوپ بىلەن زاۋۇت ئارىسىدا تۇزۇلگەن توختامنىڭ ئۇزارتىلماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورىغان. خىتاي تەرەپ زاۋۇتنى ئۆزلىرى باشقۇرۇش پىلانى بارلىقىنى ئېيتقان. ئۇيغۇرلار، زاۋۇت تەرەپنىڭ ئارىلىقتا توختامنى 5 يىل ئۇزارتىشقا يازما جاۋاب ئارقىلىق رەسمىي يوسۇندا قېتىلغانلىقىنى ئېسىگە سالغان. خىتاي تەرەپ يازما جاۋابنىڭ خاتا بولغانلىقىنى، بۇ خاتالىق ئۈچۈن پەرھاتقا 6 مىليون يۈەن پۇل تۆلەشكە رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. پەرھات بولسا، زىياننىڭ 67 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، توختامنىڭ يازما جاۋاب بويىچە يەنە بەش يىل ئۇزارتىلىش تەلىپىدە چىڭ تۇرغان. خىتاي تەرەپ مەسىلىنىڭ سوتتا بىر تەرەپ قىلىنىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ بۇ چاغدا پەرھات نامانوپ، سوتنىڭ مۇستەقىل بىر سوت ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ھۆكۈمەتكە بېقىنىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرى بىلەن داۋالىشىۋاتقان تەرەپنىڭ بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ ئورگىنى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا، بۇ ئىشتا سوتتىن ئادىل ھۆكۈم كۈتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ كېلىشەلمىگەن. ئاخىرىدا پەرھات نامانوپ خىتاي تەرەپنى مەسىلىنى قايتا ئويلىنىشقا ۋە ئادىل بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرغان؛ ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. پەرھات نامانوپ، بۇ قېتىم قوللىغۇچىلىرىنىڭ قولىغا لوزۇنكا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئالمىغانلىقىنى، مەسىلە ئادىل بىر تەرەپ بولمىسا، كېلەر قېتىمدا قوللىغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە تيەنئەنمىن ياكى خەلق قۇرۇلتىيى زالىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.