«ئىرپان» شىركىتى «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى دۇنياغا كەلتۈردى

ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئۆلمەس ئابىدە «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنىڭ يېقىندا رەسمىي نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئارىسىدا زور تەسىر پەيدا قىلغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2012.12.31
qutadghu-bilik-un-305.jpg «ئىرپان» ئېلېكترون چەكلىك شىركىتىنىڭ پىلانلىشى، مەبلەغ سېلىشى ۋە نەشرگە تەييارلىشى بىلەن بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلدۇرغان «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنىڭ قاپ كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى.
RFA

ئۇيغۇر تور بەتلىرى تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 14-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى خەلق سارىيىدا مىڭلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە بىلىم ئادەملىرىنىڭ جەم بولۇشى بىلەن «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمدا مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچىلار پىكىر بايان قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن بۇ يېڭىلىقنى تەبرىكلىگەن.

بۇ قېتىمقى «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى ئۈرۈمچى «ئىرپان» ئېلېكترون چەكلىك شىركىتىنىڭ پىلانلىشى، مەبلەغ سېلىشى ۋە نەشرگە تەييارلىشى بىلەن ك د ۋە د ۋ د شەكلىدە يورۇقلۇققا چىققان. «ئىرپان» شىركىتى «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ 1991-يىلى نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە نەسرىي يەشمىسىگە ئاساسەن 17 سائەتلىك ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تەييارلاپ بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلدۇرغان. مەزكۇر نۇسخىنىڭ تېكىستىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى داڭلىق ئاۋاز ئارتىسى ئابدۇقېييۇم ئىمىن يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئوقۇپ چىققان. يۇقىرى سۈپەت ۋە ئىلمىي ئۆلچەم بويىچە يېڭىدىن نەشر قىلىنغان بۇ ئاۋازلىق ئەسەر، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى «ئىرپان» شىركىتىنىڭ سېتىش نۇقتىلىرىدا بازارغا سېلىنماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پەزىلەت خانىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچى «ئىرپان» ئېلېكترون چەكلىك شىركىتى ئابدۇللا ئۆمەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 2003-يىلى 14-دېكابىردا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئېلېكترون لۇغىتىنى لايىھىلەش ۋە بازارغا سېلىش بىلەن باشلىغان. شۇندىن كېيىن قىسقىغىنا 9 يىل جەريانىدا بۇ شىركەت ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە، خىتايچە، رۇسچە، قازاقچە، قىرغىزچە، تۈركچە، ئەرەبچە ۋە ياپونچە توققۇز خىل تىلدا ئېلېكترونلۇق لۇغەتلەرنى ئىشلەپ بازارغا سالغان ھەمدە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا سازاۋەر بولغان.

«ئىرپان» شىركىتى بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك بىلىم بايلىقىنى قېزىش ۋە ئۇنى زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلەن قايتا يورۇقلۇققا چىقىرىش جەھەتتە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. 2008-يىلى ماھمۇد كاشىغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا ئاتاپ «دىۋانى لۇغەتىت تۈرك» نىڭ 4 تىلدىكى نۇسخىسىنى ئىرپان ئېلېكترون لۇغىتىگە كىرگۈزگەن. 2009-يىلى ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى «لۇغەتلىك يانفون» نى ئىشلەپ بازارغا سالغان. 2010-يىلىغا كەلگەندە بولسا مەشغۇلات تىلى ۋە سىستېمىسى ئۇيغۇرچە بولغان «ئىرپان ھەردەم كومپيۇتېرى»نى ئىشلەپ بۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان. نۆۋەتتە «ئىرپان» شىركىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇيغۇر مائارىپى، ئەدەبىيات-سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتى ساھەسىدە قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى بولغان ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانماقتا ئىكەن.

بۇ يىل 14-دېكابىردا ئۈرۈمچىدىكى خەلق سارىيىدا تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى «ئىرپان» شىركىتىنىڭ 9 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە بېغىشلاپ ئۆز خەلقىگە سۇنغان سوۋغىتى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.