قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇر تارىخ ۋە تىل ئوقۇتۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەكتە

قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى قىرغىزىستاندا پائالىيىتىنى توختاتماي ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىدۇر.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ
2008.12.30

يېقىندا مەزكۇر تەشكىلات مەركىزى كېڭىشىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ 2009 ‏- يىلى ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان.

كېلەر يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ پائالىيەتلەر قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە بېرىلىدىغان ياردەمنى كۈچەيتىش، ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۇيغۇر تارىخىي، ئۇيغۇر تىلى دەرسلىك سائەتلىرىنى كۆپەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.