رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيە ترانسىت رادىكال پارتىيىسىنىڭ 39 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتناشماقتا

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىدە ترانىس رادىكال پارتىيىسىنىڭ 39 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتناشماقتا.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.12.09
rebiya-kadeer-transnational-305.png رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيەلىك سىياسىيۇن ماركو پانىللا ئەپەندى بىلەن بىللە
Transnational Radical Party Public Archive
قۇرۇلتايغا 45 دۆلەتتىن 385 ۋەكىل قاتناشماقتا. قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ترانسىت رادىكال پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر، ئىتاليە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جىيۇىلىيو تەرزى دى سانتاگاتا قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلغان. ئېچىلىش نۇتقى قىلغانلارنىڭ كۆپى ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ترانست رادىكال پارتىيىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا رابىيە قادىر خانىمغا يىغىن باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ قاتارىدا ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، بۇ رادىكال پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانچىلىك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن. رادىكال پارتىيە بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللاپ كەلگەن، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ياۋرۇپادا، ياۋرۇپا پارلامېنتىدە تونۇلۇشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان پارتىيىلەردىن بىرى. شۇڭا رابىيە قادىر بۈگۈن قىلغان نۇتقىدا ترانسىت رادىكال پارتىيىسىىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قوشقان تۆھپىلىرىگە رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن. رابىيە قادىرنىڭ بۇ نۇتقى يىغىن ئەھلىنىڭ قاتتىق ئالقىشلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەرنى ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەرجىمانلىقىنى قىلىۋاتقان ئۆمەر قانات ئەپەندى قۇرۇلتاينى شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۇتقىنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ نەق مەيداندىن دۇنياغا تارقىتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:

رابىيە قادىر خانىم رادىكال پارتىيىسىنىڭ 39 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا 385 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىنىڭ رەھبەرلىرى، ئافرىقا، جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى، ئاسيا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىتىش ۋە ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى. رابىيە خانىمدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىتاليىنىڭ رىم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىش ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىمنى ئۆز دۆلەتلىرىگە تەكلىپ قىلغان.

ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇرۇن قۇرۇلتاي جەريانىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى، رادىكال پارتىيىسىگە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە بەزى لايىھىلەرنى سۇنىدىغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى ئىتالىيە زىيارىتى جەريانىدا قۇرۇلتايغا قاتناشقاندىن باشقا، بەزى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىدىكەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.