بىر تۈركۈم ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى: " تەيۋەننىڭ كېلەچىكىنى خىتاي ئەمەس، تەيۋەن خەلقى بەلگىلىشى كېرەك"


2008.01.09

12 ‏-يانىۋار كۈنى تەيۋەندە ئۆتكۈزىلىدىغان پارلامېنت سايلىمى ھارپىسىدا، سايلامنى كۆزىتىش ئۈچۈن، بىر تۈركۈم ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى تەيۋەنگە يېتىپ كەلدى. تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن چېغىدا، تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىىيىسى بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئومۇم خەلق راي سىناشقا بىرلىكتە قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان. ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى، تەيۋەننىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك قارارنى خىتايمۇ ئەمەس، ئامېرىكىمۇ ئەمەس، تەيۋەن خەلقى ئۆزى بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەن خەلقىنىڭ ئىرادىسى ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن سولومون ئورتىز بىلەن، ستەۋ شابوت چارشەنبە كۈنى تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خۇاڭ جىفاڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇلار سۆزىدە مۇنداق دېگەن: بىر ھاكىمىيەت، چوڭ مەسىلىلەرگە قارار بېرىشتە ئىختىلاپقا دۇچ كەلگەندە، مەسىلىنى خەلق ئاۋازىغا قويۇپ ھەل قىلىش ئاخىرقى بىر تاللاش يولى. تەيۋەننىڭ مەسىلىلىرىگە ۋە كەلگۈسىگە قارار بېرىش ھوقۇقى خىتاي خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئىلكىدىمۇ ئەمەس. پەقەت ۋە پەقەت تەيۋەن خەلقىنىڭ ئىلكىدىدۇر. تەيۋەن خەلقىنىڭ ئىرادىسى ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك.

تەيۋەننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن سولومون ئورتىز، بۇ رايوندىكى خەلقنىڭ نۆۋەتتىكى سايلامغا ناھايىتى جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى بايقىغان ۋە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن " مەن تەيۋەن خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە ئىشىنىمەن، ئۇلارنى ئاۋازىنى توغرا قوللىنالايدۇ دەپ قارايمەن. بىز تەيۋەن خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك."

ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن، ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن چېغىدا يەنە، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا تەھدىتىنىڭ داۋاملىق تۈردە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ تەيۋەننى نىشانلىغان باشقۇرىلىدىغان بومبىسىنىڭ 1328 گە يەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھەم ئامېرىكىنڭ تەيۋەنگە F16 CD تىپلىق ئۇرۇشچى ئايروپىلان سېتىپ بېرىش پلانىنى تەستىقلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چېن شۇيبيەن بىلەن كۆرۈشكەن ئىككى نەپەر ئامېرىكا پالاتا ئەزاسىنىڭ بىرى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە، يەنە بىرى دېموكراتچىلار پارتىيىسگە ئەزا بولۇپ، ئۇلار، ئامېرىكىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئامېرىكا ‏-تەيۋەن مۇناسىۋىتىدە بۇزۇلۇش بولمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەندە شەنبە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام، تەيۋەننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر سايلام بولۇپ، بۇ سايلامنىڭ نەتىجىسى، كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن، چېن شۇيبيەننىڭ مۇستەقىللىق تەرەپدارى سىياسىتى ھەققىدە بىر قېتىملىق خەلق رايىنى سىناش دەپ قارالماقتا. نۆۋەتتىكى، تەيۋەن پرېزىدېنتى مۇستەقىلچى بولسىمۇ، تەيۋەن پارلامېنتىدا، مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئەمەس.

بۇ سەۋەبتىن تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ خىتايغا قارشى بىر قىسىم كەسكىن قارار لايىھەلىرى پارلامېنتتا توسقۇنلۇققا ئۇچراپ كەلگەن. مەسىلەن، ئامېرىكىدىن بىرقانچە مىليارد دوللارلىق قورال سېتىۋېلىش لايىھەسى پارلامېنتتا تەستىقتىن ئۆتمىگەن. شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەر بۇ قېتىمقى سايلامدا، دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئورتاقلىرى كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئېرىشەلىگەن تەقدىردە، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق مۇساپىسى ئۈچۈن يول كېڭەيگەن بولىدۇ دەپ قاراشماقتا.

خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارشى دىپلوماتىك بېسىمى كۈچەيمەكتە

تەيۋەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سايلام نەتىجىسىدىن كېيىن، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە 40 مىڭ نەپەر ساقچى ۋەزىپىگە ھازىر ھالەتتە تۇرماقتا.

ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرىنىڭ بۇ قېتىمقى تەيۋەن زىيارىتى، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارشى دىپلوماتىك بېسىمىنى كۈچەيتىۋاتقان كۈنلەرگە توغرا كەلدى. ئالدىنقى ھەپتە، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى، سىۋازىلاند دۆلىتىنى زىيارەت قىلىۋاتقان تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زىيارەت پلانىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى بولغان مالاۋىدىن زىيارەت كۈنىنى كېچىكتۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالغان. بۇ ئەھۋالنى تەيۋەن تەرەپ، خىتاينىڭ دىپلوماتىك توساقلىرىنىڭ نەتىجىسى دەپ بىلدۈرگەن ئىدى. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.