ھىندى ئوكياندىكى يەر تەۋرەش ۋە سۇنامىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 100 مىڭغا يېتىشى مۈمكىن


2004.12.29
indianoceanmap200.gif

خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ھىندى ئوكيان ئەتراپىدىكى يەر تەۋرەش ۋە سۇنامى دېڭىز دولقۇنىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 100 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن. ھىندونېزىيە بىلەن سرىلانكىدا ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلگەن.

ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىشىچە، ھىندونېزىيىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 45 مىڭغا يەتكەن. سرىلانكا ھازىرغىچە 22500 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ھىندىستان ھازىرغىچە 12500 پۇقراسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بىراق ئاندامان تاقىم ئاراللىرىدىكى 30 مىڭ پۇقراسىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز دېرىكىنى ئالالمىغان. تايلاند 4100 پۇقراسىنىڭ ئىز - دېرىكى يوقلىقىنى ئېلان قىلدى. تايلاند دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە 1650 كىشى ئۆلگەن، بۇنىڭ 470 نەپىرىنى چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ئىگىلەيدىكەن.

ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاشماقتا

چارشەنبە كۈنىدىكى ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىدا، ھىندى ئوكيان ئەتراپىدىكى 11 دۆلەت، 70 مىڭ كىشىنىڭ يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز دولقۇنىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بىراق “بۈگۈنكى ئامېرىكا” گېزىتى بۇ ساننىڭ 76 مىڭغا چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئىز دېرەكسىز يوقالغانلارنى قوشقاندا، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 100 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە سۇنامى دېڭىز دولقۇنى، ھىندى ئوكيان ئەتراپىدىكى سومالى، سرىلانكا، مالدىۋى، ھىندىستان، تايلاند، بېرما، مالايسزىيە ۋە ھىندونېزىيە دېڭىز ساھىلىدىكى رايونلارنى سۇ ئاستىغا كۆمۈۋەتكەن. ھىندىنوزىيىنىڭ سۇماترا ئارىلىدىكى ئاچىخ ئۆلكىسى ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئاچىخنىڭ غەربىدىكى رايونلار پۈتۈنلەي سۇ ئاستىدا قالدى. 240 ك م ئۇزۇنلىقدىكى غەربىي ئاچېخ دېڭىز ساھىلى غايىپ بولغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ئاپەت رايونلاردىكى ئىچىملىك سۇننىڭ كامچىللىقى، تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ناچارلىقى شۇنداقلا جەسەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى قىيىنچىلىقلار يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىشىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

زىيان ناھايىتى ئېغىر

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلاردىكى ئاساسى ئەسلىھەلەر ئاساسى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش سېستىمىسى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان. ۋەقە يۈز بەرگەن مەزگىل ھىندى ئوكيان رايونىدىكى ساياھەت پەسلىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئۆلگەنلەر ياكى ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلار ئىچىدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپالىق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئاز ئەمەس. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بەش نەپەر، ئاۋمىن، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەنلىك ساياھەتچىلەر نەچچە يۈزگە يېتىدىكەن. ھىندىنوزىيە ھەربىي قىسىملارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، سۇماترا ئارىلىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى مۇلابو رايونىغا كىرگەن. ھىندىنوزىيە دائىلىرى مۇلابو رايونىنىڭ ئۆزىدە ئۆلگەن پۇقرالارنىڭ سانى 10 مىڭغا يىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا ياردەم قولىنى سۇندى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرلەر بىلەن، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى ۋە سارەمجانلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن، خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ "بىز ئۇلارنىڭ يۇرتىنى قايتا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز،" دەپ كۆرسەتتى. پرېزىدېنت بۇشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى پۇقرالارغا 35 مىليون دوللار ياردەم قىلغان شۇنداقلا ھەربىي قىسىملار ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنى يوللىغان. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاسىيادىكى " لىنكولىن" ناملىق ئاۋىئاماتكا ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى ئايروپىلان، ھەربىي پاراخوتلار 15000 كىشىلىك ئەسكەر بىلەن ئاپەت رايونىغا قاراپ يولغا چىققان.

تارىختىكى ئەڭ چوڭ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى

ب د ت، تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى قوزغىدى. ب د ت نىڭ مۇئاۋىن باش سېكرىتارى ئېگىلاند، 20 نەچچە دۆلەتنىڭ يۈز نەچچە ترانسپورت ئايروپىلانى، قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى 48 سائەت ئىچىدە ئاپەت رايونىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئىنتايىن چوڭ كۆلەمدىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئېگىلاندنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپەت رايونىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نەچچە مىليارد دوللارلىق ياردەم بۇيۇمى كېتىدىكەن. ئىگىلاند ، باي دۆلەتلەرنى بېخىللىق قىلىش بىلەن تەنقىدلىگەن . ئۇنىڭ ، بىر دۆلەت باي بولغانسىرى بېخىللىشىدىكەن، دىگەن سۆزى ئامېرىكىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل ئىگىلاندنىڭ سۆزىنى رەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش جەھەتتىكى چىمپىيونلىقىنى تەكىتلىگەن. كولىن پوۋېل مۇنداق دەيدۇ: " بىز خەلقئارا قىزىل كرىست جەمئىيىتى ئارقىلىق ئاپەت رايونىدىكىلەرگە 4 مىليون دوللار، كېيىن 10 مىليون دوللار جەمئى 15 مىليون دوللار ياردەم قىلدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىنىڭ 9 ئايروپىلانى ياردەم بېرىۋاتىدۇ. تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ دېڭىز پىلوتى ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىلدى".

ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەنكى 4 يىل ئىچىدە بەرگەن ياردىمى، دۇنيادىكى ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ياردىمىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن پوۋېل، ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئارىدا ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنى بېخىللىق قىلىش بىلەن تەنقىدلىگەن ب د ت مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئالدىنقى كۈنكى سۆزىگە تۈزۈتىش كىرگۈزدى. ئىگىلاند، تۈنۈگۈنكى سۆزىنىڭ خاتا چۈشەنچە ياراتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كونكېرت بىر دۆلەتنى كۆزدە تۇتمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىچە، ئاپەت رايونىدىكى پۇقرالار يىمەك - ئىچمەك ۋە تىببئىي قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىغا جىددى ئىھتىياج بولۇپ، قۇتقۇزۇش بۇيۇملار ۋاقتىدا يېتىپ بارمىسا، تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.