خىتاي ساقچىلىرى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن 4 كۈن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى مۇھاجىرلار مېھمانخانىسى تەۋەلىكىدىكى مىران، تاشكەنت، مەدىنە ۋە ئەلقەسىر قاتارلىق 4 رېستوراندا ئىشلەۋاتقان 70تىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىنى بىر نەپەر رېستوران خوجايىنى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلغان.
ئىگىلىشىمىزچە، بۇلاردىن ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ ئىز-دېرىكى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس؛ ئۇ بولسىمۇ مەدىنە تېز تاماقخانىسىنىڭ ئاشپىزى تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم. تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم 1976-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. تۇرغۇن ئوبۇلقاسىمنىڭ ئايالى مەرھابا ئىككى ياشلىق پەرزەنتى بىلەن بىرلىكتە ئۈچ يىلدىن بېرى ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ ھەممىسىگە قايتا-قايتا ئىلتىماس قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن.
مۇخبىرىمىز بۈگۈن، ئۈرۈمچىدىكى مۇھاجىرلار مېھمانخانىسىنىڭ پاكىستانلىق خوجايىنى ھەم مەدىنە رېستورانىنىڭ ساھىبى سالفۇراتنى زىيارەت قىلىپ تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى.
سالفۇراتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى 9-ئىيۇل كۈنى ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مەدىنە تېز تاماقخانىسىدىن 5 نەپەر خىزمەتچىنى تۇتۇپ كەتكەن. بۇلاردىن 4 نەپىرى بىرقانچە ئاي ئىچىدە قويۇۋېتىلگەن؛ ئەمما تۇرغۇن ئوبۇلقاسىمنىڭ ئىز-دېرىكى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس.
سالفۇرات 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە ۋەقە يۈز بەرگەندە رېستورانىغا سىرتىدىن قۇلۇپ سېلىپ رېستوراندىكى خىزمەتچى ۋە خېرىدارلىرىنى ۋەقەگە ئارىلىشىپ قېلىشىنىڭ ياكى ھۇجۇمغا ئۇچراپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. ئۇ 5-ئىيۇلدىن كېيىنكى 3 كۈندىمۇ خىزمەتچىلىرىنى ئۆيلىرىگە قايتۇرماي ئۆز باشقۇرۇشىدىكى مۇھاجىرلار مېھمانخانىسىدا تۇرغۇزغان.
سالفۇرات دەسلەپكى كۈنى ساقچى ئورگانلىرىغا بېرىپ تۇرغۇنجان ئوبۇلقاسىمنىڭ ليۇداۋان ساقچىخانىسىدا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ۋە ساقچى دوستلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭغا تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈن 500 يۈەن پۇل كىرگۈزگەن. ئۇ ئىككى كۈندىن كېيىن تەكرار كەلگەندە ئۇنىڭغا تۇرغۇن ئوبۇلقاسىمنىڭ بۇ يەردە يوقلۇقى ئۇقتۇرۇلغان، ئەمما قەيەرگە يۆتكىۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلمىگەن. ئىچكىرىلەپ سۈرۈشتە قىلغىنىدا، ساقچىلارنىڭ گۇمانلىق سوئال-سوراقلىرىغا دۇچ كەلگەن.
سالفۇرات ئاخىرى تۇرغۇنجاننىڭ ئايالىغا ئۆزىنىڭ چارىسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەرھابانىڭ ئۆزىنىڭ سۈرۈشتە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلغان. ئۆزى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئەمما بەك كۆپ يار-يۆلەكلىرى بولمىغان مەرھابا ھازىرغا قەدەر يول مېڭىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن.
سالفۇرات نۆۋەتتە تۇرغۇنجاننىڭ ئايالى ۋە بالىسىنىڭ ئايلىق راسخوتى ئۈچۈن ھەر ئايدا 600-700 يۈەن نەپىقە بەرمەكتە. ئەمما بۇ بېرىلىۋاتقان نەپىقە بۇرۇن تۈزۈلگەن ئىش توختامىغا ئاساسەن ئەمەس، بەلكى ئىنسانلىق نۇقتىسىدىن، يەنى ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكىدىن ئايرىلغان ئانا-بالىغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە داۋام قىلماقتا.
سالفۇرات زىيارىتىمىزنىڭ داۋامىدا ئۆزىنىڭ سىياسەتكە قىزىقمايدىغانلىقىنى، پەقەت رېستوران خوجايىنلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ئىنسانلىق نۇقتىسىدىن تۇرغۇن ئوبۇلقاسىمنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە يول مېڭىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا، تۇرغۇنجان ئوبۇلقاسىمنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىگە 100% ئىشىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تۇرغۇن ئوبۇلقاسىمنىڭ تەقدىرى ھەققىدە چوقۇم ئائىلىسىگە مەلۇمات بېرىشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.