ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايلىق، نامرات ئۇيغۇرلار ۋە خىتاينىڭ مۇقىملىق سىياسىتى

ئۇيغۇرلار زور مىقداردىكى يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرى بىلەن قاپلانغان زېمىندا ياشاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە ئىشسىزلىق، نامراتلىق ئىچىدە خىتايدىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيىسىدە تۇرۇۋاتماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.01.15
Tarim-nefitligi-305 ئۇيغۇر دىيارى تارىم ۋادىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۈستىدىكى نېفىتلىك.
AFP Photo

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ رايوندا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ئورنىغا، "مۇقىملىقنىڭ ھەممىدىن مۇھىم"لىقىنى تەكىتلەپ بۇ رايوندا ئامانلىق قوغدىغۇچى ساقچى - ئەسكەرلىرىنى كۆپەيتمەكتە.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىم نېفىتلىكىدە بايقالغان تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارى 1 تىرىليون 400 مىليارد كۇپمېتىر يەتكەن بولۇپ، بۇ، خىتاينىڭ تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنى 30 يىلغىچە بىخەتەر ھالدا تەمىنلەشكە يېتىدىكەن.

2009 - يىلى تارىم نېفىتلىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گاز مىقدارى 16 مىليارد 190 مىليون كۇپمېتىر يەتكەن بولۇپ، ئىچكى ئۆلكىلەردە تارىم نېفىتلىكىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گازدىن پايدىلىنىۋاتقان كارخانىلارنىڭ سانى 3000 غا، ئاھالىلەرنىڭ سانى بولسا 300 مىليونغا يېقىن كىشىگە يەتكەن. بۇ پەقەت تارىم نېفىتلىكىدىن ئىبارەت بىر رايوندىكى نېفىت ۋە تەبئىي گازنىڭ ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان سىتاتىستىكىسى بولۇپ، بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈر، تەبىئىي گاز، ئۇران، ئالتۇن، قاشتېشى، پاختا قاتارلىق بايلىقلىرىمۇ نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ سانائەت تەرەققىياتى ئۈچۈن خام ئەشيا قىلىنماقتا.

ئەمما مۇشۇ بايلىق ئۈستىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى بولسا، خىتايدىكى ئەڭ تۆۋەن ھالەتتىكى تۇرمۇش سەۋىيىسىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندا چەتئەلگە چىققان بىر خانىم بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز زېمىنىدىكى بۇ بايلىقلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئەڭ ئېچىنىشلىق ھالەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك ھۆكۈمىتى بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆز زېمىنىدىن چىقىۋاتقان ئاشۇ بايلىقلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ياخشىلاشنىڭ ئورنىغا، بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى "تۇرمۇشىنى ياخشىلايمىز" دېگەن باھانىدە تۈركۈم - تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكىمەكتە. ھەتتا بۇلتۇر 26 - ئىيۇن كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شياۋگۈەن ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈشىدەك پاجىئە سەۋەبىدىن، ئۈرۈمچىدە پارتلىغان "5 - ئىيۇل" نارازىلىق ھەرىكىتى يۈز بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدە ئېغىر داۋالغۇش يۈز بەرگىنىدىن كېيىنمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگەن.

بۇلتۇر 18 - ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن رەئىسى نۇر بەكرى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يەنە بىر تۈركۈم ياش ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئەۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: "بىز ھازىر ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ھەر يىلى 3 -4 يۈز مىليون مەبلەغ ئاجرىتىپ، دېھقان ئەمگەكچىلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلەپ، ئۇلارنى ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئەۋەتىۋاتىمىز، مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۇلارنىڭ بىر ئايلىق كىرىمى 1500 دىن 2000 يۈەنگىچە بولۇۋاتىدۇ."

ئەمما ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بۇ سىياسەتكە بولغان نارازىلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئەينى چاغدا ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئۆز قىزىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولغان بىر دېھقان، دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىلمىشىغا نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمىتى خەلقتىن كېلىۋاتقان بۇ خىل نارازىلىق سادالىرىنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى دەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ خىل نارازىلىقلارنىڭ خەلق تۇرمۇشىنىڭ نامراتلىقىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى تەكىتلەپ، ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىنىڭ تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولىۋاتماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە يوللىغان 2010 - يىللىق خام چوت پىلانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ساقچى -ئەسكەرلەرنى كۆپەيتىش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ بىخەتەرلىك خىراجىتىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلغان. نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىملىقنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: "شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇقىملىقىنىڭ كاپالىتى، شىنجاڭدا مۇقىملىق بولمىسا تەرەققىياتتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بىز مەركەزنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى قاتتىق باستۇرۇپ كېلىۋاتىمىز."

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۈگۈن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بايلىقى مول بولغان بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دەك پاجىئەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ھەقىقىي ئامىل ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر شارائىتتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماي يەنىلا مۇقىملىقنى تەكىتلىشىنىڭ، ئەكسىچە بۇ زېمىندا بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپلىگەن مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆزەتكۈچىلەر، بايلىقى مول بولغان بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا نامرات ھالەتتە قېلىشى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئەھۋالىدا تېخىمۇ كۆپ ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بولۇپ، نيۇيوركتىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى خې چىڭليەن خانىم ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: " بۇ خىل مۇقىمسىزلىقلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدە، ئۇلارنىڭ ھەق -ھوقۇقلىرىنى تارتىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ زىيادە ئېچىلىشى، كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يۆتكەپ كېلىنىشى بۇ زېمىندىكى خەلقنىڭ ياشاش مۇھىتىنى بارغانچە يامانلاشتۇرۇپ، خەلقنى نامراتلاشتۇرۇۋەتتى. مېنىڭچە، مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسى سەۋەب."

ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل تەنقىدلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى قوبۇل قىلمىغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ، قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى يەنىلا داۋاملاشتۇرماقتا. تۈنۈگۈن خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇقىرى سوتىنىڭ باشلىقى روزى ئىسمائىل 2009 - يىلى بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر قايسى يەرلىك سوت مەھكىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا پۈتكۈل ئاپتونوم رايونى بويىچە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان دېلو 437 بولۇپ، 10 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ 255 ئادەمگە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

بۇ مەسىلىگە قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، بۈگۈن ب ب س ئاگېنتلىقى ھەم ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇندىن بۇيان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ قېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ "5 - ئىيۇل ھەرىكىتى"نى باھانە قىلىپ، بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، روزى ئىسمائىل دېگەن بۇ سان ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە باستۇرۇۋاتقان، ئۆلتۈرۈۋاتقان ئادەملەرنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئەڭ كىچىك بىر بۆلۈكىدىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.